−ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقنى ئالاھىدە ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قارىغاندا بىرقەدەر ئاجىز بولغاچقا، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى. دۆلىتىمىز ئاياللار، مېيىپلەر، ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى قوغداش توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقاردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى ھەم تېزلىككە، ھەم ھارارەتكە ئىگە قىلدى.
دەل جايىدا كۈچەپ، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى
«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، ئاخىرقى ئۆمرۈمدە تۇرمۇشۇم ئىنتايىن بەختلىك ئۆتمەكتە.» 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرىنىڭ 81 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ساۋ خەييىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: جىمىسار ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق باشقۇرۇش مەركىزىگە كەلگەندىن كېيىن، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم، كېسەل كۆرسىتىش، دورا يېيىشىممۇ قولايلاشتى، ھەر ئايدا يەنە ياشانغانلار ياردەم تولۇقلىمىسى ئالىمەن.
2017 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «<بەشتە كاپالەتلىك> ياشانغانلارنى مەركەزلىك كۈتۈش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقاردى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەركەزلىك كۈتۈنۈشنى خالايدىغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك كۈتۈش نىسبىتى %100كە يەتتى، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتى %100كە يەتتى.
«ئاستا پويىز» چەت، يىراق تاغلىق رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى؛ تاغلىق رايونلاردا خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇپ، تاغلىق رايونلاردىكى دېھقانلارمۇ يان تېلېفوندا بىۋاسىتە كۆرسىتەلەيدىغان بولدى... ئاپتونوم رايونىمىز دەل جايىدا كۈچەپ، ئاسما يولنى كۆۋرۈككە ئۆزگەرتىش، يول مۇلازىمەت رايونىدىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»، ئېغىر مېيىپ بالىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلدى.
2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، «زۆرۈر بولغان تور سىرتىدىكى ئىش بېجىرىش يوللىرىنى تەسىس قىلىپ، ياشانغانلارغا نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش قاتارلىق قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مېيىپلەر ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى بولۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 100 مىڭ 280 مېيىپ كىشىنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت نىسبىتى %95كە يەتتى؛ 37 مىڭ 783 مېيىپ كىشىنى ياردەمچى ئەسۋابنى مۇۋاپىق سەپلەپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ياردەمچى ئەسۋابنى مۇۋاپىق سەپلەپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى %97كە يەتتى. مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە 54 مىليون 502 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھەر خىل مېيىپ بالىدىن 3061نى قۇتقۇزدى ۋە ياردەم بەردى، 2795 مېيىپ بالىنى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يەنە ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، 2020 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلتىماس قىلىنغان «ئىككى راك» قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلى 58 مىليون 110 مىڭ يۈەن بولۇپ، يېزىلاردىكى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان 5811 نەپەر نامرات ئايالنىڭ ھەربىرىگە 10 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى.
خىزمەت ئورنىدىكى ئاياللارنىڭ بالا ئېمىتىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش، ئېمىتىش ئۆيى قۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش، ئېمىتىش ئۆيىدىن 4622سى قۇرۇلغان بولۇپ، 182 مىڭغا يېقىن ئايال ئىشچى - خىزمەتچىنى قاپلىدى.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا قارىتا، 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «ئوچۇق - يورۇق بالا» ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئائىلىسى تۈرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. بۇ تۈردە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش شەكلى قوللىنىلىپ، تۆت جەمئىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى تاللىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 13 مەھەللىدە ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، جىسمانىي - روھىي ساغلاملىق، ئۆزىنى ئۆزى قوغداش تەربىيەسى، جەمئىيەتكە سىڭىشىش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەسىپلەشكەن، خاسلاشقان جەمئىيەت مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 10 مىڭ 923 مەيدان تۈرلۈك پائالىيەت قانات يايدۇرۇلدى، 65 مىڭ 738 ئادەم قاتناشتى.
