تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لىن جىلۇ تۈرمىدە ئىجاد قىلغان ئەسەر «مەھبۇسلار ناخشىسى»


ھېكايىلەر توپلىمى ⑧

□ ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا

«ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ساداقىتىمىز بىلەن مەيدانىمىزنى چىڭ ساقلايمىز! كاللىمىز كەتسىمۇ، ئەركىنلىكنىڭ ئالتۇن مۇنارىنى تىكلەيمىز؛ قىپقىزىل قېنىمىز بىلەن قىزىل بايراقنى بوياپ، ئۇزاققىچە جەۋلان قىلدۇرىمىز!» بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇسىمۇ يەنىلا قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ مىسرالار ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ تۈرمىدە ئىجاد قىلغان «مەھبۇسلار ناخشىسى»دىن كەلگەن. ئاشۇ قانلىق ۋە يالقۇنلۇق ئۇرۇش يىللىرىدا، بۇ «مەھبۇسلار ناخشىسى» تۈرمىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ئېيتىلىپ، ئۇلارنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان بۇرغىغا ۋە دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان قورالغا ئايلانغان.

1938 - يىلى 3 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، 22 ياشلىق لىن جىلۇ شىنجاڭغا كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، ئاقسۇ مەمۇرىي رايونى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن بەش يىلدا، لىن جىلۇ مەكتەپ ئېچىپ، دىراما ئورۇنلاپ، ماركسىزم - لېنىنىزمنى تارقاتقان، يەنە كۆۋرۈك سېلىپ، يول ياساپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئىدىيەسىدە جانلىنىش بولۇپ، ئېتىقادنىڭ كۈچى خۇددى ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ بىرلىك سەپ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستلارنى مەركەزلىك نەزەربەند قىلدى. 1943 - يىلى 2 - ئايدا لىن جىلۇ 4 - تۈرمىگە ئېلىپ بېرىلدى. دۈشمەنلەر ھەر خىل دەھشەتلىك جازالارنى ئىشلىتىپمۇ ئۇنى باش ئەگدۈرەلمىدى. سانسىزلىغان قاتتىق قىيىن - قىستاق، تەن جازاسىنى باشتىن كەچۈرگەن لىن جىلۇ «مەھبۇسلار ناخشىسى»نى ئىجاد قىلىپ، شېئىرنى قورالغا ئايلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، تۈرمىداشلىرىنى بىرلىكتە ئىنقىلابىي ئېتىقادىنى چىڭىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. قەلەمنى تارتىۋالسا، ئۇ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن كۈجە قالدۇقىنى قەلەم قىلدى، قەغەز بولمىسا، شېئىرنى تۈرمە «كاللىنى يۇيۇش» ئۈچۈن تارقاتقان كىتابلارنىڭ بوش يېرىگە يازدى. جازالىنىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتىمۇ، بىر - ئىككى مىسرا ئېسىگە كەلسە، ئۇ دەرھال كۈجە قالدۇقى بىلەن تېز خاتىرىلىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، دۈشمەننىڭ دەھشەتلىك جازاسى ۋە ھۆركىرەشلىرى ئىچىدە، لىن جىلۇ كىشى روھىنى ئۇرغۇتىدىغان بۇ «مەھبۇسلار ناخشىسى»نى تاماملىدى.

دۈشمەنلەر يالاپ ئېلىپ ماڭغاندا، لىن جىلۇ «مەھبۇسلار ناخشىسى»نى ئۆزى بىلەن بىر كامېرغا قامالغان چېن گۇيىنغا تاپشۇرۇپ بەردى. چېن گۇيىن ئۇنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە يېزىلغان بۇ شېئىرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، كۆز يېشى قىلغان ھالدا نوتىغا سالدى. ناخشا نوتىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ھەر خىل مەخپىي ئالاقىلىشىش يوللىرى ئارقىلىق «مەھبۇسلار ناخشىسى»نى تارقاتتى. ئاشۇ جاپالىق يىللاردا، قاتتىق قىيىن - قىستاق ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، تۈرمىدىكى «مەھبۇس»لار مەردانىلىك بىلەن بۇ ناخشىنى ئېيتىپ، ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى: «ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ساداقىتىمىز بىلەن مەيدانىمىزنى چىڭ ساقلايمىز! كاللىمىزنى ئېلىۋەتسىمۇ، ئېتىۋەتسىمۇ، بۇنى يۇرتداشلىرىمىزغا بەرگەن جاۋاب دەپ بىلىمىز؛ قاتتىق قىيىن - قىستاق ھەم تەن جازاسىغا ئۇچرىساق، بۇنى ئادەتتىكى ئىش بىلىمىز...

1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يېرىم كېچىدە، شېڭ شىسەي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ لىن جىلۇنى مەخپىي ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى. شۇ يىلى لىن جىلۇ ئەمدىلا 27 ياشتا ئىدى. لىن جىلۇنىڭ ھاياتى شانلىق ھەم قىسقا بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى ئارقىلىق مەردانە ئىنقىلاب ناخشىسىنى پۈتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كىشىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى لىن جىلۇنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ گۈل تەقدىم قىلىدۇ؛ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئەسلىي ئورنى ئاساسىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان شىنجاڭ داشۆدە لىن جىلۇ تۈزگەن «ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇش، جانلىق بولۇش»تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمى ھېلىھەم ساقلىنىۋاتىدۇ؛ شىنجاڭ تۇپرىقىدا لىن جىلۇنىڭ شانلىق نامى بىلەن ئاتالغان كوچا، مەكتەپ، توسما، كۆۋرۈكلەرمۇ ساقلاپ قېلىندى.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.