تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشىنىش

ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا

قىزىل پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشىنىش

قىزىل بازىلارغا زىيارەت ④

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىڭدې يولى 29 - نومۇرغا جايلاشقان ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى تۈركۈم - تۈركۈم ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەرنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئەسلىي تۇرالغۇ ماۋ زېمىن ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ئۆي، ئەسلىدىكى مالىيە مەخسۇس كۇرس مەكتىپى، يېڭىدىن سېلىنغان كۆرگەزمە زالىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورۇندىكى ئىمارەتتىن تەركىب تاپقان بىر چاسا قورۇ بولۇپ، كۈل رەڭ خىش، سېرىق تام، قىزىل تۈۋرۈكلەر ناھايىتى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك، ئاددىي، نەپىس كۆرۈنەتتى. كىچىك ھويلىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ يېرىم بەدەن مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈرگەن، قىياپىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، تۈرۈلگەن قوشۇمىسىدىن بۇ كوممۇنىستنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە قەيسەرلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئاكىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىزىنى باسقان ياش ماۋ زېمىن جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش سەپىرىگە ئاتلانغانىدى.

ئۇرغۇپ تۇرغان قەھرىمانلىق جاسارەت ئۇزاققىچە تۇرار مەردانە. ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدىكى كىچىك ھويلىدا تۇرۇپ، مۇخبىر خۇددى ئاشۇ بوران - چاپقۇنلۇق ئۆزگىرىشچان يىللارغا بارغاندەك بولدى. 1938 - يىلى ئەتىيازدا، ماۋ زېمىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن مېڭىپ شىنجاڭدىن ئۆتكىنىدە، شېڭ شىسەينىڭ ئىلتىماسى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈپ شىنجاڭدا قېلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ئۇ شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە ئىسمىنى جوۋ بىنغا ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مۇۋەققەت نازىرى، ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى بولغان. 1942 - يىلى كۈزدە، شېڭ شىسەي جياڭ جيېشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ كومپارتىيەگە قارشى چىققان، شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سېپى بۇزۇلۇپ، ماۋ زېمىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، 1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ يىلى ئۇ ئارانلا 47 ياشتا ئىدى.

«ماۋ زېمىن شىنجاڭنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باش بولۇپ باشقۇرغان قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىمى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇپ، مال باھاسى مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن، ئىشلەپچىقىرىش پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش بولغان.» ماۋ زېمىننىڭ مىس ھەيكىلىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، چۈشەندۈرگۈچى خالىنا نۇسقا ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «گەرچە ماۋ زېمىن ئىزچىل مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر زەررىچە چان - توزاننى ئۆزىگە قوندۇرماي، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك - دۇرۇس بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، بىر كوممۇنىستنىڭ پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىش قەسىمىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن، بۇ بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ».

ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ ئىشخانىسى ھەم ياتىقى 1940 - يىلى 8 - ئايدا سېلىنغان بولۇپ، كېسەك - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىككى يېرىم ئېغىزلىق بىر قەۋەتلىك ئۆي ئىدى. ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىنقىلابىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن ھايات ۋاقتىدا ئولتۇرغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن، خىزمەت قىلغان جايلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىي قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلدۇرغان ھەم خاتىرە جاي قىلغان. 1975 - يىلى 10 - ئايدا، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككى دەرىجىلىك مالىيە مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەسلىي تۇرالغۇنى رېمونت قىلغان ھەم ئەسلىدىكى مالىيە مەخسۇس كۇرس مەكتىپىنىڭ ئىمارىتىنى ئەسلىي قىياپىتىدە قايتا سالغان. 2005 - يىلى 8 - ئايدا، ئەسلىي تۇرالغۇنىڭ غەرب تەرىپىگە يەنە ئىككى قەۋەتلىك بىر كۆرگەزمىخانىنى يېڭىدىن سالغان.

