تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەيلى

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، ئوڭۇشلۇقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بىز قانچە تەرەققىي قىلىپ زورايساق، ئۇچرايدىغان توسالغۇ ۋە بېسىم شۇنچە چوڭ بولىدۇ، دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا ئۈزلۈكسىز تۈردە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرگەنلىكى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىدە. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشتا، جەزمەن تارىختىن ئىلھام ئېلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەردىن دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار - سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

100 يىللىق ئىسسىق - سوغۇق، قار - يامغۇر، 100 يىللىق كۈچلۈك دولقۇندا تاۋلىنىش. 100 يىلدىن بۇيان، مەيلى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە قانداق ئۆزگەرسۇن، مەيلى قانداق دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كەلسۇن پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. 100 يىل داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ يولنى ئاچتى، ئۇلۇغ تۆھپە ياراتتى، ئۇلۇغ روھنى تاۋلىدى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. پارتىيەنىڭ تەجرىبىلىرى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، كىتابلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنمۇ ئەمەس، بەلكى پارتىيەمىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش، نۇرغۇن بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش داۋامىدا توپلىغان، مۇۋەپپەقىيەت - مەغلۇبىيەت ۋە ئېرىشىش - يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قان ۋە تەر مۇجەسسەملەنگەن، ئەقىل - پاراسەت ۋە باتۇرلۇق - جەسۇرلۇققا تولغان. ئەينى يىلى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىنقىلابىي كۈرەش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، بىرلىك سەپ، قوراللىق كۈرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىشتىكى «ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەر» دەپ يىغىنچاقلىغان، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان، ھازىرمۇ يەنىلا مۇھىم رول ئوينىماقتا. يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەن: «ماركسىزمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىنى دۆلىتىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ، بىز ئۇزاق تارىخىي تەجرىبىلەردىن خۇلاسىلەپ چىقارغان ئاساسىي يەكۈن.» يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە مۇشۇنداق مېڭىپ كەلدۇق، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە مۇشۇنداق مېڭىپ كەلدۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي يېڭى مەزگىلىدىمۇ مۇشۇنداق مېڭىپ كەلدۇق. بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، بىز چوقۇم پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنىلا نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەل ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلاردىن دۆلەت ئىچىدىكىلىرى بار، خەلقئارادىكىلىرىمۇ بار، سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكىلىرى بار، تەبىئەت دۇنياسىدىن كەلگەنلىرىمۇ بار، ئەنئەنىۋىلىرى بار، غەيرىي ئەنئەنىۋىلىرىمۇ بار، «قارا قۇ» «كۈل رەڭ كەركىدان» يەنە توساتتىن يۈزبېرىشى مۇمكىن. 100 يىللىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز كۈلپەت ئىچىدە بارلىققا كەلگەن، كۈلپەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، كۈلپەت ئىچىدە زورايغان سىياسىي پارتىيە، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ھەمىشە ھەر خىل قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلىگەن. 1945 - يىلى يولداش ماۋ زېدۇڭ پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىدا يەكۈن دوكلاتى بېرىپ، «زىيان تارتىشقا تەييارلىق قىلىش»نى سۆزلىگەندە بىراقلا 17 تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى رەتكە تۇرغۇزغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يىغىنلاردا كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەخسۇس تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسىنى تۇتۇپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللەردە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، تەتبىقلاپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈرەش قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، كۈرەش قىلىش تەجرىبىسىنى بېيىتىش، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى يەنە پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ، پارچىلىۋېتىش، چىرىكلەشتۈرۈۋېتىش خەۋپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالدىنى ئېلىش تارىخىدۇر. دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز ھەمىشە جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراشقا، كەمچىلىكنى تۈگىتىشكە جۈرئەت قىلىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، چىرىگەن مۇسكۇلنى ئېلىۋېتىشتە دادىل بولۇپ كەلدى. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر مۇشۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇرغاچقا، ئاندىن خەۋپلىك پەيتلەردە خەتەر ئىچىدىن ھاياتلىق يولىنى تېپىپ، سەۋەنلىكتىن كېيىن قالايمىقانچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاپ، مەڭگۈ يىقىلمايدىغان، ئۆرۈلمەيدىغان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەگە ئايلاندى. ئەينى يىلى، يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىشتە پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئىدىيەۋى لۇشيەن ۋە سىياسىي لۇشيەننى توغرىلاپ، سۇبيېكتىۋىزم، مەزھەپچىلىك، پارتىيە باگۇسىنى تۈگىتىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرغان، بۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. نۇرغۇن دېموكراتىك زات چىن كۆڭلىدىن ھاياجانلىنىپ: «جۇڭگونىڭ ئۈمىدى يەنئەندە» دېگەن. تارىخىي تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەمىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىشىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«ئۆتكەن ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىپ، ھازىرقى ئىشلاردىن پايدىلانغاندا قارار چىقارغىلى بولىدۇ.» تارىخنى ئۆگىنىشتە، پارتىيەنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلىساق، بىز مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا يولدىن ئاداشمايمىز، جاپالىق كۈرەش ئالدىدا چېكىنمەيمىز. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلاب غايىسىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىپ، ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پارتىيەنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپا - مۇشەققەتلىك مۇساپىسى، تارىخىي تەجرىبىلىرى، ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى قاتارلىق داۋلىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تارىخ لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى - سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرساقلا، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

«داغدام يولنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تارىخنى بىلىش كېرەك.» پەقەت تارىخ بىلەن تەڭ قەدەم باسقان، دەۋر بىلەن تەقدىرداش بولغان ئادەملا، ئاندىن پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشەلەيدۇ. تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئىرادىنى روشەنلەشتۈرۈپ، تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلىسەكلا، بىز چوقۇم قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا جاسارەت ۋە پاراسەتنى چېنىقتۇرۇپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.