گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ داچۈەن تاتار يېزىسى داچۈەنخۇ كەنتى:
«بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز سىز كۆرگەندىكىدىنمۇ ياخشى»
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا
نەچچە ئون مو يەر تېرىيدىغان، بىر توپ كالا - قوي باقىدىغان نۇرئاسىل بايموللانىڭ قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان كىچىك ھويلىسىدا، بىرنەچچە سىرداش دوست جەم بولۇپ مۇڭداشماقتا ئىدى... 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ داچۈەن تاتار يېزىسى داچۈەنخۇ كەنتىگە كاماندىروپكىغا بارغان جاڭ كەي ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغۇم بار» دېدى. كەنت ئاھالىسى نۇرئاسىل بايموللا بۇنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز سىز كۆرگەندىكىدىنمۇ ياخشى!» دېدى.
ئەر - خوتۇن قول تۇتۇشۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى
نۇرئاسىلنىڭ ئۆيى داچۈەنخۇ كەنتىنىڭ كەنت ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئېغىزلىق بىر قەۋەتلىك ئۆيى ئىككى ياتاق ئۆي ۋە ئايرىم ئاشخانا، تازىلىق ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، ئۆينىڭ ئالدى كۆكتاتلىق، ئۆينىڭ ئارقىسى چارۋا مال قوتىنى بولۇپ، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى بەش مو كېلەتتى. بۇنداق تۇرالغۇ شارائىتى داچۈەنخۇ كەنتىدە ھەتتا پۈتكۈل داچۈەن تاتار يېزىسىدا ئۆلچەملىك سەپلىمە ئىدى.
كەچقۇرۇن، نۇرئاسىل ئارقا ھويلىغا چىقىپ، كالا - قويلىرىغا يەم - خەشەك سېلىپ، سۇ قويۇپ بەردى. «مەن 30 كالا، 20 قوي باقتىم، بۇ تۈردە يىلىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا ئالىمەن.» نۇرئاسىلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كالا - قوي بېقىپ تاپقان پۇلى بىلەن ئىككى ئوغلىنى داشۆدە، چەت ئەلدە ئوقۇتۇپتۇ.
5 - ئاي كېلىپ تاغدىكى ئوت - چۆپ ئېگىز ئۆسكەندە، نۇرئاسىل كالا - قويلىرىنى تاغقا چىقىرىدۇ، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا قايتۇرۇپ كېلىپ ساتىدۇ. «ئوتلاقتىن كەنتكىچە بولغان ئارىلىق 35 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاسفالت يولدا مېڭىش ئاسان، ۋاقتى كەلگەندە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىنى كىرا قىلىپ، بىر قېتىمدىلا توشۇپ بولغىلى بولىدۇ» دېدى نۇرئاسىل.
باقمىچىلىقتىن سىرت، نۇرئاسىلنىڭ يەنە 50 مو يېرى بار بولۇپ، ئاساسلىقى سىلوس قونىقى ۋە بۇغداي تېرىيدۇ. نۇرئاسىلنىڭ خوتۇنى بىر كىچىك تاللا بازىرى ئاچقان بولۇپ، يەنە تاتار كەشتە بېزەك بۇيۇملىرىنى كەشتىلەپ ساتىدۇ. «بۇ بىرقانچە تۈرنى قوشقاندا خېلى ياخشى پايدا ئالغىلى بولىدۇ» دېدى نۇرئاسىل مۇخبىرغا.
قۇياش غەربكە پاتقاندا، بىرنەچچە قوشنا نۇرئاسىلنى يوقلاپ كىردى، كۆپچىلىك پېشايۋان ئاستىدا ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى كۆكتاتلىقتا بىرنەچچە تۈپ ئۆرۈك دەرىخى بەس - بەستە چېچەكلىگەنىدى.
