تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم

□ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم غالىبىيەت مەمەتتۇرغان

يېقىندا، H&M پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، بىمەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توستى، بۇ ھەقىقەتەن كۈلكىلىك بولۇپ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ.

ھەممىگە ئايانكى، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسى ئىسسىق، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان، راھەت بولۇپ، يىل بويى تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىستېمال دۆلىتى، 2 - چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2020 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق پاختا ھوسۇلى تەخمىنەن 5 مىليون 950 مىڭ توننا بولدى، بۇ، يىللىق ئېھتىياجدىن تەخمىنەن 1 مىليون 850 مىڭ توننا ئاز، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگىمۇ يەتمەيدۇ. مەن بالىلىق ۋاقتىمدىلا، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆزلۈكىدىن پاختا تېرىشقا بارىدىغانلىقىنى، تىرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئۇلارغا يۇقىرى مائاش بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆرگەن. تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا يۈكسەك ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشتى، پاختا تېرىشنىڭ ئالدىراش پەسلىدىمۇ، نۇرغۇن پاختا تەرگۈچىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغان بولدى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى پۈتۈنلەي تۇتۇرۇقسىز گەپ - سۆز.

شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، بۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. تۈرلۈك كاشىلا ۋە بۇزغۇنچىلىق پەقەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ، پەقەت بىزنى تېخىمۇ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خام خىيالىدا بولىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستلەرنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئاشمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.