تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كوللېكتىپ ھالدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى ۋە ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىشتە بولدى

قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كوللېكتىپ ھالدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى ۋە ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىشتە بولدى، پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ياڭ چېڭ، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى قۇرغان قىزىل ئارمىيە قىسمى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار شى تارىخى سارىيىغا كېلىپ، قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار، تارىخىي سۈرەتلەر ئالدىدا پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ، چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئالىيجاناب روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، تارىخ ۋە دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى مىڭدې يولىغا جايلاشقان ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىن ھايات ۋاقتىدا تۇرغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن، خىزمەت قىلغان جاي. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار بۇ يەرگە كېلىپ، ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ مىس ھەيكىلى ۋە ئىشخانىسى، ياتىقىنىڭ ئەسلىي ئورنى قاتارلىقلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، شىنجاڭدا جېنىنى پىدا قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، قۇربان بېرىشتىن قورقمىغان ئىنقىلابىي كۈرەش مۇساپىسىنى قايتا ئەسلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسى ۋە ئالىيجاناب روھىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ياراتقان ھەم شۇ يولدا كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى مۈشكۈل - قانلىق سەپەر، ھەربىي لاگېردا ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە پولاتتەك تاۋلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتكە تولغان، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان كۈرەش مۇساپىسى ۋە شىنجاڭدا ئۆگىنىش قىلغان، خىزمەت قىلغان كۆرۈنۈشلەر ئومۇميۈزلۈك قايتا نامايان قىلىنغانىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قىممەتلىك ئەمەلىي بۇيۇملارغا زەن قويۇپ قاراپ، تارىخىي سۈرەتلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جەڭ قىلىش ۋە ئۆگىنىش، خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: قىزىل بايلىقتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تەربىيەلەش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار، ئىزلار، ئىنقىلابىي مۇزېي، خاتىرە مەيدان - سارايلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىشتە بولۇش جەريانىدا، چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مەنىۋى شەجەرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى تاۋلاپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.