تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن بىر پىرولېتارىيات جەڭچىسىگە ئايلاندىم

  قۇربان تۇلۇم:

  مەن بىر پىرولېتارىيات جەڭچىسىگە ئايلاندىم

  تۆھپىكارلار ھەممە يەردە ①

  پىيونېرلار قۇربان تۇلۇمنىڭ ماۋ جۇشى بىلەن كۆرۈشكەندىكى ئەھۋال توغرىسىدىكى بايانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماقتا. (1964 - يىلى تارتىلغان) □دىڭ بىنشۈەن فوتوسى

  [ئىستون سۆزى]

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جاپاغا چىداپ پۇختا ئىشلەيدىغان، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ئىلغارلار - نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە تۆھپىكارلارنى ئەسلەش بىلەن بىللە، يەنە زامانىمىزدىكى كىشىلەرگىمۇ نەزەرىمىزنى ئاغدۇرماي تۇرالمايمىز. بۈگۈندىن باشلاپ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسىدا «تۆھپىكارلار ھەممە يەردە» ئىستونىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بىز ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق ھالدا ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى قايتا ئەسلەيمىز.

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

  «قۇربان تاغا، ئەسلەيمىز سىزنى، سىز ئىلگىرى ئېشەككە مىنىپ قۇملۇقتىن چىقىپ، ماۋ جۇشىنى كۆرگەن ئىدىڭىز... قۇربان تاغا، ئەسلەيمىز سىزنى، قىز نەۋرىڭىز لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىدا باش شۇجى بىلەن كۆرۈشكەنىدى... باش شۇجى ئۇنى سىزگە ئوخشاش ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈشكە ئىلھاملاندۇرغانىدى...»

  60 نەچچە يىل ئىلگىرى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە ئولتۇرۇشلۇق كېرىيەلىك دېھقان قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقالغانىدى، ھازىر، «قۇربان تاغا بىز سىزنى ئەسلەيمىز» دېگەن ناخشا بۇ گۈزەل ھېكايىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

  يەتكۈچە خورلۇق ۋە ئېكسپلاتاتسىيەگە ئۇچرىغان كەمبەغەل دېھقاندىن قەد كۆتۈرۈپ ئازادلىققا ئېرىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكىچە، قۇربان تۇلۇم ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان كوممۇنىزم جەڭچىسى بولۇش»تىن ئىبارەت پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، شۇنداقلا پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزىل گېنىنى ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.

  تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش

  خوتەن شەھىرىدە، ئىتتىپاق مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ماۋ جۇشى بىلەن قۇرباننىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ھەيكىلى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى؛ كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسىنىڭ توغراغاز كەنتىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىغا كىرگەندە، ماۋ جۇشى قۇربان بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان غايەت زور بىر پارچە سۈرەت كىشىلەرگە ماۋ جۇشىنىڭ مېھرىبانلىققا تولغان چېھرىنى، قۇرباننىڭ ھاياجانلانغانلىقى ۋە مىننەتدارلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى.

  1883 - يىلى، قۇربان تۇلۇم كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدا بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، پومېشچىكلارنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشى ۋە خورلىشىنى يەتكۈچە تارتقانىدى. 1949 - يىلى 12 - ئايدا، كېرىيە ناھىيەسىگە كىرگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىر دەرەخزارلىقتا، چاچلىرى پاخپايغان، خۇددى «ياۋايى ئادەم»گە ئوخشاپ قالغان بىر سەرگەردان كىشىنى بايقىدى. ئازادلىق ئارمىيە ئۇنى كەنتكە ئېلىپ كەلدى، يۇرتداشلار ئۇنىڭ كۆپ يىللار ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن قۇربان تۇلۇم ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى. ئازادلىق ئارمىيە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى تۇرالغۇ جايغا ئورۇنلاشتۇردى، يەنە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئايرىلىپ كەتكەن خوتۇنى ۋە 16 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ كۆرۈپ باقمىغان قىزىنى تېپىپ بەردى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆي، يەر ۋە بىر ئېشەك تەقسىم قىلىپ بېرىلدى، 60 نەچچە ياشلىق قۇربان تۇلۇم تۇنجى قېتىم ئۆزىگە تەۋە يەرنى تېرىدى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزىنىڭ قولىغا ئالدى.

  قۇربان تۇلۇمنىڭ قەلبىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇنىڭغا كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان تۇرمۇش ئاتا قىلغانىدى، ئۇنىڭ قەلبى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى.

  جاپالىق كۈنلىرى ئاياغلىشىپ، ياخشى كۈنلىرى يېتىپ كەلگەن قۇربان تۇلۇم چوقۇم پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ماۋ جۇشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلسام، ئاندىن پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرالايمەن، دەپ ئويلىدى.

