تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «پىكىر» چىقىرىپ، «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېچىلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئون چوڭ كەسپى>نىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى يېشىپ چۈشەندۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، «دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ <ئون چوڭ كەسپى>نىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى چىقىرىپ، 17 كونكرېت تەدبىر ئارقىلىق «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، «ئون چوڭ كەسىپ»كە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سەي زىيىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ نېفىت، نېفىت - خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، باغ - ئورمان، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نان، ئۈزۈم ھارىقى، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى «پىكىر»نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق باج مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتىلىدىكەن.

«پىكىر»دە باج - ھەقتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاش، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى تەدبىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، «ئون چوڭ كەسىپ»كە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك باج، تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى 17 كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 17 كونكرېت تەدبىر ئىچىدە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نۇقتىسى چىقىش قىلىنىپ، دىققەت قىلىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مەزمۇنلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدىكەن: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «ئېنىقلىق دەرىجىسى» ئۆستۈرۈلۈپ، سىياسەتنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، تېز بەھرىمەن بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن؛ «باجنى سان ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باج يىغىش چوڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ «ئالتۇن تاغ، كۈمۈش ئامبار»لىق رولى جارى قىلدۇرۇلىدىكەن؛ مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، مەخسۇس باج بېجىرىش تەسىراتى يارىتىلىدىكەن؛ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۆزگەرتىلىپ، باج ئىشلىرى بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دەل جايىدا يولغا قويۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.