قېرىنداشلار بىر نىيەتتە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى
نۇرئاسىل قوشنىلىرى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندا، كەنت ئاھالىسى ئىلياس كەنجىباي بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتنى كۈتۈۋالدى، ئۇ تۆگىلەرگە يەم بەردى، سۈت ساغدى، ئاندىن خېرىدارلىرىنىڭ ئەتىسى ئۆيىگە كېلىپ ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن يېڭى تۆگە سۈتىنى يېڭى پېتى ساقلاش ئىشكاپىغا سېلىپ قويدى. ئىلياس ئاكىسى سىماقول كەنجىباي بىلەن شېرىكلىشىپ بىر تۆگە باقمىچىلىق مەيدانى ئاچقان بولۇپ، نۆۋەتتە 100 تۆگىسى بار.
ئىلياس مۇخبىرغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: ھەربىر ھىنگان تۆگە ھەر كۈنى ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا سۈت بېرىدۇ، باقمىچىلىق مەيدانىدا ھەر كۈنى جەمئىي 60 كىلوگىرام تۆگە سۈتى سېغىلىدۇ، ھازىر ھەر كىلوگىرام تۆگە سۈتىنىڭ سېتىلىش باھاسى 30 يۈەن، «بۇ تۆگە باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ بىر يىللىق پايدىسى 600 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ».
ئىلياسنىڭ دېيىشىچە، 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىلا، ئۇ ئاكىسى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، تېخنىكا، مەبلەغ جەھەتتىن يۆلىشىدە، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن تۆگە باقمىچىلىقى يولىغا مېڭىپتۇ. «تۆگە باققاندا يەمنى يېتەرلىك بېرىپ، سەمرىشىنى ياخشى كونترول قىلسىلا بولىدۇ، تۆگە سۈتى، تۆگە يۇڭى، تۆگە تىۋىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى» دېدى ئىلياس.
ئىلياس بىلەن ئاكىسىنىڭ تۆگە بېقىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى. ئۇلار بىر تۈركۈم ئېلېكتىرونلۇق سۈت سېغىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۆگە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى تۆگە سۈتى، تۆگە گۆشى، تۆگە تىۋىتى سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەشكە تەييارلىنىۋېتىپتۇ.
مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈردى
نۇرئاسىل، ئىلياس ئاكا - ئۇكىلارنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇشى داچۈەن تاتار يېزىسىدىكى ئاھالىلەر تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، داچۈەن تاتار يېزىسىدا جەمئىي 1337 ئائىلىلىك ئاھالە بار بولۇپ، 2020 - يىلى كىشى بېشى ساپ كىرىمى 18 مىڭ 596 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 905 يۈەن ئاشقان. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆسكەن، بۇ يېزىنىڭ كادىرى بايدۇللا ئەخمەت بۇنىڭ گۇۋاھچىسى.
بايدۇللا داچۈەن تاتار يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، نۆۋەتتە يېزىلىق ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىدۇ. «ئىلگىرى، يۇرتداشلار بالىچاقىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تاغدا سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلاتتى، كىرىمى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇراقسىز، تۇرمۇش مۇھىتى جاپالىق ئىدى، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق شارائىتلىرى ئارقىدا قالغانىدى» دېدى بايدۇللا.
بايدۇللا ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلغان چاغدا، دەل شىنجاڭدا چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلانغانىدى، سۇ مەنبەسى، يول، تۇرالغۇ، قوتان، تېرىلغۇ يەر، مەكتەپ، داۋالاش پونكىتى قاتارلىق «ئون بولۇش» ئۆلچەم قىلىنىپ، چارۋىچىلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلغانىدى.
بايدۇللا مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى ۋە تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا بېرىپ، چارۋىچىلارغا مۇقىم ئولتۇراقلىشىشنىڭ پايدىسى ۋە دۆلەت يولغا قويغان يۆلەش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ قۇدۇق قېزىشى، ئۆيلۈك يەر ئايرىشى، توك تارتىشى، سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىشىغا ياردەم بەردى... «بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، چارۋىچىلار ئاشلىق ياردەم تولۇقلىمىسى، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى، مۇكاپاتى قاتارلىق تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە قەدەم قويدى» دېدى بايدۇللا.