ھېكايىلەر توپلىمى ⑦
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چۇنخۇا
ھاۋا ئارمىيەسى شاۋجياڭى يۈەن بىن ھايات ۋاقتىدا «ئەستىن چىقمايدىغان شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى» ناملىق ئەسلىمە ماقالىسىنى يازغان بولۇپ، بىزگە تىيانشان ئېتىكىدىكى بىر بۆلەك قىزىل تارىخنى قايتا نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
يۈەن بىن پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز تۇنجى تۈركۈمدە يېتىشتۈرگەن ئۇچقۇچى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش جەڭ مەيدانىدا، ئۇ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ھاۋا ئارمىيە 3 - شىسىنى باشلاپ 86 كۈن جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 55 ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش، سەككىز ئايروپىلانىنى زەخمىلەندۈرۈشتەك جەڭ نەتىجىسىنى ياراتقان. رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئۆز قەلىمى بىلەن «ھاۋا ئارمىيە 3 - شىسىنى تەبرىكلەيمەن» دەپ يازغان.
يۈەن بىن «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىن «ئۇچۇپ چىققان» بولۇپ، ئۇ جايدا ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈم «قىزىل ئۇچقۇچى»لىرى بارلىققا كەلگەن.
1937 - يىلى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ قېپقالغان قىسمىدىكى 407 نەپەر كوماندىر - جەڭچى دىخۇا(ھازىرقى ئۈرۈمچى)غا كېلىپ، باش تارماق ئەترەت بولۇپ قايتا تەشكىللەنگەن، سىياسىي ۋەزىيەت ئېھتىياجىدىن سىرتقا قارىتا «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» دەپ ئاتالغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تارماق ئەترەتنى كۆپ قىسىم تۈرىدىكى ھەربىي تېخنىكا مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، باش تارماق ئەترەت شېڭ شىسەي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئەسلىھەلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىلىق مەشىق يېتەكچىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئارمىيەمىز ئۈچۈن زامانىۋىلاشقان ھەربىي تېخنىكا تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى قارار قىلغان.
شۇ يىلى كۈزدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ باش تارماق ئەترەتتىن 25 ئادەم، يەنئەندىن 19 ئادەم ئاجرىتىلىپ، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن، كۇرسانتلار ئۇچقۇچىلار ۋە مېخانىكلاردىن ئىبارەت ئىككى كۇرسقا بۆلۈنگەن. «ئەينى چاغدا ئۆگىنىدىغان دەرسلىكلەردىن <ئۇچۇش پىرىنسىپى> <ئايروپىلاننىڭ قۇرۇلما پىرىنسىپى> <ئايروپىلان مېخانىكىسى ئىلمى> <ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات تارىخى> قاتارلىقلار بار ئىدى» دەپ يازغان يۈەن بىن ماقالىسىدە. كۇرسانتلار ئىچىدە مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرىلىرى پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقى سەۋىيەسىدىكىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنى داشۆ دەرسلىكى ئىدى، بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئېگىز بىر تاغ بار ئىدى.
لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتتى، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى! ئىككى ئايدىن كېيىن، كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى نەزەرىيە ئىمتىھانىدا بەش دەرىجىلىك نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى بويىچە تۆت نومۇردىن يۇقىرى بولغان نەتىجىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ مەشىق يېتەكچىلىرى بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ: «بۇ، ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ ئەڭ ياخشى بىر قارارلىق كۇرسانتلىرى!» دېيىشكەن. پەقەت كۇرسانتلارلا ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىپ مۇشۇنداق قىلالىغانلىقىنى ئىچىدە بىلگەن.
چېن يۈن مۇنداق دېگەن: «سىلەر تۇنجى تۈركۈمدىكى قىزىل ئۇچقۇچىلار، قىزىل ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تايانچلىرى، مەدەنىيەت سەۋىيەمىز تۆۋەن دەپ قورقماڭلار، باشقىلار كۆزگە ئىلماسمىكىن دەپ قورقماڭلار، قەيسەر ئىرادە بىلەن جاپاغا چىداپ ئۆگەنسەڭلارلا، چوقۇم تېخنىكا ئىگىلىيەلەيسىلەر.» كۇرسانتلار ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مۇنداق بىر قائىدە چىقارغان: شۇ كۈنلۈك دەرسنى چوقۇم شۇ كۈنى ئۆزلەشتۈرۈش، ھەرقايسى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىلىرى ھۆددىگە ئېلىپ مەسئۇل بولۇپ، بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.
«بىز قارلىق تاغقا ياماشقان، ئوتلاقتىن ئۆتكەن چاغدىكى غەيرىتىمىز بىلەن نەزەرىيە ئۆتكىلىدىن ئۆتتۇق» دەپ ئەسلەپ ئۆتكەن يۈەن بىن. 1939 - يىلى 9 - ئايدا، جوۋ ئېنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن دىخۇادىن ئۆتكەندە، ئۇچقۇچىلار كۇرسىدىكى لۈ لىپىڭ، مېخانىكلار كۇرسىدىكى يەن جېنگاڭنىڭ دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىغان، ئۇ كۇرسانتلارنىڭ ئىككى خىل ئايروپىلاننى باشقۇرالايدىغان، ئاسرىيالايدىغان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېگەن: «يولداش چېن يۈن ناھايىتى ياخشى ئىش قىپتۇ، كەلگۈسىدە ئۆزىمىزنىڭ ھاۋا ئارمىيەمىزنى قۇرۇشتا تايانچىمىز، ئۇرۇقىمىز بار بوپتۇ».
تۆت يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇچقۇچىلار كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى 1942 - يىلى 4 - ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، 25 كۇرسانت ئىچىدە 21 ئادەم ئوقۇشنى تاماملىغان. كۇرسانتلار داۋاملىق شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىدە قېلىپ ئۇچۇش تېخنىكىسىنى مۇستەھكەملەۋاتقان، ئۆستۈرۈۋاتقاندا، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئوچۇقتىن - ئوچۇق قارشى چىققان. 1942 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاۋىياتسىيە ئەترىتىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۇرسانتلىرىنىڭ ھەممىسى كۆچۈرۈلۈپ، كېيىن نەزەربەند قىلىنغان، 1944 - يىلى 11 - ئايدا 2 - تۈرمىگە قامالغان.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پائال قۇتقۇزۇشىدا، 1946 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۇلار ۋە شىنجاڭدىكى باشقا قامالغان كومپارتىيە ئەزالىرى ھەم ئائىلە تەۋەلىرى يەنئەنگە غەلىبىلىك قايتىپ كەلگەن. 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۇلار يەنئەندىن شەرقىي شىمالغا بېرىپ، ئۇ يەردە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنى قۇرغان.
قىزىل ئۇرۇق ئەڭ ئاخىرىدا ئۆسۈپ كۆككە تاقاشقان چوڭ دەرەخكە ئايلانغان. بۇ تۈركۈم «قىزىل ئۇچقۇچىلار» پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنى قۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساسىغا ئايلىنىپ، ئازادلىق ئۇرۇشى ۋە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن جۈندىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر بولۇپ، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، كېيىن نەنجىڭ ھەربىي رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى بولغان يۈەن بىنمۇ بار.
(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)