تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاقاس تاغ باغچىغا ئايلاندى شەھەرگە يېڭى مەنزىرە قوشۇلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاتۇش شەھىرىدە سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئەركىن قۇربان شىمالىي تاغ باغچىسىغا بالدۇرلا كېلىپ، شاخ چاتاش سايمانلىرىنى قولىغا ئېلىپلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كۈندىن - كۈنگە ئۆسۈپ چوڭىيىۋاتقان كۆچەتلەرگە قاراپ، ئەركىننىڭ كۆڭلى ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمدى. ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى شورلۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ شىمالىي تاغ باغچىسىنىڭ قاقاس تاغدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئارقا ھويلا»سىغا ئايلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

ئاتۇشتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەركىننىڭ شىمالىي تاغقا بولغان تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر، شىمالىي تاغ ئىلگىرى ناھايىتى چوڭ بىر پارچە چۆللۈك ئىدى. يامغۇر ياغقان كۈنلىرى، شىمالىي تاغدىن كەلگەن كەلكۈن لاي - تاشلارنى ئېقىتىپ ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا بۆسۈپ كىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەتتى.

«كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتىن بۇرۇن، ياز كېلىشى بىلەنلا، شىمالىي تاغنىڭ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاياغ كىيىپ تۇرۇپمۇ پۇتىمىز كۆيگەندەك ھېس قىلاتتۇق» دېدى ئەركىن ئەسلەپ.

2004 - يىلىدىن باشلاپ، ئاتۇش شەھىرى ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۇدا 17 يىل ئاتۇشتىكى جەنۇبىي تاغ، شىمالىي تاغدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدى. ھازىرغىچە، 211 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ 38 مىڭ 500 مو يەردە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىندى.

2014 - يىلى، ئەركىن يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي تاغ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىغا جىگدە كۆچىتى، ياڭاق كۆچىتى، ئالما كۆچىتى تىكىپ، شەرق - غەرب يۆنىلىشىدە 10 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆكەرتىش بەلبېغىنى شەكىللەندۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىمالىي تاغ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى شىمالىي تاغ باغچىسىغا ئايلىنىپ، كۆپچىلىك بېرىپ ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالدى.

«ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ خىزمەت بولغاچقا، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى ئوبدانلا ئاشتى.» ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكى ئىش ئورنىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئەركىننىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

2014 - يىلى، ئەركىن قاتتىق تەربىيەلەش، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولدى. «ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىۋاتقىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن» دېدى ئەركىن.

ئەركىن ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە كۈنلىرى شىمالىي تاغ باغچىسىغا بېرىپ دەل - دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. ئوغۇتلاش، چاتاش، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىنى تەكشۈرۈش... ئەركىن ھەربىر تۈردىكى خىزمەتكە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ.

«بۇ يەردىكى نۇرغۇن دەرەخنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغاندىن كېيىن، مەن ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ، ھەربىر تۈپ كۆچەتنى خۇددى ئۆز بالامدەك كۆرۈپ پەرۋىش قىلدىم» دېدى ئەركىن.

ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، شىمالىي تاغ باغچىسىدىكى مېۋىلىك دەرەخلەر مول مېۋە بەردى، ھەر يىلى كۈز كەلگەندە، ھەممە يەرنى قاپلىغان جىگدە، ياڭاق، ئالمىلارنىڭ شاخلىرى مېۋىگە لىق تولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى دەرەخ، چاتقال، ئوت - چۆپنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، كۆپ خىل ئورمان تۈرى، كۆپ خىل دەرەخ تۈرى، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ خىللاشقان كۆكەرتىپ ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي تاغ، شىمالىي تاغ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ «مېۋە سېۋىتى»، «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»ىگە، ئىلگىرىكى قاقاس تاغنى ئاممىنى بېيىتىدىغان «بايلىق تېغى»غا ئايلاندۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.