ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا
سادىق روھلار يېشىل تاغدا ئەمىن تاپتى قەھرىمانلارنىڭ روھى ئەبەدىي نۇر چاچتى
قىزىل بازىلارغا زىيارەت ③
سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې فەن
3 - ئايدىكى ئۈرۈمچى باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى قارلىغاچلىق مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قارىغاي - ئارچىلار بىلەن يېشىللىققا تولۇپ، ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جۈننىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ بۇ يەرنى ئايلىنىپ، ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللاردىكى ئىنقىلابىي ئەسلىمىلەرنى ئەسلىدى.
قۇياش نۇرى «جىجى يولى»غا چۈشۈپ تۇراتتى، بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ئاساسىي مەنزىرە رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئوق يولى. بۇ ئوق يولنى مەركەز قىلىپ، قەبرىستانلىققا خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى، تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسى، ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى، «1955 - يىلنى ئەسلەش» ھەيكەل تېمى، ئىنقىلابىي قۇربان چېن تەنچيۇنىڭ ھەيكىلى، كۆرگەزمىخانا، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلار - قۇربانلار خاتىرە مۇنارى، شەمشادزارلىق، قەھرىمانلار - قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن خاتىرە ئەسلىھەسى ئورۇنلاشقان بولۇپ، جەمئىي 94 ئىنقىلابىي قۇربان قويۇلغانىدى.
«جىجى يولى»نى بويلاپ ئاستا ماڭغاندا، يول گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، كىشىنىڭ ھۆرمەت ھېسسىياتىنى قوزغايتتى. «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە شىنجاڭدا قۇربان بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان چېن تەنچيۇ ھەمدە ماۋ زېمىن، دۇ جۇڭيۈەن، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئورۇن تاللاپ قۇرغان.» ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: «ھازىر، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قەھرىمانلار روھىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغان جاي بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئوغۇل - قىزلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىنقىلابىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان قىزىل بازىغا ئايلاندى».
«جىجى يولى» ئاخىرىدا پەلەمپەي بىلەن يۇقىرىغا چىققاندا، نەچچە مىڭ كىشىنى سىغدۇرالايدىغان تەزىيە بىلدۈرۈش خاتىرە مەيدانى ئىدى، مەيداننىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. خاتىرە مۇنارىنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 30 مېتىر، سۇپىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە جەمئىي توققۇز پەلەمپەي بولۇپ، بۇ «30 - سېنتەبىر» دۆلەت ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەھرىمانلار - قۇربانلار روھىنىڭ مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىنىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى. خاتىرە مۇنارىغا ئويۇلغان «خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك يەتتە چوڭ خەتمۇ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلغان.
ھەر قېتىملىق چىڭمىڭ بايرىمى، «1 - ئىيۇل» «1 - ئاۋغۇست»، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى، دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، قەبرىستانلىققا كېلىپ قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئېتىدىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
چوڭ تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسىغا بەش قەبرە تېشى ياي سىزىقى شەكلىدە تىزىلغان، ئىنقىلابىي قۇربان چېن تەنچيۇنىڭ قەبرىسى ئوتتۇرىدا بولۇپ، ئوڭ - سول ئىككى تەرىپىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن ۋە ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ قەبرە تېشى، سىرتقى تەرىپىگە ئىنقىلابىي قۇربان چياۋ گوجېن ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ۋۇ ماۋلىننىڭ قەبرىسى قويۇلغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ ئۈچ ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قەبرە تېشىنىڭ ئوڭ يۈزىگە 1974 - يىلى ئەينى چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يولداش دۇڭ بىۋۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان بېغىشلىمىسى چۈشۈرۈلگەنىدى.
