تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇنجى پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە 21 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلدى، 34 تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى

تۇنجى پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە 21 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېچىلغان 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە جەمئىي 21 مىليارد 971 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 160 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، 34 يېڭى قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلانغان.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى رېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە سۈرئەتنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەردە ئىش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زاپاس تۈرلەردە ئالدىنقى باسقۇچنى چىڭ تۇتۇش» خىزمەت تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتتىكى ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتتە ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، تۈرلەردە «بالدۇر پىلانلاش، بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر ئۈنۈمىنى كۆرۈش»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتتى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرىدىن 350 تۈرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، جەمئىي 1 تىرىليون 649 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش، 240 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى، ساھەلەر بويىچە قارىغاندا، 1 - پەسىلدە سۇچىلىق تۈرىگە 1 مىليارد 130 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %7.40ىگە توغرا كەلدى؛ قاتناش تۈرىگە 3 مىليارد 623 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %4.81ىگە توغرا كەلدى؛ ئېنېرگىيە تۈرىگە 10 مىليارد 821 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %13.9ىگە توغرا كەلدى؛ كەسىپ تۈرىگە 1 مىليارد 830 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %7.2ىگە توغرا كەلدى؛ خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە 4 مىليارد 567 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %9.43ىگە توغرا كەلدى.

يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەر، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرى، زاپاس تۈرلەر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە قەرەلىدە قۇرۇلۇش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زاپاس تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى؛ نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. بۇ يىلنىڭ ئىچىدە قەشقەردىكى «بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە»دە شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى، G575 لىنىيەسىدىكى باركۆل - قومۇل تاشيولى، G7 لىنىيەسىدىكى باركۆل - مورى تاشيولى قۇرۇلۇشى تۈرى، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى ۋە قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق يانداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى تىرىشىپ تاماملايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.