تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ كېۋەز تېرىپ بېيىش يولىغا ئاتلىنىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مۇخبىر يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرى كولدۇر مەھەللە كەنتىدىكى بىر پارچە سالا ئېتىزغا كەلدى، كۆز يەتكۈسىز كېۋەزلىكتە پەقەت ئالتىلا ئادەم ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

«گۈر، گۈر... » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان شوپۇرسىز تىراكتور كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن تۈجۈپىلەپ تېرىش سېيالكىسىنى سۆرەپ، ئالدىن بېكىتىلگەن لىنىيە بويىچە تېرىشنى باشلىدى، ئوغۇتلاش، ئۇرۇق سېلىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش قاتارلىقلار بىراقلا تاماملاندى، قاتار - قاتار تۈپتۈز سولياۋ يوپۇقلار تەكشى سالا ئېتىزلارغا رەتلىك يېپىلدى.

كەنت ئاھالىسى ياسىن مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز كېۋەز تېرىشتا <يۇقىرى پەن - تېخنىكا>دىن پايدىلىنىپ، تۈجۈپىلەپ تېرىپ، كۈچنى، ۋاقىتنى تېجىدۇق».

تىراكتورنىڭ ھەيدەش بۆلمىسىدە، شوپۇرنىڭ ئوڭ ئالدى تەرىپىگە بارماق تەگكۈزۈپ كونترول قىلىنىدىغان سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ئورنىتىلغان بولۇپ، تىراكتور مەشغۇلاتى ۋە ئېتىز مۇھىتى قاتارلىقلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى، سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش يول باشلاش سىستېمىسىنى چېكىپ ئاچسىلا، تىراكتور دەرھال ئاپتوماتىك ھەيدەش ئەندىزىسىگە كىرىپ، ماي كىلاپانى، رولنى ئادەم باشقۇرمايلا، بېكىتىلگەن تۈز سىزىق بويىچە تەكشى سۈرئەتتە ئىلگىرىلەيدۇ.

«بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان تىراكتوردا يەنە قۇر ئارىلىقىنى تەكشى ساقلىغىلى بولىدۇ، پەرقى ئىككى سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ» دېدى ياسىن.

ئىلگىرى، كولدۇر مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى كېۋەز تېرىغاندا، سالا ئېتىزغا خادا سانجىپ، ئارغامچا تارتاتتى، ئۇرۇق سېلىشنىڭ تۈز بولۇش - بولماسلىقى، قۇرلارنىڭ دەل ئۇلىنىش - ئۇلانماسلىقىدا پۈتۈنلەي شوپۇرنىڭ قول مەشغۇلاتى ۋە كۆزىگە تايىنىلاتتى؛ ھازىر، كېۋەز تېرىشتا بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى بار بولدى، پاختا يىغىش پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇلدى... بارغانسېرى كۆپ تېخنىكىسى ئىلغار، مەشغۇلاتى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ كېۋەزلىكلىرىدە پەيدا بولدى.

«تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ماشىنىلاشقان يىغىۋېلىش، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كېۋەز تېرىشىمىز، پاختا يىغىشىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانى ماشىنىلاشتى.» ياسىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز 500 مو يەرگە كېۋەز تېرىيدىغان بولۇپ، بەش كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا تېرىپ بولدۇق، بۈگۈن بىز باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېۋەز تېرىشىغا ياردەملىشىمىز».

بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ياسىننىڭ كېۋەز تېرىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى. «بۇلتۇر، مەن 500 مو كېۋەزلىكنىڭ 420 موسىغا ئارپىبەدىياننى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدىم. بۇ يىل پۈتۈنلەي ئارپىبەدىياننى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، <يۇقىرى پەن - تېخنىكا>دىن پايدىلانسام، كىرىمىم چوقۇم بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولىدۇ» دېدى ياسىن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.

پاختا يىغىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە بىر قېتىم «مېڭىپ» چىقسىلا، پاختا تولۇق يىغىۋېلىنىدۇ.

«ئىلگىرى، 50 مو يەرگە كېۋەز تېرىش ئۈچۈن، يەنە ياردەمگە ئادەم تەكلىپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە 20 نەچچە ئادەمنى تەكلىپ قىلاتتىم، ھەربىر كىشىنىڭ كۈنلۈك خىراجىتىگە 150 يۈەن كېتەتتى.» ياسىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئوخشىمايدۇ، كەنت ئاھالىلىرى پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ كېۋەز تېرىش يېڭى يولىغا ماڭدى».

يوپۇغا ناھىيەسى ئاپتونوم رايوندىكى پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىۋاسىتە ئائىلىلەرگىچە باردى، سۈپەتلىك ئۇرۇق، ياخشى ئۇسۇل بىۋاسىتە ئېتىزلارغا يەتكۈزۈلدى، تېخنىكا مۇھىم نۇقتىلىرى بىۋاسىتە ئادەملەرگىچە يەتكۈزۈلدى. پاختا ئىشلەپچىقىرىشمۇ ئىلگىرىكى بىر تەرەپلىمە ھالدا ھوسۇلنى قوغلىشىشتىن سۈپەتنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆزگىرىپ، «مىقدار»دىن «سۈپەت»كە ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ھازىر كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ماشىنىلىشىشنى قوللىنىش سەۋىيەسى %80تىن ئاشتى، ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 450 كىلوگىرامدىن ئاشتى، مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەزلىكلەرمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولدى» دېدى يوپۇغا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تەتقىقاتچىسى جۇ خاۋسەي.

ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى يوپۇغا ناھىيەسىنى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان يېڭى رايونغا ئايلاندۇردى، يىللىق كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 650 مىڭ موغا مۇقىملاشتى. «بۇلتۇر كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ 795 يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز تېرىشتىن كەلگەن كىرىمى 6000 يۈەن بولدى» دېدى كولدۇر مەھەللە كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەخسۇم مۇسا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.