تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

ھەر قېتىملىق چوڭ بايرام ۋە مۇھىم پائالىيەتلەردە يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدىكى نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىر تۈركۈم «مىننەتدارلىق نېنى» يېقىپ، «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قاتارلىق خەتلەرنى چوڭ نانغا چېكىپ چىقاردى.

«بىز بىرلىكتە كېچىلەپ مىننەتدارلىق نېنى ياقتۇق، چۈنكى نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن بەك كۆپ بەھرىمەن بولدۇق، ياردەم بېرىش - يۆلەش كۈچىنىڭ ئىنتايىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، دەل ھەر تەرەپتىن كەلگەن كۈچلەرنىڭ ياردىمىدە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇنداق زور ئۆزگىرىش بولدى» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ناۋاي ئۇستام ئەكبەر سىيىت ئەخمەت 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى بەس - بەستە ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندى

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى سىكىداشمان كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى بۇمەريەمخان مەتتۇردى قوشنىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا، ھەمىشە نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى تىلغا ئالىدۇ.

كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىگىچە، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەخسۇس ھەرىكىتىدىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتىگىچە، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىدىن ئىجتىمائىي كاپالەت مەخسۇس ھەرىكىتىگىچە نامرات رايونلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ھەربىر نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتى كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش ئېقىنلىرى قوشۇلۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش دەرياسىنى شەكىللەندۈردى.

يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 400دىن ئارتۇقى يولغا قويۇلۇپ، جەمئىي 1 مىليون 520 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىندى.

يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 675 مىڭ 600 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، 169 مىڭ 200 كىشى خۇشال - خۇرام يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆچۈرۈشنى ئاساس قىلىشتىن داۋاملاشما يۆلەشكە ئۆزگەرتىش، «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش»تىن «مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش»قا ئۆزگەرتىشنى مۇقىم ئالغا سىلجىتتى، ھەرقايسى جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلارنى تولۇق، ياخشى قىلىپ، كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارنى ھەممىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورتاق كۈچىدى

كېسىش، ئايرىش، كەپشەرلەش ... خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى تۆمۈرچىلىك ھۈنەر - سەنئىتى پىششىقلاش زاۋۇتىدا، كەنت ئاھالىسى ئەركىن مەمەتنىڭ كۈنلىرى ئىنتايىن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى كەنتكە قۇرۇپ بەرگەن تۆمۈرچىلىك ھۈنەر - سەنئىتى پىششىقلاش زاۋۇتى كەنتتىكى 100 ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەربىر كىشى يىلىغا 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

2016 - يىلىدىن بۇيان، مەركەزدىكى 17 ئورۇن 28 نامرات ناھىيەنى نۇقتا بەلگىلەپ يۆلەپ، 889 مىليون 120 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى سېلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈرىدىن 432نى يولغا قويدى، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتكەن كادىر 322 ئادەم قېتىم بولدى؛ ئاپتونوم رايوندىكى 235 ئورۇن 280 نامرات كەنتنى نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، 2 مىليارد 828 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 7543 تۈرنى يولغا قويدى.

ئاقىل ساياھەت سۇپىسى قۇرۇلدى، باغ - ئورمان پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش يېزا - كەنتلەرگە كىردى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سىرتقا يۈزلىنىپ سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلدى... جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمى تېخىمۇ مەزمۇت، كۈچلۈك بولدى.

«كۆپچىلىك بىرلىكتە پالاق ئۇرۇپ چوڭ كېمىنى ھەيدىدى.» پۇقراۋى كارخانىلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە مېھرىبان زاتلارمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پائال قاتناشتى.

ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتى ۋە «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانىلار ھەم سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى ھەرقايسى جايلاردىكى نامرات كەنتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ قوشماقلىشىشقا يېتەكلەپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خاس كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئورتاق قۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1251 پۇقراۋى كارخانا 1292 نامرات كەنتكە ياردەم بەردى، يۆلىدى، جەمئىي 5618 جەمئىيەت تەشكىلاتى نامرات كەنتلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەشكە قاتناشتى، 2 مىليارد 486 مىليون يۈەن ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى سېلىندى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

2018 - يىلىدىن باشلاپ، شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يېڭىچە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «توردا، ئەمەلىي گەۋدىدە قوش لىنىيە بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش» ۋە «سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈش، مەھەللىگە كىرگۈزۈش، كۆكتات بازىرىغا كىرگۈزۈش، ئورگانغا كىرگۈزۈش، مەكتەپكە كىرگۈزۈش، كارخانىغا كىرگۈزۈش، مېتروغا كىرگۈزۈش، مېھمانسارايغا كىرگۈزۈش، بانكىغا كىرگۈزۈش»تىن ئىبارەت «قوش لىنىيە، توققۇز كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى تولۇق قوزغاپ، قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شاڭخەي شەھىرى ئاھالىلىرىگە يەتكۈزدى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يېڭىلىق يارىتىش، ئەلا نەتىجە يارىتىش، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك يول قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارغا قارىتا دائىملىق سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شەندۇڭ رۇيى، چىڭداۋ جىفا، زىبو چىخۇا كىيىم تىككۈچىلىكى قاتارلىق ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ سىجىل تۈر تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى.

نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بازار ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، چېگرا سودىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، يىغىن، كۆرگەزمە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بىر تۈركۈم خاس مەھسۇلاتلار ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا يۈزلىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

ئاپتونوم رايونىمىز «ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش، شىمالىي شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، بىڭتۇەن يەرلىككە ياردەم بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان 33 ناھىيە، شەھەر، رايوننى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 27 ناھىيە، شەھەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەشكە تەشكىللەپ، كەسىپ ھەمكارلىقى، ئەمگەك مۇلازىمىتى جەھەتتە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

كۆپ تەرەپنىڭ كۈچى توپلاندى، تۈرلۈك بايلىقلار ئىشقا سېلىندى، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بىرمۇ كەنتنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.