تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاستا پويىزدىكى قەلبنى ئىللىتقان «بازار»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

«يولۇچىلار، ياخشىمۇ سىلەر! خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان 7558 - قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرغىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز...» 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 10دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ھاۋا تەڭشىگۈچىسى بار بىر پويىز خوتەن ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا يولغا چىقىپ، 30 سائەت 38 مىنۇتقا سوزۇلىدىغان سەپەرنى باشلىدى.

پويىز باشلىقى پولاتخاننىڭ بۇ پويىزدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 13 يىل بولغانىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربى ئارىسىدا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بۇ پويىز ئومۇمىي مۇساپىسىدە 88 توختاش ۋوگزال نۇقتىسىدىن، يولۇچىلار چىقىپ چۈشىدىغان 24 ۋوگزالدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 30 مىنۇتتا بىر بېكەتتە توختايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىرغىچە بار بولغان سانى كۆپ بولمىغان ئاستا سۈرئەتلىك پويىز بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ پويىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىنى ئۈستىگە ئالغان «كۆچمە بازار پويىزى» ھېسابلىنىدۇ.

«ھەرقايسى يولۇچىلار، بۇ قېتىملىق پويىزنىڭ قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگونى ۋە كارىۋاتلىق ۋاگونلىرىدا بىردەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ كۆرۈش، باھالاش سۇپىسى تەسىس قىلىنغان. بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز خوتەن ياڭىقى بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز...» پويىز يولغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، پويىز رادىيوسى يەنە ياڭرىدى.

7558 - قېتىملىق پويىز خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، بايىنغولىن، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ. پولاتخان مۇنداق دېدى: بۇ پويىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ كۆرۈش، باھالاش سۇپىسى تەسىس قىلىشى لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر.

پويىزدىكى رادىيونى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىرنەچچە يولۇچى 12 - ۋاگونغا تەسىس قىلىنغان تېتىپ كۆرۈش، باھالاش سۇپىسىغا كېلىپ، ياڭاقنى تېتىپ كۆرۈپ ئىنتايىن رازى بولۇپ، 11 كىلوگىرام سېتىۋالدى.

بۇ ياڭاقلارنىڭ ئىگىسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى لەڭگەر بازىرى ئاقھويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرۇسۇل ئىسمايىل ئىدى. 4 - ئاينىڭ 19 -كۈنى، ئۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ خوتەنگە تۇغقانلىرىنى يوقلىغىلى باردى، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يەنە 7558 - قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. «ماڭىدىغان چېغىمدا، پويىزدا ياڭاق ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، سىناپ باقماقچى بولدۇم، ئويلىمىغان يەردىن راستىنلا پويىزدا ياڭاق ساتتىم. بۇ پويىز گەرچە ئاستا ماڭسىمۇ، لېكىن بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى <تېز پويىز>غا چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ئابدۇرۇسۇل.

بىر قېتىملىق بېرىپ كېلىشىدە، ئابدۇرۇسۇل 350 نەچچە يۈەنلىك ياڭاق ساتتى. تاغاردىكى ياڭاقنىڭ بارغانسېرى ئازلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم بارغانسېرى كۆپەيدى.

ئابدۇرۇسۇلنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمغا قاراپ، پولاتخاننىڭ ئېسىگە 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قەشقەردىن پويىزغا چىققان بىر ئۇيغۇر بوۋاي كەلدى. 70 نەچچە ياشلىق بۇ بوۋاي 20 دوپپا ئېلىۋالغان بولۇپ، پويىزدا ساتماقچى ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان پولاتخان بوۋاينىڭ دوپپىلارنى سېتىشىغا ياردەم بەردى. خوتەن شەھىرىگە بېرىپ پويىزدىن چۈشكىچە، بوۋاي ئون دوپپا ساتتى.

مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئىگىلىشىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ كۆرۈش، باھالاش سۇپىسى تەسىس قىلىشنى پولاتخان 2018 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ئەينى چاغدا، پويىز لىنىيەسى بويىدىكى ياڭاق، ئانارلار پىشقان ئىكەن، پولاتخان دېھقانلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پويىزدا «كىچىك بازار» ئېچىش ئويىغا كەلگەن. پولاتخان بۇ پويىزغا ئولتۇرغان دېھقانلارغا مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: پويىزدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتساڭلار بولىدۇ، پويىز خادىملىرىمۇ ياردەملىشىپ تەۋسىيە قىلىپ بېرىدۇ!

بارا - بارا، ساياھەت قىلىدىغان ياكى سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىققان يولۇچىلاردىن باشقا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دېھقانلار بۇ پويىزنىڭ «دائىملىق مېھمىنى» بولۇپ قالدى. «بىزنىڭ پويىزدا <ياڭاقچى ئاكىلار>، <ئانارچى ئاكا - ئۇكىلار> بار، يەنە چالغۇ ساتىدىغانلارمۇ بار.» پولاتخان مۇنداق دېدى: ئۇلار دائىم ۋاگوندا تەمبۇر قاتارلىق خاس چالغۇلارنى چېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ، ناخشا ساداسى پويىز ئاۋازىنى بېسىپ كېتىدۇ.

پويىز ئۇچقاندەك مېڭىپ، لىنىيە بويىدىكى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا يېڭى سېتىش يولى ئاچتى، پويىزنىڭ ئۆزىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولدى.

2008 - يىلى بۇ پويىزدا يېڭى خىزمەت قىلغان چاغدىكى مەنزىرە پولاتخاننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە. ئۇ چاغدا، بۇ پويىز «يېشىل ۋاگون»لۇق بولۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچىسى يوق، قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق ئىدى، پويىزنىڭ دېرىزىلىرى ھىم ئېتىلمەيتتى، قۇم - بوران پەسلىگە توغرا كېلىپ قالغاندا ۋاگونلار ئادەم قېقىلىپ كەتكۈدەك چاڭ - توزان بىلەن تولاتتى، پويىز دېرىزىسى ئەتراپىغا بىردەمدىلا قېلىن قۇم - توپا يىغىلىپ كېتەتتى.

2019 - يىلى 4 - ئايدا، بۇ پويىزنىڭ ۋاگونلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ۋاگونغا ئۆزگەرتىلىپ، پويىزغا ئولتۇرۇش مۇھىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، لېكىن بېلەت باھاسى ۋە يول بويىدىكى توختاش ۋوگزاللىرىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، يەكەن - پوسكام، پوسكام - قاغىلىق قاتارلىق بىرقانچە رايون ئارىلىقىنىڭ پويىز بېلىتى ئاران بەش يۈەن بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلار تەرىپىدىن «ۋىجدانىي بېلەت باھاسى» دەپ تەرىپلەندى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملاندى، لېكىن بۇ <ئاستا پويىز> بۇرچىنى داۋاملىق ئادا قىلماقتا. بىز تۆمۈريول لىنىيەسى بويىدىكى ئاممىغا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىپ، بۇ پويىزنى لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ نەزەرىدىكى <قەلب ئىللىتىش پويىزى>، <بېيىش پويىزى>غا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى بەختلىك باھارغا باشلاپ ماڭىمىز» دېدى پولاتخان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.