تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىشتا «ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ھەمتۈرتكە قىلىش» كېرەك

□ يۆ يەنيۈن

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەشتە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن زاكازنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېھقان ئائىلىلىرىگە كىرىپ مېۋىلىك دەرەخلەرنى پۇتاش، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش... پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلار، ئامما باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك قىلىپ، «ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ھەمتۈرتكە قىلىش»تەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

ئەمەلىيەتكە كۆپ قاتناشقانسېرى بىلىش شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ، بىلىش چوڭقۇرلاشقانسېرى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش شۇنچە كېڭىيىدۇ. بۇ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

ئۆگەنگەننى ئىشلەتكەندە، ئاندىن ئۆگەنگەنلىك بولىدۇ. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ئۈچۈنلا ئۆگىنىش ئەمەس، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىدىن قوبۇل قىلغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەش قابىلىيىتىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مەقسىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلالايدۇ. قىلغان ئەمەلىي ئىشتىن ھەم ئىستىلنى، ھەم قابىلىيەتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قول سېلىپ قىلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرغىلى بولىدۇ.

بىلىش قىيىن ئەمەس، قىلىش قىيىن. ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قانداق قىلىپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلىپ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش... بۇ بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى بىزدىن نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا جاۋاب تېپىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ھەمتۈرتكە قىلغاندا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ھەقىقىي ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.