□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن
4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى بېلىقچى كارىز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قېيۇم ئىسمائىل ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئېچىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان تەكلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈۋاتاتتى. بۇ تەكلەردىن چىققان شۇڭلار بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى بەلگىلەيتتى.
بېلىقچى كارىز كەنتىدە 282 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بار بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزۈم ئۆستۈرگەچكە «ئۈزۈمچىلىك كەنتى» دەپ ئاتالغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېلىقچى كارىز كەنتى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلدى، كەنتتىكى قېيۇمغا ئوخشاش نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۈزۈمدىنمۇ شېرىن تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
ھۆل ئۈزۈمنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى
«ئىلگىرى دېھقانلار تەجرىبىسىگىلا تايىنىپ، قارىغۇلارچە ھوسۇل قوغلىشىپ، ياخشى سېتىلمىسا ھاۋارايىدىن، بازاردىن كۆرەتتى، ھازىر ئۈزۈمنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسا سېتىشتىن ئەسلا غەم قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.» كەنت ئاھالىسى ساتتار ئابلىمىت مۇشۇ يىللاردا، تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئەڭ دەسلەپتە ئۈزۈم بارىڭى ئۆزگەرتىلدى. ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئېگىزلىكى، قۇر ئارىلىقى قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، تەكنىڭ شامال ئۆتۈشۈش ۋە كۈن نۇرى چۈشۈش شارائىتى ياخشىلاندى، ئۈزۈمنىڭ دانىسى ۋە رەڭگىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققانلىق شۇ بولدىكى، ئۈزۈم بارىڭى ئېگىزلىتىلىپ، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات تېخىمۇ قولايلىشىپ، ھەم تەننەرخ تۆۋەنلىدى، ھەم ۋاقىت تېجەلدى.
ئۈزۈم ھوسۇلىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىلمىي ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ بەك قىزىقتى.
2020 - يىلى بېلىقچى كارىز كەنتى تۇرپان شىنتيەندى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، 100 مو ئاق كىشمىش ئۈزۈم ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، تۇپراقنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش قاراتمىلىقىغا ئىگە رېتسېپلىق ئوغۇتلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆل ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
ساتتار ئائىلىسىنىڭ تۆت مو يېرى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى، بىر يىلدا مەيلى مو بېشى ھوسۇلى بولسۇن ياكى سۈپىتى بولسۇن، قالغان ئىككى مو يېرىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى.
«شۇنچە كۆپ يىل ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ ئەزەلدىن بۇنداق تۈجۈپىلەپ باقمىغانىدىم، بىر شۇڭدا قانچە ساپاق ئۈزۈم بولۇش تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، يەنە ھەرمو يەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دەل جايىدا ئوغۇتلاپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، ئۈزۈمنىڭ دانىسى چوڭ، رەڭگى چىرايلىق، تەمى ياخشى بولۇپ، بۇلتۇر بىر مو يەردىن قىلغان كىرىمىم 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل تېخنىك خادىملارنىڭ بىزگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تېخنىكا ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ساتتار.
بۈگۈنكى كۈندە تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بېلىقچى كارىز كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈزۈم پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، پايدىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى.
ئۈزۈمنى قۇرۇتۇش ۋاقتى 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ
قۇرۇق ئۈزۈم سېتىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، كەنتتىكى قۇرۇق ئۈزۈملەر پارچە سېتىلماستىن، ساپاق بويىچە سېتىلىدىغان بولدى، بىر ساپاق قۇرۇق ئۈزۈم بىر يەشىككە قاچىلاندى، بىر يەشىكى 300 گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، «لەييىچۇەن» دەپ نام قويۇلدى. مەھسۇلات بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
بېلىقچى كارىز كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدا، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 مېتىر، كەڭلىكى، ئېگىزلىكىنىڭ ھەرقايسىسى تۆت مېتىر كېلىدىغان ساندۇقنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۇرپان شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بېلىقچى كارىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى گۈلجامال ئابدۇللا: ساندۇقتىكىسى يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى پاكىزلىقتا ئۈزۈم قۇرۇتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، دەپ تونۇشتۇردى.
ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تاختىسى توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى ئىسسىقلىق يىغىش تاختىسى ھاۋادىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى يىغىشقا ئىشلىتىلىپ، ھۆل ئۈزۈمنى بىۋاسىتە قاقلاپ قۇرۇتقىلى بولىدىكەن، يېڭى ئۆزۈمنىڭ بىر ساپاق قۇرۇق ئۈزۈم بولۇپ قۇرۇشىغا 48 سائەتتىن كۆپ ۋاقىت كەتمەيدىكەن، تەجرىبە نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يېڭى تېخنىكا قوللىنىلىپ قۇرۇتۇلغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسى ئېكسپورت ئۆلچىمىگە تامامەن يېتىدىكەن.
«كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكى <پىششىقلاش زاۋۇتى> بىر كىچىكلىتىلگەن نۇسخا بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بۇ يەردە ئۆگىنىدۇ، تەربىيەلىنىدۇ.» گۈلجامال كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يىراق بولمىغان جايدىكى چوڭ تىپتىكى «ساندۇق»نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: رەسمىي زاۋۇت بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 3200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يۇقىرى پاكىزلىقتىكى قۇرۇق ئۈزۈم قۇرۇتۇش لىنىيەسىدىن 12سى قۇرۇپ چىقىلىپ، يىلىغا يۇقىرى پاكىزلىقتىكى تەييار قۇرۇق ئۈزۈمدىن 1200 توننىدىن 1500 توننىغىچە قۇرۇتۇلىدۇ.
نۆۋەتتە، قۇرۇق ئۈزۈم پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت ئۆيى پۈتتى، ئۈسكۈنىلەر كىرگۈزۈلسىلا ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شۇ چاغدا 100گە يېقىن كەنت ئاھالىسى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ.
گۈلجامال مۇنداق تونۇشتۇردى: زاۋۇت تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، پۈتۈن كەنتتىكى ئۈزۈم قۇرۇتۇشنى تاماملاپلا قالماي، يەنە مەۋقەنى شۇ جايدىكى ھازىر بار بولغان خام ماتېرىياللارغا قويۇپ، ئۆرۈك قېقى، ئۈجمە قېقى قاتارلىق مېۋە قاقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، مەھسۇلات تۈرىنى بېيىتىدۇ.
ئۈزۈم ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى
ئۈزۈم بېلىقچى كارىز كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ بېيىش ئويىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، بېلىقچى كارىز كەنتى بىر قولدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنى، بىر قولدا ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۇتۇپ، كەنتتە «تۇرپان شەھىرى قەدىمىي بېلىقچىلىق كەنتى بەيلۇخۇ كۆلى خەلقنى بېيىتىپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇردى.
«بۇ يىل مەن ھېس قىلىش ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، ساياھەتچىلەر ئائىلىمىزنىڭ ئېتىزىغا كېلىپ ئۈزۈم ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلسا بولىدۇ.» گەرچە ھۆل ئۈزۈم ۋە قۇرۇق ئۈزۈم پىششىقلاش ئابدۇللا ئابلىزغا نۇرغۇن كىرىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ساياھەتچىلىك ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتماقچى بولدى.
كەنت ئاھالىسى سالام جاپپارنىڭ ئۆيى بەيلۇخۇ كۆلى بويىدا بولۇپ، بەرپا قىلىنىۋاتقان مەنزىرە رايونىنى كۆرۈپ، ئۇ دائىم خۇش تەبەسسۇم بىلەن: «مەن دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن» دېدى.
گۈلجامال مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، كەنت ئاھالە كومىتېتى بېلىقچى كارىز كەنتىنى سەھرا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، بېلىقچىلىق كەنتى قىياپىتىگە ئىگە، مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك يېڭى كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.