تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ۋەتەننىڭ پايانسىز تاغ - دەريالىرىنى سۈرەتلەپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارىتىگە گۇۋاھ بولۇش. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول نۇقتىلىق لىنىيەسىنى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك قىلىپ، بىۋاسىتە ھەمتۈرتكە بولۇش، زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلىش، تاراتقۇلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋرگە كىرگەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىدەك تۈرلۈك - تۈمەن مەنزىرىنى جانلىق نامايان قىلدى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن داغدۇغىلىق، قىزغىن، خۇشال - خۇرام، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك قويۇق كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىپ، بېيىش يولىدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بەختكە چۆمگەن خۇش چىرايلارنى كۆردۇق. يول راۋانلاشسا، ئاندىن ھاللىق سەۋىيەگە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ مۇقىم ئاتلانغىلى بولىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭغاندا، ئادەملەر خۇشال سەپەرگە چىققان، ئەشيا ئوبوروتى راۋان بولغان گۈللەنگەن مەنزىرىنى ئەڭ كۆپ كۆردۇق، يول بولغاچقا بېيىغان، يول بولغاچقا گۈللەنگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئەڭ كۆپ ئاڭلىدۇق. كەڭ بىپايان زېمىندا، شىنجاڭنىڭ ئىچى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىش تېزلىتىلدى، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول تورىدىن قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۆمۈريول تورىغىچە، يەنە زىچ گىرەلەشكەن ھاۋا يولىغىچە، بارغانسېرى زىچ بولغان، بارغانسېرى تېزلەشكەن شىنجاڭنىڭ قاتناش تورى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى»غا ئايلاندى. يول راۋانلاشقاچقا، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى يىراق - يىراقلارغا سېتىلدى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى تېز توپلاندى، «ئارقىدا قالغان جاي»دىن «گۆھەر ماكان»غا ئۆزگىرىشتەك ئاجايىپ ھېكايىلەر يېزىلدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى» دېگەن ئىدىيەنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭگەنلىكىنى كۆردۇق. قەلب يولى تۇتاشسا، ئاندىن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقارغىلى بولىدۇ. شىنجاڭدا تۇتاشقىنى پەقەت شەكىللىك يوللا ئەمەس، يەنە شەكىلسىز قەلب يولىمۇ بار. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭغاندا، ھەيۋەتلىك تاغلار، ئەزىم دەريالار، قويۇق مەدەنىيەت كۆزگە چېلىقىدۇ، ھەر مىللەت ئامما كەڭ ئالاقىلىشىۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇۋاتقان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇۋاتقان تەسىرلىك مەنزىرە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن خوتەن تۇەنچېڭغىچە، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىلىرىدىن زامانىۋىلاشقان سېخلارغىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىگىچە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبى زىچ يېقىنلاشتى، چەمبەرچاس باغلاندى، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا سىغدۇرۇش، ئۆزئارا زوقلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى. ياشانغان بوۋاي - مومايلاردىن سېكىلەك قويۇۋالغان كىچىك بالىلارغىچە، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدىغان، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى قىلىدىغان، ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇھەببەت باغلايدىغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلماي، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم - ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش يولىدا ماڭدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى قۇرىدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى كۆردۇق. پىكىر يولى راۋانلاشسا، ئاندىن تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. «پىكىر يولى ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا، ئەگەر يول راۋانلىقىنىڭ پۇختىلايدىغىنى ئاساسىي تىرەك، قەلب يولى راۋانلىقىنىڭ تەمىنلەيدىغىنى كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ئۇل تاش دېيىلسە، ئۇنداقتا پىكىر يولىنى تۇتاشتۇرۇش يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىردۇر. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭغاندا، بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، تاغدىن چۈشكەن چارۋىچىلارنىڭ كۆكتات تېرىش ماھىرىغا ئايلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا «خەلق مەركەز قىلىنغان» تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشى؛ ئۈنۈمسىز قاقاس تاغلارنىڭ يېشىل لىباس كىيىشىنىڭ ئارقىسىدا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇشى؛ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئارقىسىدا «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇشى بار... «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە يۇغۇرۇلغاندا، چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتكىلى بولىدۇ.

يول ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ئۈمىد قەلبتە قاناتلىنىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇشتا بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قەلب يولىنى راۋانلاشتۇرۇشقا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇشتا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق ياراتساق، بىز جەزمەن ئارزۇغا تۇتىشىدىغان «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»دا يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى شان - شەرەپ قۇچالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.