تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى قەتئىي ئېچىپ تاشلاپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پاختا - چىگە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى پاختا - چىگە پونكىتى:

يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى قەتئىي ئېچىپ تاشلاپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىمىز

يېقىندا، H&M، نەيكې قاتارلىق چەت ئەل ماركىسىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەر شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دەپ داۋراڭ سېلىپ، بايانات ئېلان قىلىپ شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا بىز كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەك. ئۇلار جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا قارا چاپلاپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھەم كەسپىگە بېسىم قىلماقچى.

ئۈرۈمچى پاختا - چىگە پونكىتى 40 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىزچىل پاختا ساقلاشقا ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭدا ئىشلەپ، تۇرمۇش كەچۈرگەن، شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ ئەھۋالى بىزگە ئەڭ ئېنىق.

ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كىلىمات شارائىتىغا تايىنىپ، شىنجاڭ پاختىسى ياخشى سۈپەتكە ئىگە بولغان. شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى ئىزچىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، شىنجاڭ پاختىسى دۆلەت ئىچىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم خام ئەشيا كاپالىتى، شۇنداقلا يەرشارىۋى كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەبىئىي تالا خام ئەشياسى بولۇپ، پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا پاختىدىن ئىشلەنگەن توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەككە بولغان زۆرۈر ئىستېمال ئېھتىياجىنى خېلى ياخشى قاندۇردى. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۇزۇن تالالىق پاختىسى يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا يىپنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى قىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەخت ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى، ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇقىم ھالەت ساقلاندى، پاختا توقۇمىچىلىق ھەم كىيىم - كېچەك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يىپ ئېگىرىشتىكى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا، شىنجاڭ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلەتتى، قۇرۇپ چىقىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى دۆلەت ئىچىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق ساھەلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»تىن ئىبارەت يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىشتىكى تۈپ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىنىڭ ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ پاختا كەسىپ زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بىز ئۇلارنىڭ مەقسىتىگە يېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز. پاختا ساقلاش كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مۇلازىمەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.