تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا ئېتىقادنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلھام ئېلىپ، كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى تاۋلاپ، تىرىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» قاتارلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن خىسلىتىنى ساقلاش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار - سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنقىلاب روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ساقلاش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ داۋلىنى بىلىش داۋامىدا نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى چىڭىتىپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش داۋامىدا قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داۋامىدا بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئىلھام سابىر لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ياڭ يۇڭ، نۇرۇم ئىسمايىلخان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.