تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىنى يورۇتتى

  − ئارمىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش پەيتىدە

  □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شۈەنلياڭ، مېي چاڭۋېي

  باش باھاردىن بۇيان، ئارمىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن باشلىنىپ، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىن ئاساسىي قاتلامدىكى ليەن - دۈيلەرگىچە، تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە يۈزلەنگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلدى، پارتىيە كومىتېتى باشلامچى بولۇپ ئۆگەندى، ئاساسلىق مەسئۇل قوماندانلار سەپەرۋەرلىك يېتەكچىلىكى قىلدى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پائال قاتناشتى، ھەربىر مەيدان دەرس چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك ئۆتۈلدى، ھەربىر مەيدان مۇزاكىرىدە ئىدىيە مۇجەسسەملەندى، ھەربىر قېتىملىق ئېھتىرام بىلدۈرۈش روھقا تەسىر كۆرسەتتى...

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «پۈتۈن ئارمىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، پۈتۈن ئارمىيە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ كۈچەپ، تېزدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى دولقۇنىنى قوزغىدى. كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تارىخنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئارمىيەمىزنىڭ تارىخىنى ئۆزئارا باغلاپ ئۆگىنىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.

  3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئارمىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەر قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛

  3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى لېكسىيە ئۆمىكى تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئارقىدىنلا بۆلۈنۈپ پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملاردا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇشقا يۈرۈپ كەتتى؛

  3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئارمىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى تەدبىر - چارىلەرنى تەتقىق قىلدى...

  ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلاردا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى «بىرىنچى دەرس» قىلدى، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەندى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ مەركەزلىك ئۆگىنىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك شۇنى ھېس قىلدىكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي يېتەكچىلىك، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يادروسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى، خەلقنىڭ داھىيسى پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرگە ئۆتكەن بىر قېتىملىق «چوڭ پارتىيە دەرسى» بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئىچكى تەلەپ ئىكەنلىكى، پارتىيەگە توغرىلىنىپ، ئارمىيە روھىنى كۈچەيتىش، مۇستەھكەملەشتىكى سۆڭەكنى چىڭىتىپ كالتسىي تولۇقلاش ئىكەنلىكى، ئىنقىلاب روھى، ئىنقىلاب ئەنئەنىسىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى، ۋارىسلىق قىلىنىشى ئىكەنلىكى، كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدى.

  بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سىياسىي مەنىسى چوڭقۇر، نىشان - تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمەلىيەت يۆنىلىشى روشەن. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر چوڭ ئىشلارنى چوڭچە تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ لايىھەلەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى ئۆگىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئۆگىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي خەلقنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئۆگىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ شەكىللەندۈرگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا تاۋلاپ چىققان ئۇلۇغ روھىدىن ئۆگىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە نامايان بولغان ئۇلۇغ كۈچنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردا رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە خىزمەت ئاپپاراتى قۇردى، رەھبىرىي كادىرلار ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشكە قاتنىشىپ، تەربىيەنى قوبۇل قىلدى، ھەم بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەربىيەلەشنى تۇتتى. ھەرقايسى قىسىملار تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، دەرىجە، ساھە، ئوبيېكتلارغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش، باھالاش، يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش قاتارلىق پۇرسەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراشلىق قىسىملارغا قارىتا ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەشكىلىي رەھبەرلىك بىلەن ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، ھەر دەرىجىلىكلەر ئەمەلىيەتتىكى چۈشۈش نۇقتىسىنى چىڭ كۆزلىگەن ھالدا كۈچەپ، قىسىمنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفسىتېر - ئەسكەرلەرنى ئۆگىنىپ يېڭى مەنزىلگە يېتىش، ئىشلەپ يېڭى قىياپەت يارىتىشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك. شەھەرلەردىن چېگرا رايونلارغىچە، ئاراللاردىن ئېگىزلىكلەرگىچە، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قىزغىن قانات يايدۇردى، كەڭ ئوفىستېر - ئەسكەرلەر پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.