تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سادىق قەلبلەر تىيانشاننى نۇرلاندۇردى

شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيى

سادىق قەلبلەر تىيانشاننى نۇرلاندۇردى

قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⑤

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

«ئۇلۇغ ۋەتىنىم ماڭا بۇرچ يۈكلىدى، گۈللەنگەن مىللىتىم كۈچ بېغىشلىدى، ساداقەت يولىدا قان كېچىش شەرەپ، ماڭغانچە نۇرلىنار قەھرىمان ئىزى...» ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ يېنىغا جايلاشقان شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيىغا كىرىپ، قىزىل كۆرگەزمە تاختىسىغا بېسىلغان «جۇڭگو خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساقچى مارشى»نىڭ تېكىستىنى ئۈنسىز ئوقۇغان چېغىڭىزدا، گەرچە مۇزىكا بولمىسىمۇ، قەلبىڭىز ھاياجانغا تولىدۇ.

ساقچى تارىخى سارىيىغا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ساقچى ئىشلىرى بەرپا قىلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغاندىن بۇيانقى، ھەرقايسى مەزگىللەردىكى ساقچىلار قوشۇنىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىدىكى ئۆزگىرىش، خىزمەت ساھەسىنىڭ كېڭىيىش جەريانى خاتىرىلەنگەنىدى.

«شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيىنى قۇرۇش تەييارلىقى 2019 - يىلى 9 - ئايدا باشلانغان، 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى رەسمىي ئېچىلدى. بۇ ساراينى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەت شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ شەرەپ تۇيغۇسى، كەسىپنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى سىياسىي بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ يۇڭجۈن.

ساقچى تارىخى سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان نۇرغۇن پېشقەدەم كادىرلار ۋە ۋاپات بولغان پېشقەدەم كادىرلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار نۇرغۇن قىممەتلىك كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنقىلابىي قۇربانلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولغان چاغدا كىيگەن ئوق ئۆتمەس كىيىملەر، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى تەھقىقلەش خادىملىرى ئىشلەتكەن ئەۋرىشكە ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى ساندۇقى بار، يەنە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشقا قاتناشقان قەھرىمانلارنىڭ سىيماسى خاتىرىلەنگەن قىممەتلىك سۈرەتلەر بار...

ھەربىر بۇيۇمغا شانلىق يىللارنىڭ ئىزنالىرى سىڭگەن بولۇپ، ھەربىر پارچە سۈرەتنىڭ ئارقىسىدا كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر بار. ئادەتتىكى كۈنلەردە، كىشىلەر ياشانغانلارنى يۆلەپ بالىلارنى يېتىلەش، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشتىن جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلغاندىكى قىزغىنلىقى ۋە ئەستايىدىللىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ ھالبۇكى خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق يۈزبەرگەندە، كىشىلەر ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتىدىغان، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق خىسلىتىنى كۆرەلەيدۇ. «دەل سانسىزلىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى جەڭچىلىرى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداۋاتقان بولغاچقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ» دېدى سارايدا ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايوندىكى مەلۇم ئورگاننىڭ خىزمەتچى خادىمى رېن شياۋرەن 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى.

«1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ساراي ئېچىلغاندىن باشلاپ 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيى 373 ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى ئورۇننى، 8581 ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىنى كۈتۈۋالدى.» ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى سىياسىي بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسى ساقچىلار ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جۈ گۇاڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيى شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارىخىنى خاتىرىلەيدىغان، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى روھىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان ۋە خەلق ساقچىلىرىغا ساداقەتمەنلىك تەربىيەسى بېرىدىغان مۇھىم بازا بولۇش سۈپىتىدە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدىغان كۆزنەككە، ساقچى - خەلق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە، قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان بازىغا ئايلاندى.

مېداللارنىڭ ئارقىسىدىكىسى سەمىمىيەت ۋە پىداكارلىق، خاتىرجەملىك ئارقىسىدىكىسى ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار تۇرۇش، كېچە - كۈندۈز تىنىم تاپماسلىق. مۇھىم ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن، دەۋر نەمۇنىچىلىرىنى مەدھىيەلەيدىغان ساقچى تارىخى سارىيى جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنىڭ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، جۇشقۇنلۇق، سادىقلىق بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرغانلىقىنى خاتىرىلىمەكتە.

ئېكىسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چيەنتاڭجياڭ يولى 225 - نومۇرغا جايلاشقان. 2020 - يىلى 11 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇش پۈتۈپ، 2021 - يىلى 1 - ئايدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. 2021 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسى دەپ ئېلان قىلىنغان. كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 1600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مۇقەددىمە زالى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ساقچى ئىشلىرى تارىخىدىن بايان، بارلىققا كېلىش ۋە تەرەققىيات، سادىقلىق ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يىللار ۋە ئۆزگىرىشلەر، ئەبەدىيلىك ۋە ئەمىنلىك، ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە ياد ئېتىش قاتارلىق يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن. كۆرگەزمە سارىيىدا دەۋر تارىخى بىلەن مۇھىم، زور مەخسۇس تېمىلارنى بىرلەشتۈرۈشتەك كۆرگەزمە قىلىش شەكلى ئارقىلىق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان غايەت زور تۆھپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىنغان. پۈتۈن كۆرگەزمە سارىيىدا تارىخىي سۈرەت، سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىدىن جەمئىي 563 پارچە(دانە)، ئەمەلىي بۇيۇمدىن 734ى كۆرگەزمە قىلىنغان ھەم ئىككى گۇرۇپپا قاپارتما نەقىش، بىر گۇرۇپپا تام رەسىمى، ئۈچ تەقلىدىي كۆرۈنۈش ۋە قۇم مودېل، تۆت تېلېۋىزور ئېكرانى، ئىككى كۆپ ۋاسىتىلىك چېكىپ كۆرۈش رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ساراي ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە سائەت 10دىن 13كىچە، سائەت 16دىن 19غىچە ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.