تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇنساگۈل غوپۇر كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، زاۋۇتتىكى ئاچا - سىڭىللار بىلەن بىللە كىيىم تىكىۋاتاتتى.

2017 - يىلى 5 - ئايدا، يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە ماكانلاشقان بۇ توقۇمىچىلىق شىركىتى تۇنساگۈل قاتارلىق بىر تۈركۈم يېزا ئاياللىرىنى كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندۇردى، مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. 2016 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلەغ تۈرىدە ئېغىر نامرات ناھىيە، نامرات كەنت، نامرات ئاممىغا مايىللىشىشتا چىڭ تۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر جەمئىي 61 مىليارد 706 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 7040نى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى 40 مىليارد 855 مىليون يۈەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى 3720.

كەسىپ ئارقىلىق «قان ئىشلەش» ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇردى

«ئىلگىرى يەر تېرىپ بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپاتتىم، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. ھازىر خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز كەسىپلەر باغچىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىمىز، ئايلىق كىرىمىمىزنى قوشقاندا 7000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بىز شەھەردىن ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.» ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى يازلۇ كەنتىدىكى تۇرسۇنجان جۈرئەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىر بىلەن ئاتۇش شەھىرى كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسى ئۆز تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەردىن بەھرىمەن بولدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، دېھقانچىلىققا ماس كەلسە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، سانائەتكە ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ساياھەتچىلىككە ماس كەلسە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش»تىن ئىبارەت كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىدىيەسىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئىچكىرى رايونلاردىكى 5000دىن ئارتۇق كارخانىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئاساسى ۋە ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرگە يۈزلىنىپ دائىملىق سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شەندۇڭ رۇيى، چىڭداۋ جىفا قاتارلىق ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ سىجىل تۈر تۇرغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ خېنەن 2010 - يىلى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ بېيجىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، «بەش چوڭ سانائەت باغچە رايونى» قۇردى...

سانائەت باغچە رايونلىرى قەد كۆتۈردى، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈركۈم - تۈركۈم تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغاردى

«كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، كەلپىندىن چىقىدىغان بۇغداينىڭ سۈپىتى ياخشى، يېشىل، ئۇنىڭدىن پىششىقلانغان ئۇن خۇجوۋدىكى پۇقرالارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى!» جېجياڭ مەيبافۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى شى ۋېيخۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى ئۇ كەلپىن ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جېجياڭغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن.

جېجياڭ مەيبافۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى «10 شەھەر، 100 دۇكان» تۈرى بويىچە خۇجوۋدىكى شەھەر دەرىجىلىك تىجارەت كارخانىسى بولۇپ، 2020 - يىلى 6 - ئايدا نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش سۇپىسى − «نامراتلارنى يۆلەش 832»دە رويخەتكە ئالدۇرغانىدى، يېرىم يىلدىلا كەلپىننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن 20 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق ساتتى.

«شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بىزگە يول ئېچىپ، سۇپا ھازىرلاپ بەردى، يەكەن ئالمىسىنىڭ شاڭخەيدە سېتىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى، يىللىق سېتىلىش مىقدارى 400 توننىدىن ئاشىدۇ» دېدى يەكەن ناھىيەسى لېيى مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ليۇ ۋېنخۇي.

ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى، نامراتلارنى يۆلەش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى خاس چوڭ سوۋغىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بۇلتۇر يەكەننىڭ جەمئىي 150 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەرگەن.

نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سۈپىتى ياخشى بولسىمۇ سېتىلماي قېلىشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كۆرگەزمە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار بىلەن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى. شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» تۈرى، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە «10 شەھەر، 100 دۇكان» تۈرى ھەمدە «بېيجىڭ - خوتەن ناملىق» «خاربىن - ئالتاي ناملىق» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى، «كورلا نەشپۈتى ناملىق» «ئاق ئۆرۈك ناملىق» قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى خاس مەھسۇلاتلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ بازارغا يۈزلەندى، سېتىش يولى بار بولدى، نامرات ئامما كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىغا ئىگە بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى مەزگىلىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزى، مەخسۇس ئايروپىلانى، تور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ تەخمىنەن 50 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىشىغا، سېتىش سوممىسىنى تەخمىنەن 700 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشىگە ياردەم بەرگەن.

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بەخت تۇيغۇسىغا تولدۇردى

«ھازىر تۇرالغۇ شارائىتىمىز ياخشىلىنىپلا قالماي، كەنتنىڭ مۇھىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئاسفالت يوللار تۇتاشتۇرۇلدى، يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى...» تۇرالغۇ شارائىتى ۋە مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تاشۋېلىق يېزىسى بەيسەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ دېۋېن باش بارمىقىنى چىقاردى. 2019 - يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردەم بېرىشى، يۆلىشىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسى 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆي سالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭ دېۋېننىڭ ئۆيىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق، ئىشىكتىن چىقسىلا ئاسفالت يول بار، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى.

خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئەسلىي ئورنىدا قايتىدىن قۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى تاللاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمىن ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەردى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇشقا جەمئىي 97 مىليون 900 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ قومۇل شەھىرىنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، جەمئىي 921 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىزچىل تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مەۋقە ۋە مەقسەت بولۇپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇردى.

نۆۋەتتە، 4 - تۈركۈمدە تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش ئەترىتى خوتەن ۋىلايىتىدە شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياردەم بېرىۋاتىدۇ. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، تيەنجىن شەھىرىدىكى تيەنجىن دوختۇرخانىسى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «دوختۇرخانا بۆلۈمنى ھۆددىگە ئېلىش» «سۆڭەك كېسەللىكلىرى مەخسۇس بۆلۈملىرى ئىتتىپاقى» قاتارلىق ياردەم بېرىش كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى. تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، تيەنجىن دوختۇرخانىسى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان داۋالاش تېخنىكىسى جەھەتتە ياردەم بەردى - يۆلىدى. پەنلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىرقاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تېخنىكىسى ۋە سەۋىيەسىدە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.