تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ياشلىق باھارى گۈللىرىنى بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

كۈرەش قىلىش ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رېڭى. ياش بىر ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ.

«زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن بىر يۆنىلىشتە تەڭ ماڭىدىغان، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىر ئەۋلاد بولۇپ، ئۇلار گۈللەنگەن دەۋرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ ياشلار تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئېسىل ئەخلاقنى تونۇپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىپ، زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ، ياشلىق باھارى گۈللىرىنى ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ سەمىمىي سۆز، سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، كەڭ ياشلارنىڭ ئارزۇ ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان جۇشقۇن كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. ياشلىقتىكى غايە، ياشلىقتىكى ھاياتىي كۈچ، ياشلىقتىكى كۈرەش جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ياشلىقنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى نامايان قىلدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلىق ناخشىسىنى پۈتتى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت ئىش ئورنىدا، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، شەخسنىڭ غايە ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈردى... كەڭ ياشلار ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ياشلىرى ئۇلۇغۋار غايە - ئارزۇغا ئىگە ياشلار، چوڭقۇر ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىگە ئىگە ياشلار، ئۇلۇغ ئىجادچانلىق كۈچىگە ئىگە ياشلار. مەيلى بۇرۇن، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، جۇڭگو ياشلىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارت كۈچ.

دەۋر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، بىز ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىمىز. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرماقتا، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ھەم تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتىگە يۈزلەنمەكتە، ھەم «دەۋر زىممەمگە مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى» دېگەن دەۋر بۇرچىغا يۈزلەنمەكتە. بۇ دەۋرنى قەدىرلەپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جەريانىدا چېنىقىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياشلىق باھارى گۈللىرىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭ زېمىنىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتتىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىشتەك جەسۇرانە قىياپەتنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇش كېرەك.

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيەتچانلىقى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «كەڭ ياشلار ۋەتەننى سۆيۈپ، خەلقنى سۆيۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىن ئېتىقادىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلھام ئېلىپ، كۈچ ئېلىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان، سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قەتئىي غايە تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئەخلاق - پەزىلىتىنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ روھنى تاۋلاپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەق - ناھەق، توغرا - خاتانى ئېنىق ئايرىپ، ئۆز ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەنزىللىك، تېخىمۇ سەۋىيەلىك كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىشكە ئىرادە باغلىشى كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋرنىڭ ئېقىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ھارماي - تالماي، زور ئىشتىياق بىلەن بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش جەريانىدا قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالغاندا ھەرىكىتى سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.» كەڭ ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپ بويىچە، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەردىن، يول ئاچقۇچىلاردىن، ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولغاندىلا، چوقۇم پارتىيەنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايدۇ، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەختى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى جەزمەن ۋە مۇقەررەر زىممىگە ئالىدىغان مۇھىم ۋەزىپە. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچىلىككە ئىنتىلگەندە، كەڭ ياشلار جەزمەن ياشلىق باھارى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق دۇنيادا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بىزنىڭ كۈرەش قىلىشىمىز داۋامىدا ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.