مۇلازىمەت قولايلاشتى، ھارارەتكە تولدى
4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ۋوگزالى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» نۇقتىلىق يولۇچىلار مۇلازىمەت مەخسۇس رايونىدا، مۇخبىرلار يەتتە - سەككىز نۇقتىلىق يولۇچىنىڭ ئورۇندۇقتا تىنچ ئولتۇرغانلىقىنى، بىلىكىگە يېشىل لېنتا چىگىلگەنلىكىنى كۆردى. خىزمەتچى خادىم پات - پات خاتىرە دەپتىرىگە قاراپ، مەلۇم نۇقتىلىق يولۇچىنىڭ پويىزغا چىقىدىغان ۋاقتى توشۇپ قالغانلىقىنى بايقىسا، دەرھال چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ يولۇچىنى پويىزغا چىقىرىپ قوياتتى ھەم پويىز خىزمەتچى خادىمىغا نۇقتىلىق يولۇچىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى تاپىلايتتى.
«يېشىل لېنتا» مۇلازىمىتى ئۈرۈمچى ۋوگزالى يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت مۇلازىمەت سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ خاس مۇلازىمەت تەدبىرى بولۇپ، ياشانغانلار، ئاجىزلار، كېسەللەر، مېيىپلەر، ئېغىرئاياغلار قاتارلىق سانسىزلىغان نۇقتىلىق يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلدى.
ئەتراپلىق مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ئېلىپ كەلگىنى قولايلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىق بولدى.
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى بازار تىجارەت بۆلۈمى ياشانغان خېرىدارلار ئۈچۈن قولايلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئورۇندۇقى تەسىس قىلىپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش يولى ۋە توسالغۇسىز ئەسلىھە ھەمدە نەق پۇل، يىڭليەن pos، ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل چىقىم قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى، مۇلازىمەت بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ، ياشانغان خېرىدارلارغا مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىغا ياشانغانلارغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئورۇندۇقى سەپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتتى.
ئاپتونوم رايونىمىز ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە داۋالاش سەييارە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، 11 سەييارە داۋالاش ئەترىتى جەمئىي 491 مىڭ ئادەم قېتىم ھەقسىز كېسەل كۆرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 793 مىڭ كەنت ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزدى، تارقاتقان دورىنىڭ قىممىتى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. جەمئىي 1173 قېتىم تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خىزمەتچىدىن 15 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىمۇ كۈچلۈك يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكىلەر يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن جەمئىي تۆت تۈركۈمدە 777 كىشىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، ئاكادېمىك، داڭلىق دوختۇر مۇتەخەسسىسلەر ئىشخانىسىدىن 28نى قۇرۇپ، 1 مىليون 40 مىڭ ئادەم قېتىم كېسەلگە دىياگنوز قويۇپ - داۋالىدى، 1 مىليون 158 مىڭ ئادەم قېتىمنى كېسەلخانىدا داۋالىدى، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەر ناھىيە تەۋەسىدىلا ۋاقتىدا داۋالىنالايدىغان بولدى.
قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلدى
«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ». ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاھىدە كىشىلەر توپى پارتىيەنىڭ ياردەم بېرىشى - يۆلەش سىياسىتىدە، ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 8202 مېيىپ كىشىنى تەربىيەلىدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 22 مىڭ 705 مېيىپ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپ كىشى 160 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 120 مىڭ نامرات مېيىپ كىشىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بەرپا قىلغان شىنجاڭ مېيىپلەر مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپى بازىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى(تۆۋەندە «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى» دېيىلىدۇ) ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلدى. بۇ بازا مېيىپلەر ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مېيىپ كىشىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە يۆلەشنى نىشان قىلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى مېيىپ كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى»غا ئەمەلىي گەۋدە بويىچە 19 ئىشخانا ئورۇنلاشتى، كېلىشىم تۈزگەن ئىشخانىدىن ئونى مەۋھۇم ئورۇنلاشتى.
قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ «كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش» «كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش كاپالىتى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلەتتى، بۇنىڭ بىلەن «كىچىك كېسەللەرنى كەينىگە سۆرەيدىغان، ئېغىر كېسەللەرگە چىداپ ئۆتۈپ كېتىدىغان» ئەھۋال شىنجاڭدا كەلمەسكە كەتتى.
(مۇخبىر لياڭ لىخۇا، قاتناشقۇچى مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، شى شىن، جاۋ مىن، لى لىن، فەن چيۇڭيەن، سۇ لۇپىڭ)