  قۇربان تۇلۇم ھەمىشە باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە ۋە ماۋ جۇشىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. ئۇ ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىغا پائال قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە تاپقان پۇلىغا 12 ساپان سېتىۋېلىپ، پۈتۈن يېزىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىلىرىغا سوۋغا قىلدى. 1954 - يىلى، ئۇ يەنە بىر كالا سېتىۋېلىپ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەردى. ئۇ تىرىشىپ، ئىجتىھات بىلەن ئەمگەك قىلدى، ھېرىپ قالسا، ماۋ جۇشىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ كۆرەتتى، بۇنىڭدىن پۈتۈن جىسمى چەكسىز كۈچكە تولغاندەك ھېس قىلاتتى. گەرچە ئۇ 70 ياشلىق بوۋاي بولسىمۇ، لېكىن ئىش قىلغاندا ياشلارنىمۇ بېسىپ چۈشەتتى. قەھرىتان سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان كۈنلەردە، ئۇمۇ خالتىسىنى يۈدۈپ 20 - 10 چاقىرىم يىراقلىققا بېرىپ تېزەك تېرەتتى. 1957 - يىلى ئۇ ناھىيە بويىچە ئوغۇت توپلاش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالىنىپ، كېرىيە ناھىيەسى ئۈچۈن بىر قىزىل بايراق تىكلىدى. 1953 - يىلىدىن 1957 - يىلىغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا ئۇ 4900 جىڭدىن ئارتۇق ئېشىنچا ئاشلىق سېتىپ بەردى.

  «ئۇ شاپتۇل پىشسا، شاپتۇل قېقى قۇرۇتاتتى؛ ئۆرۈك پىشسا، گۈلە قۇرۇتاتتى؛ قوغۇن پىشسا، چوڭلىرىنى تاللاپ ساقلاپ قوياتتى؛ كۆممىقوناق پىشسا، دانلىقلىرىنى ئېلىپ قوياتتى... ئۇ ئەڭ ياخشى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى قايتا - قايتا تاللاپ، ماۋ جۇشىغا سوۋغا قىلىشقا تەييارلاپ قوياتتى.» قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا دائىم بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.

  1958 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 75 ياشلىق قۇربان تۇلۇم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭنەنخەيگە بېرىپ، ماۋ جۇشىنى كۆردى. ماۋ جۇشى سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، قۇربان تۇلۇم ماۋ جۇشىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمىدى. ماۋ جۇشى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى نېمىدېگەن ياخشى ھە، شۇنچە يىراق يەردىن ئېشەككە مىنىپ مېنى كۆرگىلى كەلمەكچى بوپسىز» دېدى. بۇ چاغدا، بىر چەتتە تۇرغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ بو ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن ھېلىقى سۈرەتنى تارتىۋالدى.

  سۆز - ھەرىكىتىدە ئۆگىتىش - يېتەكلەش ئارقىلىق، پارتىيەگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچى بىلەن، 1959 - يىلى قۇربان تۇلۇم شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.

  «پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، مېنىڭ ماۋ جۇشىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىم ئىلگىرىكىدىن كۈچەيدى. ئىلگىرىكى قۇربان تۇلۇم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن شەپقەتچىسىنى قىزغىن سۆيەتتى، ھازىر مەن بىر پىرولېتارىيات جەڭچىسىگە ئايلاندىم، ماۋ جۇشى بىلەن سۆيۈملۈك يولداش بولدۇم. ماۋ جۇشى رەھبەرلىك قىلغان سوتسىيالىزم، كوممۇنىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشى مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەش نىشانىمغا ئايلاندى» دېدى قۇربان تۇلۇم چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن.

  پەرزەنتلىرىنى ئۆزى ئىلگىرى تۇرغان گەمىگە باشلاپ بېرىپ، پەرزەنتلىرىگە ئىلگىرىكى نامرات، جاپالىق تۇرمۇشنى ئۇنتۇماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش؛ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش داۋامىدا، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ قىلىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ، تىرىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بولۇش؛ ماۋ جۇشىغا خەت يېزىپ گۇڭشېنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىش... قۇربان تۇلۇم ئىلگىرىكى جاپا - مۇشەققەتلەرنى ئەسلەپ، ھازىرقى شېرىن كۈنلەرنى ئويلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۇششاق، ئىنچىكە ئىشلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بەردى.

  قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى مەتسەيدى ئەيسا كىچىكىدىن باشلاپلا دائىم ئانىسىدىن بوۋىسىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايتتى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىك كىتابىدىمۇ بوۋىسىنىڭ ھېكايىسى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىنتايىن پەخىرلەندى، بۇ ئۇنىڭ سەبىي قەلبىگە پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئۇرۇقىنى چاچتى. «بوۋام كىچىك ۋاقتىدا، ئات - ئۇلاغدىن بەتتەر تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىكەن، كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇنى قۇتقۇزۇپ، ئۇنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. بىزنىڭ ھازىرقى ياخشى تۇرمۇشىمىزنى كوممۇنىستىك پارتىيە بەردى، مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمنى قەدىرلەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئۇنتۇمايمەن» دېدى مەتسەيدى.

  3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىغا كىرگىنىمدە، چۈشەندۈرگۈچى ئامانگۈل ئەلى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە قۇربان تۇلۇمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى: «1949 - يىلى، قۇربان تۇلۇمنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئازاب - ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققاندا، بارلىق ئۆي بىساتى پەقەت بىر كونا كىگىز، بىر كونا مىس چەينەكلا ئىدى...».

  2016 - يىلى كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قۇربان تاغىنىڭ «ئىزنا»لىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ: خاتىرە سارايدا 50 پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت ماتېرىيال، ئون پارچىدىن ئارتۇق قولدا سىزىلغان رەسىم ۋە قۇربان تۇلۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى 60 پارچىدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇمى، بېيجىڭ كىنو - ھۆججەتلىك فىلىم ئىستودىيەسى سۈرەتكە ئالغان ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىق ئۈن - سىن ماتېرىياللىرى بار... ھەربىر پارچە كونا سۈرەت، ھەربىر كونا ماددىي بۇيۇمنىڭ ھەممىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئاددىي ئىش ئورنىدا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، بىر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەتتى.

  كېيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

  1964 - يىلى، قۇربان تۇلۇم ماۋ جۇشىغا يازغان خېتىدە: «مەن ئەۋلادلارنى مەڭگۈ پارتىيەگە ۋە سىزگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن» دەپ يازغانىدى.

  قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە، رۇقىيەم مەتسەيدى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بولدى.

  2012 - يىلى، رۇقىيەم مەتسەيدى شەرەپ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى − «لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا»دا ئايال ئەسكەر بولۇپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئالتە ياش ۋاقتىمدا، دائىم دادامدىن ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەربىيلىككە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايتتىم، دادامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانىدى. مەن ھەربىيلىككە قاتنىشىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن».

  2014 - يىلى، رۇقىيەم مەتسەيدى كېرىيە ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچى بولدى، «قۇرباننىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش مېنىڭ قېنىمدا ئېقىۋاتقان گېن، مەن ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مەدھىيەلەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمەن» دېدى ئۇ.

  قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى توغراغاز يېزىسىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلدى، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

  «قۇربان تۇلۇم ئەمگەكنى سۆيەتتى، پارتىيەنى سۆيەتتى، ۋەتەننى سۆيەتتى، سوتسىيالىزمنى سۆيەتتى، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ھەممىمىز بىلىمىز.» 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرى ئۇرۇق مەيدان كەنتىدىكى كەشتە تىكىش ماھىرى، بېيىش باشلامچىسى مەڭلەشخان مەتسىدىق مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى <1 - ئىيۇل> <1 - ئۆكتەبىر>دە، مەن خىزمەتچىلەرنى باشلاپ قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىغا بارىمەن، مەن دائىم ئۇلارغا ھازىرقى تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، قەلبىدە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى دائىم ساقلاشنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى ئېيتىمەن».

  [شەخس ئارخىپى]

  قۇربان تۇلۇم، 1883 - يىلى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدا بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇزاق ۋاقىت فېئودال پومېشچىكلارنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشى ۋە خورلىشىغا ئۇچرىغان؛ 1949 - يىلى شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، قۇربان تۇلۇم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇنىڭدا كۆپ قېتىم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرۈش ئىستىكى تۇغۇلغان؛ 1959 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن؛ ئۇ ھايات چېغىدا ماۋ جۇشىنىڭ ئىككى قېتىم سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئىلگىرى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان؛ 1975 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قۇربان تۇلۇم كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، شۇ يىلى ئۇ 92 ياشتا ئىدى.

  «پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، مېنىڭ ماۋ جۇشىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىم ئىلگىرىكىدىن كۈچەيدى. ئىلگىرىكى قۇربان تۇلۇم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن شەپقەتچىسىنى قىزغىن سۆيەتتى، ھازىر مەن بىر پىرولېتارىيات جەڭچىسىگە ئايلاندىم، ماۋ جۇشى بىلەن سۆيۈملۈك يولداش بولدۇم. ماۋ جۇشى رەھبەرلىك قىلغان سوتسىيالىزم، كوممۇنىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشى مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەش نىشانىمغا ئايلاندى»

  − قۇربان تۇلۇم

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.