ھېكايىلەر توپلىمى ⑥
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا
8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدا بىر ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك مىس ھەيكەل قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ئۇچىسىغا ھەربىي فورما كىيگەن بولۇپ، چوڭقۇر ئوي ـ پىكىرلىك كۆزلىرى ئالدى تەرەپكە تىكىلىپ تۇراتتى. مانا بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تۇنجى ۋەكىلى چېن يۈننىڭ مىس ھەيكىلى.
1937 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىگە ئۆتۈپ جەڭ قىلىۋاتقان غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى ھەربىي كومىتېتقا مۇنداق جىددىي مۇراجىئەت قىلدى: غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ كۈچى «ھازىر ئۈچ تۇەنگىمۇ يەتمەيدۇ» «كېچە ـ كۈندۈز توختىماي جەڭ قىلىپ، ئوق ـ دورىلار تۈگەي دەپ قالدى، جەڭچىلەر قاتتىق چارچىدى.» چېن يۈن خەتەرلىك ـ مۈشكۈل پەيتتە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىپ، تېڭ دەييۈەن قاتارلىق بەش كىشىنى باشلاپ 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى دىخۇا(ھازىرقى ئۈرۈمچى)غا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى كۈتۈۋېلىشقا تۇتۇش قىلدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇشى ۋە ياردىمىدە، شىنجاڭ دائىرىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سېپىنى بەرپا قىلدى.
4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، چېن يۈن ئاپتوموبىل ئەترىتىنى باشلاپ دىخۇادىن يولغا چىقىپ، شىڭشىڭشياغا يېتىپ باردى. بۇ چاغدا، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ قالدۇق قىسمىدىكى 407 كىشى ئادەم ئاياغ باسمىغان كەڭ باياۋاندا تۆت كېچە ـ كۈندۈز يول يۈرۈپ، ئارقا ـ ئارقىدىن شىڭشىڭشياغا يېتىپ بارغانىدى. مەڭزىلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، يەتكۈچە جاپا تارتقان باتۇر، قورقماس سول تارماق ئەترەت كادىر ـ جەڭچىلىرىنى كۆرۈپ، چېن يۈننىڭ ئىچى قاتتىق سىيرىلدى ۋە قەلبى تەسۋىرلىگۈسىز ئازابلاندى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بۇ قەھرىمان قىسىمدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى سەھەردە، چېن يۈن سول تارماق ئەترەتنىڭ قېپقالغان قىسمىنى باشلاپ تولۇق قوراللىنىپ دىخۇاغا يېتىپ باردى. ئارقىدىن، سول تارماق ئەترەتنىڭ قېپقالغان قىسمى باش تارماق ئەترەت بولۇپ قايتا تەشكىللىنىپ، سىرتقا قارىتا «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» دەپ ئاتالدى. چېن يۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تۇنجى ۋەكىلى بولۇپ، شېڭ شىسەي بىلەن بولغان بىرلىك سەپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى ھەم «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»گە رەھبەرلىك قىلدى. چېن يۈن «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»نى سىياسىي، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ھەم شېڭ شىسەي بىلەن بولغان بىرلىك سەپ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي مەشىق يېتەكچىلىرىنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان زامانىۋى ھەربىي پەن ـ تېخنىكا ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇردى. «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» ئارمىيەمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئالاھىدە ئەسكەرلەر مەكتىپىگە ئايلاندى، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ ئالاھىدە ھەربىي تېخنىكا كادىرلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان ۋە تەربىيەلەيدىغان بازىغا ئايلاندى.
1937 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، چېن يۈن قاتارلىقلار يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شېڭ شىسەي بىلەن كۆپ قېتىم كېڭىشىپ، دىخۇادا 8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنى تەسىس قىلدى. 8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يەنئەندىن شىنجاڭ ئارقىلىق موسكۋاغا بارىدىغان قىزىل قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ماددىي ئەشيا توشۇش ـ يەتكۈزۈش ۋە خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىش يولى»نى ساقلاپ قالدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە توشۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغان خەلقئارا قاتناش مۇھىم يولىغا ئايلاندى.
يولداش چېن يۈن شىنجاڭدا 200 نەچچە كېچە ـ كۈندۈز جەڭ قىلىپ، خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى تىكلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، چېن يۈن ئىلگىرى خىزمەت قىلغان 8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مەملىكەت بويىچە ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيە بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چېن يۈننىڭ مىس ھەيكىلىگە ئېھتىرام بىلدۈرگەن، بۇ بۆلەك تارىخنى چۈشەنگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ.
(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)