تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ⑤

1949 - يىلى

3 - ئاي پارتىيە 7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قوراللىق كۈچ بىلەن ھەل قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە شىنجاڭنى تىنچ ئازاد قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلىپ، ۋاڭ جېننى قىسىمنى باشلاپ شىنجاڭغا ھەربىي يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتتى.

7 - ئاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى موسكۋادىكى ليۇ شاۋچىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن خادىم ئاجرىتىپ شىنجاڭغا بىۋاسىتە كىرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. 8 - ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىچىسى دېڭ لىچۈن شىنجاڭ غۇلجىغا مەخپىي يېتىپ كېلىپ، «لىچۈن تېلېگراف ئىستانسىسى»نى قۇردى.

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - دالا ئارمىيەسىنىڭ 2 -، 19 - بىڭتۇەنى لەنجوۋنى ساقلاۋاتقان قوشۇنغا ھۇجۇم قوزغىدى. بەش كۈن شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گومىنداڭنىڭ غەربىي شىمالدا تۇرۇشلۇق ھەربىي مەمۇرىي باشلىق مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي لەنجوۋنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، ما بۇفاڭنىڭ ئاساسىي كۈچىدىن 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يوقىتىپ، شىنجاڭنى، نىڭشيانى ئازاد قىلىدىغان دەرۋازىنى ئاچتى.

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى جاڭ جىجۇڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن تاۋ جىيۆگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، شىنجاڭدا تىنچ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلاش مەسىلىسى توغرىسىدا توققۇز تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېڭ لىچۈن 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى دىخۇاغا ئايروپىلاندا مەخپىي كېلىپ، تاۋ جىيۆ، بۇرھان شەھىدى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشتى ھەم جاڭ جىجۇڭنىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى يەتكۈزدى.

9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 1 -، 2 - بىڭتۇەنى جاڭيېدا ئۇچرىشىپ، يۈمېنگۇەنگە قىستاپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسىنى بىۋاسىتە قېقىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتتى.

[كېڭەيتىپ ئوقۇش]

1 - دالا ئارمىيەسى 1 - بىڭتۇەنىنىڭ سىلىڭيۈەنى ۋاڭ جېن جيۇچۈەندە شىنجاڭغا ھەربىي يۈرۈش قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى چاقىردى ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېلېگرامما يوللىدى. دېڭ لىچۈن، تاۋ جىيۆ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

[كېڭەيتىپ ئوقۇش]

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ جىڭبېي باش سىلىڭى تاۋ جىيۆ تېلېگرامما يوللاپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى تېلېگرامما يوللاپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى.

تاۋ جىيۆ

بۇرھان

1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خەلق گېزىتىنىڭ 1 - بېتىدە تاۋ جىيۆ، بۇرھانلارنىڭ تېلېگرامما يوللاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىك خەۋىرى ۋە ماۋ جۇشى، جۇ دې باش سىلىڭنىڭ قايتۇرغان تېلېگراممىسى ئېلان قىلىندى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.

[كېڭەيتىپ ئوقۇش]

10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دىخۇادىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى مەيدانغا يىغىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. تاۋ جىيۆ، بۇرھان شەھىدى نۇتۇق ئېلان قىلدى، دېڭ لىچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالاقىچىسىلىك سالاھىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، ۋاڭ جېن شۇجى بولدى.

10 - ئاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 1 - بىڭتۇەنى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئالدىن يۈرەر قىسىم ئۆلكە مەركىزى دىخۇاغا يېتىپ كەلدى. 2 -، 6 - جۈن 1950 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، قىزىل بايراقنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىگە قادىدى.

1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرى ئازادلىق ئارمىيە بىرونېۋىك قىسمىنىڭ دىخۇاغا كىرىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى قارشى ئالدى.

11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى رەئىس ماۋ زېدۇڭ پېڭ دېخۇەي ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غەربىي شىمال بىيۇروسىغا تېلېگرامما يوللاپ: بارلىق خىزمەتلەردە مىللەتلەر باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتىدە چىڭ تۇرغاندىن سىرت، يەنە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى زور مىقداردا قوبۇل قىلىش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ يوليورۇق بەردى.

ماۋ زېدۇڭ چىڭخەي، گەنسۇ، شىنجاڭ، نىڭشيا، شەنشىدىن ئىبارەت ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر بار بولغان بارلىق جايلاردىكى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ياكى كادىرلارنى تەربىيەلەش مەكتىپى ئېچىش كېرەكلىكى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. ئۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: «مىللەت مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش، مىللىي ئەكسىيەتچىلەرنى پۈتۈنلەي يېتىم قالدۇرۇش كېرەك، ئاز سانلىق مىللەتتىن كېلىپ چىققان زور بىر تۈركۈم كوممۇنىزم كادىرلىرى بولمىسا، بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس».

12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مۇنداق جاكارلىدى: خەلقنىڭ شىنجاڭ گېزىتى (خەنزۇچە نۇسخىسى) نەشر قىلىندى؛ شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى رەسمىي قۇرۇلدى. شىنجاڭ گېزىتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ ئورگان گېزىتىگە ئايلاندى.

1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتى نەشر قىلىندى.

12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، بۇرھان شەھىدى ھۆكۈمەت رەئىسى بولدى، پېڭ دېخۇەي ھەربىي رايوننىڭ سىلىڭيۈەنى، قوشۇمچە جېڭۋېيى بولدى.

1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، پېڭ دېخۇەي، ۋاڭ جېن، جاڭ جىجۇڭ، تاۋ جىيۆ قاتارلىقلار دىخۇادا پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن قىسمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 22 - بىڭتۇەنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى.

12 - ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى سەيپىدىن ئەزىزى(ئۇيغۇر)، بۇرھان شەھىدى(ئۇيغۇر)، چېن شىخۇا(خەنزۇ)، جاۋ دېلىن(شىبە) قاتارلىق 15 كىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ پارتىيەگە كىرگۈزدى. ئۇلار پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان 1 - تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى.

□ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.