كۆرگەزمىخانىنىڭ 2 - قەۋىتىدە كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىلەردە ئىككى مىنۇتقا يېقىن رەڭسىز سىنئالغۇ لېنتىسى قايتىلاپ قويۇلۇپ تۇراتتى، بۇ ئاۋازسىز سىنئالغۇ لېنتىسىدا 20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىكى دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) كوچىلىرىنىڭ مەنزىرىسى ھەمدە ماۋ زېمىننىڭ قۇرۇلۇش زايومى تارقاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەس - بەستە سېتىۋالغانلىقى قاتارلىق جانلىق كۆرۈنۈشلەر تولۇق نامايان قىلىنغانىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ساۋ فېيمىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قىممەتلىك سىن لېنتىسىنى ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانىسىدىكى بىر فوتو مۇخبىرى شىنجاڭدا تارتقان ئىكەن. بىز شاڭخەي ئۈن - سىن ماتېرىياللىرى سارىيىدىن بۇ قىممەتلىك سىن لېنتىسىنى تاپتۇق، قايتىلاپ قويۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كۆرگۈچىلەر ماۋ زېمىننىڭ شىنجاڭنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى چۈشەندى».

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىپ، ھەربىر قىزىل ھېكايىلەر ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چۈشەندى.

«ماۋ زېمىن گەرچە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن تەشكىلنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى رەت قىلغان، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنغان كىرسىن ئوچاقتىن بىرنى تېپىپ كېلىپ، ئۆزى چۆپ پىشۇرۇپ، چاي قايناتقان ھەم ھەر كۈنى ئېشىپ قالغان سەيلەرنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، خۇنەنلىكلەرنىڭ سەي چىلاش ئۇسۇلى بويىچە ئۇنى ئىدىشقا چىلاپ، ئازراقمۇ ئىسراپ قىلمىغان، ئۇ ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا ياشاشنىڭ ئۈلگىسى.» كۆرگەزمىخانىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى كىرسىن ئوچاقنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغان تاماشىبىن ۋاڭ جيەنجۇڭ ئىختىيارسىز ئېھتىرام بىلدۈرۈپ: «جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا ياشاش كوممۇنىستلارنىڭ ئېسىل ئىستىلى. گەرچە ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما 40 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئەۋلادلىرىمنى جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا ياشاپ، تىرىشچان - ئىقتىسادچىل بولۇپ، قىزىل گېنغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا تەربىيەلەيمەن».

قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2020 - يىلى ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئۆزگەرتىلىپ كۆرگەزمە مەزمۇنىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، مەزمۇنى تېخىمۇ مول، تەپسىلىي بولۇپ، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ شانلىق ھاياتى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن سىرت، چۈشەندۈرۈش ئاپپاراتى، تەكشى تاختىلىق تېلېۋىزور ۋە ئېلېكتىرونلۇق گۈل تەقدىم قىلىش ئېكرانى قاتارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىلەر كۆپەيتىپ سەپلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە جەلپ قىلدى. 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ماۋ زېمىننىڭ ئىشخانىسى ھەم ياتىقىنىڭ ئەسلىي ئورنى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئۈرۈمچى شەھىرى مىڭدې يولى 29 - نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 960 كىۋادرات مېتىر، 1940 - يىلى 8 - ئايدا سېلىنغان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ماۋ زېمىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مۇۋەققەت نازىرى بولغان چاغدىكى ئىش بېجىرگەن ۋە ئولتۇرغان جاي. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ئۈچۈن، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن ھايات ۋاقتىدا ئولتۇرغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن، خىزمەت قىلغان جايلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىي قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلغان ھەم خاتىرە جاي قىلىپ ئاچقان. 1975 - يىلى 10 - ئايدا ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. 2020 - يىلى ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن، كۆرگەزمە زالىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىتىلىپ، كۆرگەزمە ۋاسىتىسى تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان. ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېچىۋېتىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:30دىن 18:00 گىچە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.