تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇملۇقتىكى ئائىلىلەر قۇمنى «ئالتۇن»غا ئايلاندۇردى

خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى كۇچا كەنتى:

قۇملۇقتىكى ئائىلىلەر قۇمنى «ئالتۇن»غا ئايلاندۇردى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى كۇچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايشەم تۇردىمەمەت ئورنىدىن تۇرۇپلا پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى سۈپۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق كۆردى. 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ھويلىغا ئۈزۈم بارىڭى ياسالغان بولۇپ، گۈللۈك خىش ياتقۇزۇلغان پىيادىلەر يولى ھويلا ئىشىكىدىن ئۆي ئىشىكىگىچە تۇتاشتۇرۇلغانىدى. ئۆي ئىچىدە سافا، چاي ئۈستىلى، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، يەرگە فارفۇر خىش ياتقۇزۇلغان، تاملار ئەنئەنىۋى ياغاچ ئويما بىلەن بېزەلگەنىدى.

كۇچا كەنتى قۇملۇق توغراق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولۇپ، ھاۋا ئىسسىپ، ساياھەتچىلەر بارا - بارا كۆپەيدى. ئايشەم تىجارەت قىلىۋاتقان «قۇملۇق ئائىلىسى» پۇقراۋى قونالغۇسى تۇرۇشلۇق كوچىدا، يەنە «ناۋايلار ئائىلىسى» «تۆمۈرچىلەر ئائىلىسى» قاتارلىق خاسلىققا ئىگە پۇقراۋى قونالغۇلار بولۇپ، كەنتتىكى بىر يارقىن مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلانغانىدى.

قۇملۇقتا تىرىكچىلىك قىلىش

ئات مىنىش، تۆگە مىنىش، قۇمدا سىيرىلىش، پۇقراۋى قونالغۇ كوچىسىغا كېلىپ ئارام ئېلىش، تاماق يېيىش... ھەر قېتىم بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ياكى ھەپتە ئاخىرلىرىدا، كۇچا كەنتى ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ.

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن ئىلگىرىكى كۇچا كەنتى بۇنداق ئەمەس ئىدى، بۇ يەردە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمەيتتى، نېمىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىش كېرەك؟ كونىلاردا تاغدا ياشىساڭ تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىل، سۇ بويىدا ياشىساڭ سۇغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىل، دەيدىغان تەمسىل بار، قۇملۇقتا ياشىسا ئەلۋەتتە قۇملۇققا تايىنىپ «تىرىكچىلىك قىلىش» كېرەك. لېكىن قانداق «تىرىكچىلىك قىلىش» كېرەك؟

شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدىن كۇچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ما جياڭتاۋ مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 15 كىلومېتىر، ئايرودۇرۇم بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر، ۋوگزال بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران ئون كىلومېتىر بولۇپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئۆزگىچە تەبىئىي بايلىق ۋە ئاددىي - ساددا يېزا - كەنت قىياپىتىنى چۆرىدەپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دېھقانلار ئۆرپ - ئادەت كەنت - مەھەللىسى بەرپا قىلىش بۇ كەنتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئالدىن تاللاشقا ئايلاندى.

كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20 نەچچە ساياھەت كارخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتى، ھالبۇكى قارشى تەرەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن جاۋاب بەرمىدى. ما جياڭتاۋ ئۇياق - بۇياققا قاتىراپ يۈرۈپ، خوتەندىكى بىر يەرلىك كارخانا بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇ كەنتنىڭ قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بۇ كارخانىنى ھاياجانغا سالدى، بۇ كارخانا 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۇچا كەنتىنىڭ قۇملۇق ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

قۇملۇق توغراق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، تۇنجى كۈنىلا 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كەلدى. كەنت ئاھالىسى بۇخەدىچە مەتروزى باشلامچىلىق بىلەن «توغراق كىشىلىرى» پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلغان مەزگىلدىلا ئايلىق ساپ كىرىمى 3000 يۈەنگە يەتتى. ئەمەلىي نەپنى كۆرگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلىدە ئىشەنچ پەيدا بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساياھەت ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئايشەم قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرىمۇ پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىش قوشۇنىغا قوشۇلدى.

2019 - يىلى، تارىمنى ئايلىنىش ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسى قۇملۇق توغراق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونىغا جەلپ قىلىندى ھەم ئاخىرقى بېكەت مەنزىرە رايوندىكى تارىمنى ئايلىنىش لاگېرىدا ئۇزاققىچە تەسىس قىلىنىدىغان بولدى. شۇ يىلى، پائالىيەت مەزگىلىدىلا مەنزىرە رايونى 200 مىڭ ئادەم قېتىمنى جەلپ قىلدى.

كەنت تارىخى سارىيى كۆرگەزمە تاختىسىدىكى تۈۋرۈكسىمان خەرىتە كوچا كەنتىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى: 2017 - يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5982 يۈەن ئىدى، 2020 - يىلى 11 مىڭ 223 يۈەنگە يەتتى.

جەلپكارلىقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش

«تېز كېلىپ سېتىۋېلىڭلار، يېڭى قوي گۆشى!» ھەر كۈنى ئەتىگەندە، مەرھابا ئابدۇكېرىم جاراڭلىق ئاۋازدا توۋلاپ خېرىدار چاقىرىدۇ، «مەن ئىلگىرى ئۆيدىلا ئولتۇراتتىم، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بالا بېقىپ، چوڭلارغا تاماق ئېتەتتىم، پۇل تاپىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئېرىم چاپاتتى».

كۇچا كەنتى ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدا سامسا دۇكىنى، كالا، قوي گۆشى دۇكىنى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى دۇكىنى بار... ئون نەچچە دۇكان ئەتراپتىكى يېزا - كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەرنى نۇرغۇن قولايلىق بىلەن تەمىنلىدى.

«ئۇسسىغانلار ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ، قورسىقى ئاچقانلار غىزالىنىدۇ، قايتىدىغان چاغدا يەنە ئازراق يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدۇ.» ما جياڭتاۋ مۇنداق دېدى: جەلپكارلىقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۇتقا بولۇش كېرەك.

كەنت بار ئاماللار بىلەن كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دېھقان - چارۋىچىلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، دېھقان - چارۋىچىلار كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتى، سېمونت بۇيۇملىرى زاۋۇتى ۋە ئىككى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

مەرھابا ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆيىدىن چىقىپ دۇكان ئېچىشقا بەل باغلىدى، «پۇل تاپالىسام، باشقىلارغا قولۇمنى سوزمايمەن، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدۇ.» ھازىر، ئۇ ھەر كۈنى 200 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ.

بۇ يىل كۇچا كەنتى 20 مىليون يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسى ۋە 1000 كىۋادرات مېتىرلىق ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق تۈرلەردە قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، خەنخەي «بېلىقچىلىق» شادلىق باغچىسى تۈرى ۋە كۆكتات ئۈزۈش، پارنىك سەيلە قىلىش تۈرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن سەيلە قىلىش، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشنىمۇ ئورگانىك بىرلەشتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۇچا كەنتىدە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى بىلەن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك شۇغۇللىنىدىغانلار 150 نەچچە كىشىگە يەتتى.

كەنت گۈزەل، كۆڭۈل توق

2020 - يىلى كۇچا كەنتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ باھالاندى. كەنتتە ماڭغاندا، تۈپتۈز كەتكەن كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چىرايلىق گۈل - گىياھلار تىكىلگەن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئازادە ھەم يورۇق ئىدى.

ياخشى ئىستىقبال بولۇش ئۈچۈن ياخشى مەنزىرە بولۇش كېرەك. كەنت قىياپىتىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزگەندىلا، ئاندىن ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالغىلى، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

«ھويلامنى ياسىغاندا، لايىھەلەش كېرەكلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» كەنت ئاھالىسى غازى رازى مۇنداق دېدى: «كەنت ياردەملىشىپ پىلانلاپ بەرگەندىن كېيىن، ھويلا يەنىلا شۇ ھويلا بولسىمۇ، لېكىن خۇددى يېڭى بىر جايغا كۆچكەندەك بولدۇق».

غازى ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش رايونى پاكىز، رەتلىك بولۇپ، سۆگەتگۈل، ئەتىرگۈللەر تىكىلگەنىدى. بۇ ئىككى كۈندە، تېرىقچىلىق رايونىدا تېرىلغان شياۋ بەسەي، چىڭسەيلەر بارماقچىلىق ئۆستى. باقمىچىلىق رايونى تۇرمۇش رايونىدىن يىراق، «كەنت كادىرلىرى ئادەم بىلەن چارۋىنى ئايرىغاندا تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ساغلام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى غازى.

مۇھىت ياخشىلاندى، غازىنىڭ كۆڭلىمۇ يورۇپ كەتتى، «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم تولۇقلىمىسى ئارقىلىق بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادە، يورۇق، سۇ، توك ئەسلىھەلىرى تولۇق يېڭى ئۆيدە ئولتۇرالىدۇق. ساياھەتچىلەر كەنتكە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ھەممىسى مېنىڭ ئۆيۈمنى چىرايلىق ئىكەن دېيىشىدۇ!» دېدى غازى مەغرۇرلانغان ھالدا.

بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەيدانى قۇرۇش، كەنت كوچىلىرىغا يول چىرىغى ئورنىتىش، كۆكەرتىش بەلبېغى تەسىس قىلىش، ئەخلەت ساندۇقى قويۇش... قاتار كەتكەن كەنت يوللىرى تۈپتۈز، رەتلىك بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينى گۈل - گىياھلار بىلەن ئورالغانىدى، كىچىك ئائىلىدىن چوڭ ئائىلىگىچە، كۇچا كەنتى بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. ما جياڭتاۋ مۇنداق دېدى: «كەنتنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇق».

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، كەنتنىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىپلا قالماي، ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. بىز غەيرەت قىلىپ ئىشلىسەك، ئاندىن بۈگۈنكى ياخشى كۈنلەرگە يۈز كېلەلەيمىز» دېدى ئايشەم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.