تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن دائىم كۆرۈلىدىغان ئادەتتىكى ئىنكاسلار كۆرۈلسە ھودۇقماڭ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «باشقا ۋاكسىنىلارغا ئوخشاش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە بەلكىم بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان ئادەتتىكى ئىنكاسلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، مەسىلەن، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ئۇكۇل ئۇرغان ئورۇن بەلكىم ئاغرىشى، قىزىرىپ ئىششىشى ۋە قىچىشىشى مۇمكىن، ئادەتتە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىككى - ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ.» 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش جەريانىدا كۆرۈلگەن كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاشنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې نا مۇنداق دېدى: ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن بەلكىم ئۆتكۈنچى قىزىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىشتەك ئىنكاسلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ، بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

شيې نا مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، پۈتۈن يەر شارىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ئورۇنلاردىن نەچچە يۈزى بار، دۆلەت ئىچىدە ئاساسلىقى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا، بەز ۋىرۇسى توشۇغۇچى ۋاكسىنىسى، قايتا گۇرۇپپىلانغان ئاقسىل ۋاكسىنىسى، خېسۇەن ۋاكسىنىسى، زەھىرى ئازايتىلغان تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى توشۇغۇچى ۋاكسىنىسىدىن ئىبارەت بەش تېخنىكا لىنىيەسى بار، قوشۇمچە شەرت بىلەن بازارغا سېلىنغىنى تۆت خىل ۋاكسىنا بولۇپ، رايونىمىزدا ئىشلىتىلگىنى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا، «ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا بىر خىل <ئۆلتۈرۈلگەن> كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو جانلىق بولۇپ، يۇقۇملىنىش ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ئەملەتكۈچىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ».

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھاياتىي بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسى كۆپىنچە ۋاكسىنا ئەملەپ 30 مىنۇت ئىچىدە يۈزبېرىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەتكۈچى ۋاكسىنىنى ئەملىگەندىن كېيىن، بېكىتىلگەن رايوندا 30 مىنۇت كۆزىتىلىدۇ. ئەگەر جىددىي خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسى يۈزبەرسە، كۆزىتىش رايونىدا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ؛ ئەگەر ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن دەرھال كېتىپ قالسا، جىددىي خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسى سەۋەبىدىن، تاسادىپىي زەخىملىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن باشقا ۋاكسىنىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئەملەش ۋاقتىنچە تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. باشقا ۋاكسىنىلار بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئارىلىقى 14 كۈندىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك. ھايۋانلار يارىلاندۇرۇش، تاشقى زەخىم قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسى، قاتما كېسىلى ۋاكسىنىسى، ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى ئەملەشكە توغرا كەلگەندە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەش ئارىلىقى قالدۇرۇشنى ئويلاشمىسىمۇ بولىدۇ.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋاكسىنا ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟» دېگەن گۇمانغا قارىتا، شيې نا مۇنداق دېدى: ۋىرۇس ئۇزاق ۋاقىت تارقالسا نۇرغۇن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش توپلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، توپلىنىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ۋاكسىنىنىڭ قوغداش كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان خەۋپ - خەتەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قوشۇمچە شەرت بىلەن بازارغا سېلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ قوغداش نىسبىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايقالمىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن ئاپپاراتلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى، نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز كۈچلۈك بولغان ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى قۇردى، ۋىرۇستا ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ ۋاكسىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى يوقىلىش ياكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرگەن تۈپكە قارىتىلغان ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.