تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنقىلاب روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرايلى

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. ئىنقىلاب روھى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىللىق قالتىس كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان زور بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي قۇربانلار، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم قەھرىمان شەخسلەر، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور بىر تۈركۈم ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار بارلىققا كېلىپ، بىر قاتار ئۇلۇغ روھنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلىپ، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنى ئاڭلىق ھالدا ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنىقلابىي روھنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ساقلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «100 يىلدىن بۇيان، ھەر خىل قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، پارتىيەمىز كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماسلىق، خەۋپ - خەتەردىن قورقماسلىق، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش خىسلىتى ۋە پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكى.» جىڭگاڭشەندە، قەيسەر كوممۇنىستلار مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىپ، قەتئىي ئىتتىپاقلىشىپ جىڭگاڭشەندىكى قىزىل بايراق ئاستىدا كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ۋە كەسكىنلىك بىلەن غايىگە ئىنتىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا يېڭى يول ئېچىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاممىغا تايىنىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى؛ مەركىزىي سوۋېت رايونىدا ۋە ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە دەل قەتئىي غايە - ئېتىقاد ۋە كۈچلۈك ئىنىقلابىي ئىرادىگە تايىنىپ، ھەر قېتىم مۈشكۈل ئەھۋالدا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان مۆجىزىنى ياراتتى؛ باۋتاشەن تېغى ئېتىكىدە، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار ۋە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلار توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ پەسكوي ھالەتتىن ئەۋجىگە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ... تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ جاسارىتىنىڭ يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرۇشى، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىدىكى سەۋەب، دەل ئاشۇنداق ئىنقىلاب قىلىشقا جان پىدالىق كۆرسىتىش قوشۇلغان قۇدرەتلىك روھقا تايانغانلىقىدا.

روھنىڭ ئۇلۇغ كۈچى ھامان قەلبنى زىلزىلىگە سالالايدۇ. 1936 - يىلى ۋە 1939 - يىلى، ئامېرىكىلىق مۇخبىر سىنوۋ ئىككى قېتىم يەنئەن ۋە شىمالىي شەنشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەم ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىدە بىر خىل ئۆزگىچە كۈچ بارلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ خىل روھ، كۈچ، قىزغىنلىقنى ئىنسانلار تارىخىنىڭ مول شانلىق جەۋھىرى، «شەرقنىڭ سېھرىي كۈچى» «دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش نۇرى» دەپ تەرىپلىگەن. ئىنقىلابىي روھ كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە ھەمراھ بولۇپ، ۋاقىت كوردىناتىدا مەنىۋى ئۇزۇن ئېقىننى شەكىللەندۈردى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە جىڭگاڭشەن روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، زۇنيى يىغىنى روھى، يەنئەن روھى، شىبەيپو روھى، قىزىل قىيا روھى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئالاھىدە رايون روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى قاتارلىق ئۇلۇغ روھلارنى تاۋلاپ يارىتىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە سىياسىي پەزىلىتىنى نامايان قىلىدىغان مەنىۋى شەجەرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ بىر قاتار ئۇلۇغ روھلار زامان - ماكان ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، پارتىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، تۈپ مەقسىتى، ئېسىل ئىستىلىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ پەزىلىتىنى مۇجەسسەملىدى، پارتىيەمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ قان تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭدى. بۇ بىر قاتار ئۇلۇغ روھلار بىزنىڭ «قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز»نىڭ مەنىۋى مەخپىي شىفىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، روھنى تاۋلاپ، ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرىلىشىدىكى مول مەنبە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بوران - چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە «كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇش»نى تەلەپ قىلىشتىن «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىدە «پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش»نى تەكىتلەشكىچە، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە «كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاش»نى تەكىتلەشكىچە، ئىنقىلابىي روھ ۋە قىزىل گېن زامان - ماكان ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەسىنى تاۋلىدى، روھىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئەمەلىيەت داۋامىدا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي پەزىلىتى ۋە كۈرەش قىلىش روھى، كۈرەش قىلىش ماھارىتى تاۋلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىي قىياپىتى تېخىمۇ روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. لېكىن شۇنى يەنە سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا ئاسانلا خاتىرجەم كۈنلەر ئۇزاققىچە سوزۇلىدۇ، دەيدىغان، روھىي بوشاڭلىق قىلىدىغان پىسخىكىلىق ھالەت پەيدا بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل پارتىيە تارىخىنىڭ تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەپ، غايە - ئېتىقادنى تېخىمۇ چىڭىتىش، سىياسىي پەزىلەتنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇش، كۈرەش روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش، كۈرەش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.

«ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا، ئىستىقبالىمىز پارلاق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بىز تەس تېپىلىدىغان پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. شۇنى چوڭقۇر بىلىشىمىز كېرەككى، بىزدەك بۇنداق 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەتتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەقەدەر ئۇلۇغ، نەقەدەر ئاسان ئەمەس − ھە! بۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، قىلچىمۇ توختاپ قېلىشقا، ئىككىلىنىشكە، قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش كېرەك. كۈرەش نىشانىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، خېيىم - خەتەر، خىرىسقا قانچە يۈزلەنگەنسېرى، ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش روھىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ «ئۇر زاۋال تاپقان ياۋۇز ياۋنى سۈرۈپ ھېچ توختىماي، قىل ھەزەر شۆھرەتپەرەس باۋاڭنى دوراشتىن ھامان» دېگەن ئىنقىلابىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەن كۈرەش ئىرادىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھى ھالەت، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىنقىلابچىلارنىڭ قورقماس كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىدىغان، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەر داۋامىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى مەنىۋى تارىخىي داستانىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

«ھايات يولى ئۇزۇن، بۇ يولدا مۇقەررەر خەۋپ - خەتەر مەۋجۇت.» دۇنيادا ھېچقانداق بىر پارتىيە بىزگە ئوخشاش بۇنچە كۆپ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارغا ئۇچرىغان ئەمەس، بۇنچە كۆپ ھايات - ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمەس، بۇنچە كۆپ ئېچىنىشلىق قۇربان بەرگەن ئەمەس. 100 يىلدىن بۇيان، ئىنقىلابىي روھ خۇددى مەشئەلدەك، نۇرلۇق چىراغدەك باشتىن - ئاخىر ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتۇپ، ئىرادىدىن قايتمايدىغان، توختىماي ئالغا باسىدىغان ئۇلۇغۋار كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ، دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، كىچىككىنە بىر قىزىل كېمىدىن جۇڭگونىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك پاراخوتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھ، جۇشقۇن كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرساقلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرساقلا، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئارىسىدا تۇرساقلا، پارتىيەمىز جەزمەن مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.