تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىچىك موگۇ ئىچكىرى رايونلاردىكى چوڭ بازارلارغا يۈرۈش قىلدى

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، گۇما ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىدىكى خىزمەتچىلەر شياڭگۇ ئۈزمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە

گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى سايباغ كەنتىگە جايلاشقان گۇما ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگىنىمىزدە، شياڭگۇنىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلدى، ئىشچىلار شياڭگۇ يىغىۋاتاتتى.

«تۈنۈگۈن 14 توننا شياڭگۇ بېسىلغان سوغۇق ساقلاش يۈك ئاپتوموبىلى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نى بويلاپ ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقتى. ھازىر، بىز كېيىنكى تۈركۈمدىكى زاكازغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى شىنجاڭ بېيكاڭ مىكرو بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بېيكاڭ پەن - تېخنىكىسى» دېيىلدى)نىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى تاڭ جيايىن.

گۇما ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، كىلىماتى قۇرغاق، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ، بېيكاڭ پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە تەبىئىي شارائىتىغا كۆزى چۈشتى ۋە گۇما ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىدا تەرەققىي قىلىشنى تاللىدى.

تاڭ جيايىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت ئاساسلىقى خەيشيەنگۇ، شياڭگۇ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. نۆۋەتتە ئۆلچەملەشكەن، زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەركۈنى سەككىز توننا خەيشيەنگۇ، تۆت توننا شياڭگۇ، بىر توننا قارا مور ئىشلەپچىقىرىدىكەن، ئىككى ئەقلىي ئىقتىدارلىق خەيشيەنگۇ ئۆستۈرۈش پارنىكى، 100 شياڭگۇ پارنىكى، 64 مور پارنىكى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، سانجۇ بازىرى، چودا يېزىسى، پىشنا يېزىسىدا 1000دىن ئارتۇق شياڭگۇ پارنىكى ۋە 220 مور پارنىكى ياسىلىپتۇ.

خەيشيەنگۇ ئۆستۈرۈش ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، قويۇق تۇمان يۈزىمىزگە ئۇرۇلدى، خالتا - خالتا ئاق رەڭلىك «خەيشيەنگۇ» زەمبۇرۇغ جازىسىغا رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئۇزۇن زەمبۇرۇغ دەستىسى يۇمران زەمبۇرۇغ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. «خەيشيەنگۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تىپىدىكى ئوت - چۆپ زەمبۇرۇغىغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا سەككىز سېلسىيە گىرادۇستىن 18 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق كېلىدۇ، شۇڭا ھەربىر ئېغىز يېتىشتۈرۈش ئۆيىگە سوۋۇتۇش ماشىنىسى سەپلەنگەن، 24 سائەت سوغۇق ھاۋا بىلەن تەمىنلەيدۇ.» تاڭ جيايىن مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولغاچقا، بىز مەززىلىك ھەم <نازۇك> خەيشيەنگۇنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ۋۇخەن، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيمىز».

بۇ جۈنگۇلارنى يېتىشتۈرگىنى دەل ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى كەنت ئاھالىلىرى. «مەن ئەسلىدە سانجۇ بازىرى قارادۆڭ كەنتىدە تۇراتتىم، يېرىمىز ئاز بولغاچقا، پۈتۈنلەي يەر تېرىشقا تايىنىپ كىرىم قىلاتتۇق» دېدى بۇئامىنە مەمەت.

2018 - يىلى، بۇئامىنە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان زاڭگۇي يېزىسى يۇڭئەن يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بۇئامىنە گۇما ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئۇ ئەقىللىق، تىرىشچان بولغاچقا، باغچە رايونىغا كېلىپلا زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش تەجرىبىخانىسىدىكى شى خەيفېڭنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. يېتىشتۈرۈش پىروبىركىسىنىڭ ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى قانداق تىزگىنلەش، يېتىشتۈرگەن زەمبۇرۇغدىن قانچىلىك سېلىش كېرەكلىكىنى شى خەيفېڭ سەۋرچانلىق بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈردى، بۇئامىنە ناھايىتى تېزلا زەمبۇرۇغ تۈرىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالدى. يېڭى تېخنىكىنى ئىگىلىگەن بۇئامىنە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدى.

تۇنسا غۇلام مۇجى بازىرى لوڭگا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، گۇما ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغ كەسىپلەر باغچىسىغا ئىشقا چۈشكىنىگە بىر يىل بولدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ شياڭگۇ پارنىكىدا موگۇ ئۆستۈرۈش، يىغىشقا مەسئۇل بولۇپ، ھەر ئايلىق كىرىمى مۇقىم بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، توققۇز مو يەرنىڭ ئىشىنى قىلاتتىم ۋە بىرنەچچە قوي باقاتتىم، ھازىر شياڭگۇ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، ھەر ئايلىق كىرىمىم ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى».

نۆۋەتتە، گۇما ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىدا 600دىن ئارتۇق كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇئامىنە ۋە تۇنساغا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ خىزمەتچى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ماھارەت ئۆگەندى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«بىز مەخسۇس ئەشيا ئوبوروت شىركىتى قۇردۇق، چوڭ تىپتىكى سوغۇق ساقلايدىغان زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروت ئاپتوموبىلىدىن ئالتىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدا قاتناش سۈرئىتى تېزلىتىلگەچكە، بىز ئىشلەپچىقارغان جۈنگۇ تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى.» تاڭ جيايىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە 100 موگۇ پارنىكى قۇرۇپ، شياۋجۈنگۇ كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى پىلانلىدۇق.

ھازىر، تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىن سىرتقا توشۇلىدىغان شياۋجۈنگۇ بارغانسېرى زىچ بولۇۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى بويلاپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى تېخىمۇ كەڭ بازارلارغا يۈرۈش قىلماقتا.

مۇخبىر خاتىرىسى

«ئارقىدا قالغان جاي»دىن «گۆھەر ماكان»غىچە

□ رايىدە

گۇما ناھىيەسىدە، شياۋجۈنگۇلار «بېيىش كۈنلۈكى»نى ئاچتى؛ قاراقاش ناھىيەسىدە، توشقان بېقىش «چوڭ كەسىپ»كە ئايلاندى؛ خوتەن شەھىرىدە بارغانسېرى كۆپ كارخانا بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈردى...

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نى بويلاپ گۇما ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ خوتەن شەھىرىگە كەلدى.

خوتەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ قاتناش تەرەققىياتى ئارقىدا قالغانلىقتىن، دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن «ئارقىدا قالغان جاي» دەپ ئاتىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە ماڭسىڭىز لىققىدە يۈك بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئۇچقاندەك مېڭىۋاتقانلىقىنى، سانائەت باغچە رايونىدىكى ئىشچىلارنىڭ مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز... بۇ يەر خۇددى «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلغاندەك، كىشىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان، توختىماي ئالغا بېسىۋاتقان ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر خوتەنگە كۆز تىكتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش «10 مىليارد يۈەن دەۋرى»گە قەدەم قويدى؛ تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى توشۇپ ئەكىرىش، چىقىرىش بارغانسېرى قولايلاشتى، تۈرلۈك كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىدىغان «ئالتۇن دەۋر»گە كىردى.

ئىلگىرىكى «ئارقىدا قالغان جاي» ھازىر تېز سۈرئەتتە «گۆھەر ماكان»غا ئايلانماقتا. بۇ يەردە بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، تەرەپ تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار خوتەننىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمىنى بارغانسېرى زورايتتى، بارغانسېرى تېزلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.