تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلدى مەردلەر جان پىدا

− ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھايات ئىزنالىرىنى ئىزدەش

قىزىل ئىزنالار ⑤

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ كوللېكتىپ ھەيكىلى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

يېشىل قارىغاي - ئارچىلار قەھرىمانلار - قۇربانلارنى قوغدىدى، باھار شامىلىدا بارچە گۈللەر تەزىيە بىلدۈرۈپ قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. چىڭمىڭدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كىشىلەر چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى قارلىغاچلىق مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق 94 قەھرىمان - قۇربان دەپنە قىلىنغان. بۇ يەرگە يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشقان ۋاپات بولغان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى قەھرىمانلار - قۇربانلار قاتارلىقلار دەپنە قىلىنغان. بۇ يەر ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم ئورۇن. بۇ يەردىكى ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر پارچە ماتېرىيالدا مەڭگۈ ئۆچمەس قىزىل ئەسلىمىلەر قەدىرلىنىپ ساقلانماقتا.

باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش

ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى «تىيانشان ئابىدىسى» باش تېمىسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ، مۇخبىر زالنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئېسىلغانلىقىنى كۆردى. «بۇ يەردە 550 نەچچە پارچە سۈرەت ھەمدە 100دىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم، يەنە نەچچە مىڭ پارچە سۈرەت ماتېرىيالى ۋە 300 پارچىدىن ئارتۇق ئىنقىلابىي قۇربانلار تەۋەررۈك بۇيۇمى بار بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىدەك جاپا - مۇشەققەتلىك مۇساپىسى خاتىرىلەنگەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى گې مىن تونۇشتۇرۇپ.

سول تەرەپتىكى پەلەمپەينى بويلاپ ئۈستىگە چىققاندا، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق ئون ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ ھەيكىلى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەيسەرانە قىياپەتتە يىراققا نەزەر سېلىپ تۇرغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالاتتى.

20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتتى. چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا تىرىشچانلىق، ئەستايىدىللىق بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا - مۇشەققەتلىك يىللاردا، تۇرىدىغان ئۆي بولمىغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەپ «گەمە» كولاپ شۇ يەردە تۇردى؛ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بولمىغاچقا، ئۇلار كېرەكسىز پولات - تۆمۈرنى يىغىپ ئۆز قولى بىلەن ياسىدى؛ ئات - ئۇلاغ بولمىغاچقا، نۆۋەتلىشىپ ساپان سۆرەپ بوز يەر ئاچتى؛ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلىش، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆۋرۈك سېلىپ يول ياساش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش... شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلار جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

كۆرگەزمىخانا مەنزىرە نۇسخىلاش، خىيالىي تەسۋىر ھاسىل قىلىش، كىچىكلىتىلگەن مەنزىرە، يېرىم مەنزىرە رەسىم، ئېلېكتىرونلۇق سېزىمچان ئېكران، بارماق بىلەن ۋاراقلىنىدىغان كىتاب قاتارلىق يېڭىچە، زامانىۋى ئاكوستىكا فوتوئېلېكتىر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەينى يىللاردىكى كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە قايتا نامايان قىلدى.

ماۋ زېمىننىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە مۇنداق بىر بۆلەك خەت بار: مەن شىنجاڭغا كەلدىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەت قىلىپ بېرەلىسەم، بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق.

دەل خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىك تۇرغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، شىنجاڭنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا يۈزلەندۈرۈپ، قالاقلىقتىن تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن بېيىشقا يۈزلەندۈرۈپ، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە يۈزلەندۈرۈپ، «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن شادلىنىش، ئىلھاملىنىش»تەك جاھان مۆجىزىسىنى ياراتتى.

تۈرمىدە كۈرەش قىلىپ خىسلىتىنى نامايان قىلىش

«تۈرمىدە كۈرەش قىلىش» «تۈرمىدە سوت قىلىش» «تۈرمىدىكى ئايال قەھرىمان»... كۆرگەزمىخانىدىكى بىر كۆرگەزمە زالىدا 1:1 نىسبەتتە ئەينى يىللاردا شىنجاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار زاتلارنىڭ تۈرمىگە قامالغان چاغدىكى كۆرۈنۈشى ھەقىقىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇلار چۆرىدەپ بىللە ئولتۇرغان، مۇشتىنى چىڭ تۈگكەن بولۇپ، كۆزلىرىدىن دۈشمەن بىلەن ئاداققىچە ئېلىشىشقا قەسەم بېرىشتەك قەتئىيلىكى چىقىپ تۇراتتى.

