1950 - يىلى
1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ 1950 - يىلى ئارمىيە ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قىسىملاردىن 110 مىڭ ئادەمنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، 1950 - يىلى 600 مىڭ مو بوز يەر ئېچىش، 50 مىڭ توننا ئاشلىق، 1800 توننا پاختا ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلدى.
جەڭچىلەر نەننىۋەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەدىمىي چۆللۈكتە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ بىرىنچى ساپىنىنى سالدى.
ئەتىياز شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، داغدۇغىلىق چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى.
4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ 1949 - يىلى 11 - ئايدا غەربىي شىمال مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى يوليورۇقى ۋە شىنجاڭ ئۈچ يىل ئىچىدە 10 مىڭ نەپەر يەرلىك مىللىي كادىرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك، دېگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان شۆبە بىيۇرو يەرلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 1 - قارارلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
[كېڭەيتىپ ئوقۇش]
بۇ تەربىيەلەش كۇرسى قۇرۇلۇپ يېرىم يىلدىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى كادىرلار مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلدى، 1954 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى پارتىيە مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلدى، 1955 - يىلى 10 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلدى.
1950 - يىلى، مىللىي كۇرسانتلار ئىجارە كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىش ئۆگىنىشىگە قاتناشتى.
5 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى دىخۇادا ئېچىلدى.
6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى پېڭ دېخۇەي، شى جۇڭشۈن، گەن سىچى شىنجاڭ ھەربىي رايونى باندىت تازىلاش قىسمىدىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەرگە تېلېگرامما يوللاپ، ئۇلارنىڭ باندىت تازىلاش ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى.
شىنجاڭدىن گەنسۇ دۇنخۇاڭ، ئەنشى ئەتراپىغا قېچىپ بارغان ئوسمان، يولۋاس قاتارلىق ئاز ساندىكى قالدۇق باندىتلار كېيىن شىنجاڭ، گەنسۇ قىسىملىرىنىڭ بىرلىشىپ تازىلىشىدا 11 - ئايدا پۈتۈنلەي يوقىتىلدى، ئوسمان 1951 - يىلى 2 - ئايدا گەنسۇدا قولغا چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن ئوسمان، يولۋاس توپىلىڭى پۈتۈنلەي تىنچىتىلدى.
1951 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1 - بېتىگە ئوسماننىڭ تىرىك تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بېرىلدى.
ئاشلىق كەمچىل، سۇ قىس ئەھۋالدا، باندىت تازىلاش قىسمى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىدا باندىتلارغا قوغلاپ زەربە بەرمەكتە.
7 - ئاي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شىنجاڭ خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭدا ئىجارە كېمەيتىش - يەر ئىسلاھاتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى يوليورۇق»نى تارقاتتى.
شۇ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى دىخۇا، قەشقەر، ئىلىدىن ئىبارەت ئۈچ رايوندا پارتىيە كومىتېتى قۇرۇش ھەمدە ھەرقايسى ۋىلايەتلەر، ھەرقايسى ناھىيەلەردە پارتىيە كومىتېتى قۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى. 1952 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇش خىزمىتى تاماملاندى.
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ماۋ زېدۇڭنىڭ يوليورۇقى بويىچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مۇستەقىل ئاتلىق ئەسكەرلەر شىسى 1 - تۇەن 1 - ليەننى ئالدىن يۈرۈش ليەنى قىلىپ ئەۋەتىپ، شىزاڭ ئالىغا يۈرۈش قىلدى، 1951 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، ئالىغا يۈرۈش قىلىش شەرەپلىك ۋەزىپىسى غەلىبىلىك تاماملاندى.
شىزاڭغا كىرگەن ئالدىن يۈرۈش ليەنىنىڭ جەڭچىلىرى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ھىمالايا تېغىغا قادىدى.
9 - ئاي يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى نېفىت پاي چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى رەڭلىك مېتال ھەم ئاز ئۇچرايدىغان مېتال پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدا قۇرۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ دىخۇا شىمىگۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئۆكتەبىر ئاپتوموبىل رېمونت - زاپچاس زاۋۇتى ھەم شىنجاڭ تېببىي شۆيۈەنى قاتارلىق تۈرلەرنى لايىھەلەپ بەردى، شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلىرى شىنجاڭغا كېلىپ قۇرۇلۇشقا ياردەم بەردى.
دىخۇا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك تارقىتىش مۇراسىمى.
كۈز خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى «كېۋەز تېرىلىپ باقمىغان رايون» ماناس دەرياسى ئېقىن رايونىدا سىناق تەرىقىسىدە كېۋەز تېرىپ مول ھوسۇل ئالدى. 1953 - يىلى، ماناس دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى 20 مىڭ مو كېۋەزلىكنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 200 كىلوگىرامغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ماناس دەرياسى ئېقىن رايونىدا كېۋەز تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.
11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭدا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش تەشۋىق - تەربىيە ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى.
□ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن