تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»نىڭ بارلىققا كېلىشى

ھېكايىلەر توپلىمى ⑤

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى بىر قەدىمىي تۈستىكى قورۇنىڭ ئوچۇق قىزىل رەڭلىك دەرۋازىسى ئۈستىگە «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان. كىشىلەر پات - پات بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە كېلىپ، بۇ ھويلىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. گەپنى يەنىلا 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى بىر بۆلەك تەسىرلىك تارىختىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

1936 - يىلى 10 - ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىدىكى غەلىبىلىك ئۇچرىشىشتىن كېيىن، قىزىل 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسمى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىگە ئۆتۈپ نىڭشيا ئۇرۇشى پىلانىنى ئىجرا قىلغان. 11 - ئايدا، مەركەزنىڭ يوليورۇقى بويىچە جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى تەشكىللەنگەن ھەم غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى ھەربىي - مەمۇرىي كومىتېتى قۇرۇلۇپ، خېشى كارىدورىغا يۈرۈش قىلىشقا ئاتلىنىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارىدىغان خەلقئارا لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان.

1936 - يىلى 11 - ئايدىن 1937 - يىلىغىچە، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدىغان، قان كېچىپ ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىدىغان ئىرادە بىلەن، ياۋۇز ۋە ۋەھشىي ما جەمەتى قوشۇنى ئاساسىي كۈچى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئاخىرى ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا تەڭ كېلەلمەي ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولغان، قىزىل 5 - جۈننىڭ جۈنجاڭى دۇڭ جېنتاڭ، قىزىل 9 - جۈننىڭ جۈنجاڭى سۈن يۈچىڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، نۇرغۇن كوماندىر - جەڭچى تالاپەتكە ئۇچرىغان، ئۇلار قان بىلەن گۆشتىن يۇغۇرۇلغان جىسمى بىلەن يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان قەھرىمانلىق داستانىنى پۈتكەن.

1937 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى ھەربىي - سىياسىي كومىتېتى شىۋودا يىغىن ئېچىپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خىزمەت كومىتېتى قۇرۇپ، قېپقالغان 3000دىن ئارتۇق كىشىنى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشنى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خىزمەت كومىتېتى سول تارماق ئەترەتكە ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلغان. لى شيەننيەن باشچىلىقىدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان دالىدا قەيسەرلىك بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئارقا سەپ تەمىناتى، ئوق - دورا تولۇقلىمىسى، ھېچقانداق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بولمىغان ئەھۋالدا، نۇرغۇن قاتتىق جەڭلەرنى قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن گەنسۇ - شىنجاڭ تۇتاشقان جايدىكى شىڭشىڭشياغا يېتىپ بارغان.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا يېتىپ بېرىش ئىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، چېن يۈننى موسكۋادىن شىنجاڭغا بېرىپ سول تارماق ئەترەتنى كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، چېن يۈن ئاپتوموبىل ئەترىتىنى باشلاپ شىڭشىڭشياغا سول تارماق ئەترەتنى كۈتۈۋېلىشقا بارغان. «1 - ماي»نى تەبرىكلەش يىغىنىدا، چېن يۈن مۇنداق دېگەن: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىلەرگە ئىزچىل غەمخورلۇق قىلىپ، مېنى سىلەرنى كۈتۈۋېلىپ دىخۇاغا ئاپىرىپ قويۇشقا ئەۋەتتى. ئىنقىلابتا يېڭىش - يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، ھازىر پەقەت 400 نەچچىلا ئادەم قالدۇق دەپ ئويلاپ قالماڭلار، بىزنىڭ قىزىل ئارمىيەمىز يەنىلا مەۋجۇت، كەلگۈسىدىكى غەلىبىنى كۆرۈشىمىز كېرەك، بۇ 400 نەچچە ئادەم 4000غا، 40 مىڭغا، ھەتتا 4 مىليونغا كېڭىيىدۇ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى جەزمەن بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.

5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كېچىدە، سول تارماق ئەترەتتىكى 400دىن ئارتۇق كوماندىر - جەڭچى دىخۇا(ھازىرقى ئۈرۈمچى)غا يېتىپ كېلىپ، كېيىن باش تارماق ئەترەت بولۇپ قايتا تەشكىللەنگەن. ئەينى چاغدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ، كوماندىر - جەڭچىلەر شىنجاڭنىڭ ھەربىي فورمىسىنى بىرتۇتاش ئالماشتۇرۇپ، سىرتقا قارىتا بىردەك «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» دەپ ئاتالغان. فورما ئالماشتۇرغاندا، بەزىلەر ئۇچىسىدىكى قىزىل ئارمىيە فورمىسىنى سىلاپ، ئۇنى سېلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىغان، بەزىلەر شەپكىسىدىكى بەش يۇلتۇزنى ئېلىپ، ئىچ كىيىمىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغان.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تارماق ئەترەتنى كۆپ قىسىم تۈرىدىكى ھەربىي تېخنىكا مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، باش تارماق ئەترەت شېڭ شىسەي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئەسلىھەلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشىق يېتەكچىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئارمىيەمىز ئۈچۈن زامانىۋىلاشقان ھەربىي تېخنىكا تايانچلىرىنى يېتىشۈرۈشنى قارار قىلغان. «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» ئارمىيەمىزنىڭ ئەڭ بالدۇرقى ئالاھىدە ئەسكەرلەر مەكتىپىگە ئايلانغان، كوماندىر - جەڭچىلەر توپچى قىسىم، سىمسىز تېلېگراف، بىرونېۋىك، ئاپتوموبىل، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق زامانىۋى ھەربىي تېخنىكىلارنى سىستېمىلىق ئۆگەنگەن. شىنجاڭدا تەربىيەلەنگەن بۇ ئالاھىدە ئەسكەرلەر تېخنىكا كۈچى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش، ئازادلىق ئۇرۇشى ھەمدە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئەينى يىلى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دا ئۆگىنىش قىلغان كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى كېيىن ئارمىيەمىزنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ تېخنىكا تايانچلىرى ۋە رەھبىرىي كۈچىگە ئايلانغان.

1999 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت غەربىي ئارقا كوچا 58 - نومۇرلۇق قورۇ(ئەسلىدىكى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى داۋالاش - خەۋەرلىشىش بەنى تۇرۇشلۇق جاي)نى ئەسلىي قىياپىتى بويىچە غەربىي ئارقا كوچا 37 - نومۇردا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا قۇرۇشنى قارار قىلغان ھەم نامىنى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، دەپ بېكىتكەن، بۇ دەل «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان قەدىمىي تۈسكە ئىگە قورۇ. بۇ يەردە كىشىلەر ئاشۇ تەسىرلىك ۋە پارلاق تارىخ ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدۇ.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.