1942 - يىلى، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، شېڭ شىسەي «ئالغا ئىلگىرىلەش» دېگەن ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئاشكارا ھالدا جياڭ جيېشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ھەمكارلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن ئاق تېررورلۇقنى ئاشكارا يولغا قويۇشقا ئۆزگىرىپ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولۇپ 150 نەچچە كىشىنى ئىلگىرى - كېيىن قولغا ئالدى.

دۈشمەنلەر قاماپ قويۇلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى تۈرلۈك دەھشەتلىك قىيىن - قىستاققا ئېلىپ، ئۇلارنى باش ئەگدۈرۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قەھرىمانلار - قۇربانلار باتۇرلارچە تىز پۈكمەي، مەردانىلىك بىلەن دۈشمەنگە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلدى.

«شېڭ شىسەي ياكى سىلەرنى ئېغىر ئەمگەككە سالىدۇ، ياكى سىلەرنى يۇمشىتىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدار قىلىدۇ، سىلەر ئالدىنىپ قالماڭلار، كۈرەش ئىرادەڭلەرنى چىڭىتىپ، كوللېكتىپ يەنئەنگە قايتىشنى قولغا كەلتۈرۈڭلار.» نەزەربەند قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، چېن تەنچيۇ بارلىق چارە - ئامال بىلەن باشقا جايلاردا نەزەربەند قىلىنغان يولداشلار بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، كۆپچىلىكنى چوقۇم ئېتىقادىنى چىڭىتىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى پەن تەتقىقات پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ سابىق باشقارما باشلىقى ۋاڭ دى سوراق قىلىش ئارخىپىنى رەتلەۋاتقاندا، دۈشمەننىڭ ماۋ زېمىننى قىلغان سوراق بىلەن چېن تەنچيۇنى قىلغان سوراقنىڭ بىر قېلىپتىن چىققاندەك ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. نۇرغۇن سوراق قىلىش ئارخىپىدا خاتىرىلىنىشىچە، سوراق جەريانىدا، دۈشمەنلەر «ئەگەر سىلەر سۇيىقەست قىلماقچى، توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولغان بولساڭلار» «پەرىزىڭلارچە قانداق قىلغان بولاتتىڭلار» قاتارلىق بىر قاتار سوئاللارنى قويۇپ، بىر - بىرلەپ قىلتاق قۇرۇپ، ماۋ زېمىننى قايمۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ «ئىقرار سۆزى»گە ئېرىشىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان.

ۋاڭ دى مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان سوراق قىلىش خاتىرىسىدىن بىز خائىننىڭ <كۆرسىتىشى> ۋە ئاتالمىش <گۇۋاھ سۆزى>گە قارىتا، ماۋ زېمىننىڭ كۈلۈپلا قويۇپ، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كوممۇنىستلار سۇيىقەست قىلىدىغان، توپىلاڭ كۆتۈرىدىغان قۇۋلۇق - شۇملۇقنى ھەرگىز قىلمايدۇ، كىمكى سۇيىقەست قىلسا، توپىلاڭ كۆتۈرسە، مىللەتنىڭ ئالدامچىلىرى ۋە گۇناھكارلىرى بولىدۇ!» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۇق.

دۈشمەنلەر ماۋ زېمىننىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىنىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە خام خىيال قىلىپ، ئۇنى ئازدۇرۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان.

«ئۇ مېنىڭ سىياسىي ھاياتىم، پارتىيەدىن ئايرىلمايمەن!» ماۋ زېمىن ھەققانىي ۋە كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن قاتتىق قايتۇرما زەربە بەرگەن.

1943 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، كوممۇنىست گاۋ دېڭباڭ لىن جىلۇ بىلەن بىر كۈندە قولغا ئېلىنىپ، 4 - تۈرمىدە بىر كامېرغا قامالغان. گاۋ دېڭباڭ ئەسلىمە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «4 - تۈرمىنىڭ 10 - نومۇرلۇق كامېرىغا ئەمدىلا قامالغاندا، لىن جىلۇ بىزگە: <بىز تۈرمىگە كىردۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، تەشكىل بولۇشى كېرەك، تەشكىللەنگەندىلا ئاندىن كۈچ بولىدۇ> دېدى».