قەبرە تېشى 1956 - يىلى ياسالغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە سېمونت قەبرە تېشى ئىدى. 2017 - يىلى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا قايتا ياسالغان. قەبرە تېشى ئاق مەرمەر ۋە گىرانت تاشتىن ياسالغان بولۇپ، قەھرىمانلار - قۇربانلار روھىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 30 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغان پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ باۋخەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى چۈشەندۈرگۈچى پىدائىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاچ، مۇخبىر ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ كۆرگەزمىخانىنىڭ تۆت كۆرگەزمە رايونىدا «قىزىل ئۇچقۇن» «بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپە» «ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاياتلىق يولى ئىزدەش» «تىنچلىق ناخشىسى» «تىيانشاندىكى قەھرىمانلار روھى»دىن ئىبارەت بەش بۆلەك تەرتىپ بويىچە كۆرگەزمە قىلىنغانىدى. كۆرگەزمىخانىدىكى 158 ئىنقىلابىي قۇربان ۋە نەمۇنىچى شەخسنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرى، 550 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت ھەمدە 100دىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ 300دىن ئارتۇق يادىكارلىق بۇيۇمى، نەچچە مىڭ پارچە سۈرەت ماتېرىيالىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا پۈتكەن تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق داستانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى. بۇ كۆرگەزمىخانا كۆپ قېتىم دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ قىسمەن ئۆزگەرتىلگەن، ئاۋاز، نۇر ئېلېكتىر ئارقىلىق كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق زامانىۋى كۆرگەزمە تېخنىكا ۋاسىتىلىرى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ پىرويېكسىيەلىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش، كۆپ ۋاسىتىلىك تېلېۋىزور، كىنو - تېلېۋىزىيە تېمى، تەقلىدىي كۆرۈنۈش، يېرىم كۆرۈنۈشلۈك رەسىم قاتارلىق كۆرگەزمە شەكىللىرىنى قوللىنىپ ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەنلەرنى خۇددى نەق مەيداندا تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى.
ۋاڭ باۋخەن مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم مەن بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلارنىڭ تۈرمىدە قۇربان بولغانلىقىنى تىلغا ئالغىنىمدا، ئىنتايىن قايغۇرىمەن. بىز چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ئىسسىق قېنى بىلەن ياراتقان بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشىمىز كېرەك».
يېشىل تاغ باغرىدا ساداقەتمەنلەر مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى، قەبرە تېشىغا ئۇلارنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى پۈتۈلدى. 2020 - يىلى، بۇ قەبرىستانلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىدىن شەمشادزارلىققىچە مەنزىرە مەدەنىيەت يولى بەرپا قىلدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 235 مېتىر، يول بويى يېشىل چاتقاللىق، يول يۈزى قىزىل رەڭنى ئاساسىي رىتىم قىلغان بولۇپ، بۇ ئىنقىلابىي روھنىڭ مەڭگۈ ياشنايدىغانلىقى، قىزىل روھ مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە 14 ئورالما قول يازما شەكىللىك تاش ئويمىسى ئورنىتىلغان، ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەبرىستانلىق قۇرۇشنىڭ باش - ئاخىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئۈزۈندىلىرى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ بېغىشلىمىسى قاتارلىق مەزمۇنلار ئويۇلغان بولۇپ، يىل بويى بۈك - باراقسان تۇرىدىغان شەمشادزارلىق ئاساسىي مەنزىرە رايونىغا تۇتىشاتتى.
«ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەنزىرە مەدەنىيەت يولىدا قەدىمىنى توختاتقان، ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان كىشىلەر قەلبىدىكى ئورتاق ئېتىقاد ئۈچۈن بۇ جايدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قىزىل ئەسلىمىلەردىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىدۇ.» ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: قىزىل تەربىيە بازىسىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قېتىملىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكىنىڭ ئىدىيە مەخپىي نومۇرىنى تېپىشىمىزغا، پارتىيە تارىخىدىن ئىدىيە جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىدىيە كۈچى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى 1956 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغان. نۆۋەتتە «مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» «مەملىكەت بويىچە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئىمارەتلىرىنى نۇقتىلىق قوغداش ئورنى» «2 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش خاتىرە يادىكارلىقى» «4 - تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بويىچە پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى تەربىيەسى بازىسى» «مەملىكەت بويىچە 100 قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونى». ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ كۆلىمى 850 مودىن ئارتۇق بولۇپ، 100 خىلدىن ئارتۇق دەل - دەرەخ، چاتقال ۋە گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈلگەن، كۆكەرتىش كۆلىمى %90تىن ئاشىدۇ. قەبرىستانلىق رايونى يىل بويى ئېچىۋېتىلىدۇ، ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دىن 18:00گىچە. قەبرىستانلىق ئىچىدىكى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دىن 16:30غىچە (كۆرگەزمىخانا دۈشەنبە كۈنى تاقىلىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام - دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا).