تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى

ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش كىچىك ئاپتوموبىل ھەيدەش

قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتى مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى مەنزىرىسى (4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە

60 نەچچە يىل بۇرۇن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە ئولتۇرۇشلۇق خوتەنلىك دېھقان قۇربان تۇلۇم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كۆرۈش ئىرادىسىگە كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)دا يۈرۈپ، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىغا كېلىپ، ئەسلىمىلەرنى قايتا ئەسلەپ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتى − كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىگە كەلدى.

«قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش روھى ئىزچىل پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە، بىز بۇنى تىرىشىپ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، قۇربان تۇلۇم روھىنى يېڭىدىن نۇر چاچقۇزىمىز» دېدى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختى سۇلايمان بەيدۇللا قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا ھاياجانلانغان ھالدا.

توختى سۇلايمان قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، كىچىك ۋاقتىدا كەنتتىكى ياشانغانلاردىن قۇربان تۇلۇم ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى دائىم ئاڭلاپ، ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىگە پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئۇرۇقى چېچىلغانىدى. ئىزچىل توغراغاز كەنتىدە كەنت كادىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇ، 2019 - يىلى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.

«ھەر ئايدا، مەن كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ خاتىرە سارىيىغا بېرىپ ئايلىنىپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشقا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىمنى چىڭىتىمەن» دېدى توختى سۇلايمان.

قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ئامانگۈل ئەلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2016 - يىلى كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى خاتىرە سارايغا قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر، قولدا ئىشلەنگەن ئويما رەسىم، مۇھىم ھۆججەت، ماتېرىياللار ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار تىزىلدى، ئۈن - سىن ئۆيى تەسىس قىلىنىپ، مەخسۇس فىلىم ئىشلەندى.

«بۇ يىل، 500دىن كۆپرەك ئادەم كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە تەربىيە ئالدى» دېدى توختى سۇلايمان.

خاتىرە سارىيىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگىنىمىزدە، سول تەرەپتىكى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئادەملەر بىلەن تولغانىدى. بوران - چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ كېسەك ئۆي قۇربان تاغىنىڭ ئەينى چاغدىكى تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىي ھالىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاشخانا، ياتاق ئۆي، قازناققا ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن كىرسىن چىراغ، ياغاچ تاۋاق، تەڭنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى قويۇلغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆي، بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، پىكاپ ھەيدىدى.

«بۇ ئۆي چىرايلىقمىكەن؟ بىزنىڭ كەنتتە ھەممە ئۆيلەر ئاساسەن مۇشۇنداق.» ئابدۇرېشىت مەتتۇرسۇن بىزنى باشلاپ ئۆزىنىڭ ھويلىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى.

20 ياشلىق ئابدۇرېشىت كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ، ئائىلىسىدە 100دىن ئارتۇق ئۆي قۇشى بېقىپتۇ، كەنت ئېغىزىدا تاللا بازىرى ئېچىپتۇ، ئۇزاق ۋاقىت تەييارلىق قىلغان سەھرا ئارامگاھىدىمۇ پات ئارىدا تىجارەت باشلىنىدىكەن.

2014 - يىلى، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاچقا، ئابدۇرېشىت ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە دەپ قارالدى. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ قۇربان تاغىنىڭ ئىجتىھات بىلەن تىرىشىش روھىنىڭ تاۋلىشى نەتىجىسىدە، بىر تەرەپتىن ئون نەچچە مو يەرنى باشقۇرسا، بىر تەرەپتىن باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2018 - يىلى نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى ئېلىۋەتتى. 2020 - يىلى، يەر، باقمىچىلىق، تاللا بازىرىدىن قىلغان كىرىمىنى قوشقاندا تەخمىنەن 110 مىڭ يۈەن بولدى.

«بۇ كەنتىمىزدىكى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئولتۇراق رايونى، مېنىڭ ئۆيۈم ئالدىمىزدىكى ئاۋۇ بىنادا.» كەنت ئاھالىسى مەتتۇردى سەيدى پىكاپتىن چۈشۈپ، بىزگە يول كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا بىر دۇكان ئاچقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ساتاتتى. 2020 - يىلى، مەتتۇردى بىر ئائىلە كىشىلىرى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى، 58 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي پاكىز، ئازادە، يورۇق بولۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە زامانىۋى ئۆي جاھازلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

توختى سۇلايمان مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 - يىلى، توغراغاز كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كەنت 1600دىن ئارتۇق كۆپ تۆللەيدىغان قوي بېقىپ ۋە 4200دىن ئارتۇق قوينى بورداپ، 190گە يېقىن ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ 1000 مودىن ئارتۇق يەردە ئۈزۈم، سەبدەرگۈل تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇپ، 250تىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق 300دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«قۇربان تۇلۇم روھى بىزنىڭ كەنتنىڭ <ئەڭگۈشتەرى>.» توختى سۇلايمان مۇنداق دېدى: «ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش غەيرىتى ناھايىتى كۈچلۈك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى گۈزەل تۇرمۇش يېڭى نىشانىغا قاراپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە».