«لىن جىلۇ <مەھبۇسلار ناخشىسى>دا مۇنداق يازغان: <ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، مەيدانىمىزنى ساقلايمىز! كاللىمىزدىن كېچىپ، ئەركىنلىك پىرامىداسى ياسايمىز، ئىسسىق قېنىمىز بىلەن قىزىل بايراقنى بوياپ، مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرىمىز!> بۇنداق شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. قان بىلەن تاۋلانغان ئىنقىلاب روھى زامان - ماكاندىن ھالقىپ، كەلگۈسىنى نۇرلاندۇرۇپ، بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە مەڭگۈ رىغبەتلەندۈرىدۇ» دېدى شىنجاڭ داشۆ ئارخىپخانىسىنىڭ ئارخىپخانا باشلىقى يۈ فۇئېن ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا.

گەرچە تېرىسى تىلىم - تىلىم بولۇپ، بەدەننىڭ ساق يېرى قالماي، نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىرادىسى پولاتتەك مۇستەھكەم بولۇپ، قىلچە تەۋرەنمىدى. دۈشمەن قاتتىق باش قاتۇرغان بولسىمۇ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان بىرەر ئېغىز سۆزگىمۇ ئېرىشەلمىدى، شۇنداقلا ئازراقمۇ «دەلىل - ئىسپات» تاپالمىدى.

1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەن دۈشمەن تۈرمىدە مەخپىي ھالدا چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى...

«ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئەلا.» قەھرىمانلار - قۇربانلار ھاياتى ئارقىلىق ئېتىقاد، ئەقىدىنىڭ كۈچىنى شەرھلىدى، ئۇلار قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق روھى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن مەردانىلىك بىلەن ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، ھەققانىيەت يولىدا جان پىدا قىلدى.

قىزىل گېن مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ

كۆرگەزمىخانىدىن چىقىپ، قەبرىستانلىق چوڭ يولىنى بويلاپ شەرققە قاراپ ماڭغاندا، كۆك ئاسمان ئاستىدىكى قارىغاي - ئارچىلار ئارىسىدا، خاتىرە مەيدانىدىكى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قاتار - قاتار كەتكەن ئۈن - تىنسىز قەبرە تاشلىرى ئادەتتىن تاشقىرى سۈرلۈك ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

«قىزىل ئەسلىمە» ناملىق ھەيكەل تام ئالدىغا كەلدىم، تامغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئازادلىقنى تەبرىكلىگەن كۆرۈنۈش جانلىق ئويۇلغانىدى. ھەيكەل تامنىڭ ئۈستى تەرىپىدە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەش تىپىك شەخسنىڭ باش سۈرىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن كۈچ - قۇۋۋەت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، چىراي ئىپادىسىدىن يەنىلا قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بەرگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.

1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىندى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى ۋە پامىر ئېگىزلىكىگە قادالدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ تارىخىدا يېپيېڭى سەھىپە ئېچىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ھەممىنى شادلاندۇردى، تىنچلىق، ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى پۈتمەس - تۈگىمەس بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈردى.

بىز قەھرىمانلار - قۇربانلارغا بۇ گۈللىنىش دەۋرى سىلەرنىڭ ئارزۇ قىلغىنىڭلاردەك بولدى، دەپ تولۇق تەسەللى بېرەلەيمىز.

بۈگۈنكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن مۇقەددەس جايى بولۇپلا قالماي، يەنە قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بازىغا ئايلاندى.

2013 - يىلى چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بۇ يەرگە كېلىپ تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ماۋ زېدۇڭنىڭ نەۋرىسى ماۋ شىنيۈ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا چېگرا رايون ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈچىمىزنى قوشىمىز».

«بىز ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈشكە كېلىدىغانلارنى كۈتۈۋالىمىز، بېسىق مەزگىلدە ھەر كۈنى قەبرىستانلىققا كىرىدىغانلار 10 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ.

تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، 2017 - يىلى يازلىق تەتىلدىن باشلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا پىدائىي قوبۇل قىلدى، بۇ پائالىيەت نۇرغۇن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى جەلپ قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى گېڭ زىشىن كىچىك پىدائىيلارنىڭ بىرى. «بىزنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمىز سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جان پىدا قىلىشى، ئىسسىق قان ئاققۇزۇشى بەدىلىگە كەلگەن، بىز ئىنقىلاب روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمىز» دېدى گېڭ زىشىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.