باي بولۇش تەجرىبىسىدىن باشقا، توغراغاز كەنتىدە يەنە بىر نەرسە خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدۇ − ئۇ بولسىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى.

52 ياشلىق مەتتۇردى ئەمەتنىڭ چوڭ قىزى ئۈرۈمچىدە داشۆدە ئوقۇيدۇ. «2014 - يىلى، بېيجىڭلىق ساياھەتچى جاڭ باۋشېڭ ئۆيىمىزگە كەلدى. ئەينى چاغدا، ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، قىزىمنى داشۆدە ئوقۇتۇش ناھايىتى تەس ئىدى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جاڭ باۋشېڭ قىزىمنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.» مەتتۇردى مۇنداق دېدى: جاڭ باۋشېڭنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، يەتتە يىلدىن بۇيان ئۇ ئەينى يىلىدىكى ۋەدىسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

«قېرىندىشىمىز جاڭ باۋشېڭنىڭ ئائىلىمىزگە قىلغان ياردىمى ماڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بۇ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى <قۇربان تۇلۇم روھى>نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن» دېدى مەتتۇردى.

توغراغاز كەنتىدە قۇربان تۇلۇم روھىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، پۈتۈن كەنتتىكى 340 نەچچە ئائىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى ئائىلە بولۇپ باھالاندى. بۇ يەردە، ھەممە كىشى ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىشى ئىتتىپاقلىقنى قوغداش، ھەممە كىشى تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، توغراغاز كەنتىدە مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى، مەيدان ھەيكەللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى قاتارلىقلار قۇرۇلدى. ئىلگىرى ھەمىشە قۇم - بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان كەنت بۈگۈنكى كۈندە يېڭى تۈسكە كىردى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى بارغانسېرى چىڭىدى.

مۇخبىر خاتىرىسى

جەنۇبىي شىنجاڭغا بوشلۇقتىن نەزەر

□ جوۋ پېڭ

ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش بۇلۇڭى، ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نى بويلاپ زىيارەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى.

فوتو سۈرەت مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۇزاق مەزگىل جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا ئالدىراش يۈردۈم. شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى 500 مېتىر ئېگىزلىككە چىقىرىپ نەزەر سالغىنىمدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زور ئۆزگىرىش ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئىختىيارسىز مېنى ھەيرەتتە قالدۇردى!

ئاپپارات كۆزىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېكولوگىيە گۈزەللىكى نامايان بولۇپ تۇراتتى. ئاتۇش شەھىرىدە، تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشكەن بولۇپ، 17 يىللىق كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق ئاتۇشلۇقلار ئۆزىنىڭ ئارقا گۈللۈكىگە ئىگە بولدى.

ئاپپارات كۆزىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆۋرۈكلەر ياسالغان، يوللار راۋانلاشقانىدى. قەشقەر ۋىلايىتىدە، قەشقەر شەھىرى بىلەن ئەتراپتىكى ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ بىر سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش - تىرانسپورت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنىدى.

ئاپپارات كۆزىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا ساياھەتچىلىكنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە ئايرودۇرۇمدىن تەشكىللەنگەن ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىغا تايىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسىغا بەس - بەستە باردى. پوسكامدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن لەيلەپ تۇرغان دەريا» قوينىنى كەڭ ئېچىپ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالماقتا.

ئاپپارات كۆزىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا، قاتار - قاتار ئەمىن ئۆيلەر پاكىز ۋە يورۇق بولۇپ، ھويلىلاردا تۇرمۇش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ رايون ئايرىلغان، ئۆيلەرگە سۇ، توك، پار تولۇق سەپلەنگەنىدى؛ ھەربىر نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشلەپچىقىرىش جانلانغانىدى، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغان پۇقرالار كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار ئىدى؛ ئاشۇ قاتار - قاتار يېزا - كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ قىياپىتى يېڭىلانغان بولۇپ، بالىلار سولياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن تەنتەربىيە مەيدانىدا قوغلىشىپ ئوينىماقتا ئىدى...

ئىلگىرى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭدا بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى سانائەت بارلىققا كېلىپلا قالماي، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. بۇنداق كۆرۈنۈشلەردىن بىز قانداقمۇ قاتتىق ھاياجانلانماي، چەكسىز ئىپتىخارلانماي تۇرالايمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.