تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن قايتا نامراتلىشىپ كەتمىدى، كۈنلەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سەھەردە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزىسى بەخت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خاسىيەت تۇرۇپ ئىلگىرىكىدەكلا خىزمەت كىيىمى، ئاپتاپتىن توسۇش شەپكىسى كىيىپ، سۇداننى ئېسىپ، ئالدىراش ھالدا مېۋىزارلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ بىر ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، بۇ خىزمەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇ ئورماننى قوغدىغانلىق پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختىنى قوغدىغانلىق ئىدى.

خاسىيەت گەرچە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دىيابېت كېسىلى بار، ئاجىز ئەمگەك كۈچى ھېسابلانغاچقا، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار ئىدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كاپالەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئارقىلىق، ئۇنى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، مۇقىم كىرىمى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ، كۆڭلۈم ناھايىتى ئارام تاپتى» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش قىيىن ئەمەس، غەلىبىنى ساقلاش قىيىن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بۇ يىل، پۈتۈن شىنجاڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى»نى پۇختا توقۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن تەدرىجىي بېيىش يولىغا باشلىدى.

كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش

«بەختىمىزگە يارىشا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، نامراتلىق قالپىقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېلىۋېتەلىدۇق.» پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلبويى بازىرى ئايدىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتىمە ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، بەش ياشلىق ئوغلۇمنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدىغانغا نۇرغۇن پۇل كېتىدىغان بولغاچقا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ كەتكەنىدى.

ناھىيەنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىغا ئاساسەن، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش ماتېرىيالى تەييارلاپ، داۋالاش ياردىمى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئوپېراتسىيە ھەققى زور دەرىجىدە ئازايدى.

«ئائىلىمىز تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ئېرىممۇ كەنتتىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى.» پاتىمە مۇنداق دېدى: يەرنىڭ پايدىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يەنە تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى قوشۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بىر ئائىلە كىشىلىرى قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلدۇق.

تۇرغۇن ھالەتتىكى سانلىق مەلۇماتلار «جانلاندى»، ئارخىپ ئۇچۇرلىرى «ھەرىكەتكە كەلدى». پەيزاۋات ناھىيەسى ئوقۇش، كېسەل، ئاپەت، ئىشسىزلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىق كېلىپ چىقىشنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى قەرەللىك تەھلىل قىلىپ، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئالدىن سىگنال بېرىش، بالدۇر ياردەم بېرىش - يۆلەش، بالدۇر توسۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، «ئائىلىلەردە كارتا بولۇش، كەنتلەردە جەدۋەل بولۇش، يېزىلاردا دەپتەر بولۇش، ناھىيەلەردە ئارخىپ بولۇش، ۋىلايەتلەردە توپلام بولۇش، ئاپتونوم رايوندا ئامبار بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. ھەرقايسى جايلار كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم - مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم ئۆزگىرىشى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى سىجىل ئىز قوغلاپ، سىگنال چىرىغى ئارقىلىق دەرىجىگە ئايرىپ ئالدىن سىگنال بېرىش، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجە مەسئۇل بولۇشنى قوللىنىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى توختاتماي، بىر مەزگىلگىچە ياردەم بېرىش

«قۇرۇقدىلىپ قالغان» پارنىكقا قاراپ، قەشقەر شەھىرى سەمەن يېزىسى دۆڭئۆيلە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن مامۇتنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى، 3 - ئاينىڭ بېشىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ پارنىكىغا تېرىلغان يېڭى لازىلار بازارغا سېلىنىپ، ياخشى باھادا سېتىلدى، يانچۇقى تومپايدى.

ئۈچ مو كېلىدىغان كۆكتاتلىق ئىلگىرى مەمتىمىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ «جېنى» ئىدى. ھالبۇكى كۆپ يىللىق «كونا تەپەككۇر» «يەرلىك ئۇسۇل» بىلەن كۆكتات تېرىلغاچقا، ياخشى باھادا ساتقىلى بولماي، پەقەت قورسىقى تويۇش، كىيىمى پۈتۈن بولۇشقىلا يەتكەنىدى.

بۇلتۇردىن بۇيان، دۆڭئۆيلە كەنتى دېھقانلارنى پارنىكتا كۆكتات تېرىشقا يېتەكلىدى ھەم دېھقانلارغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. مەمتىمىن تېرىقچىلىقىنى ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئەگمە پارنىكتا لازا تېرىشقا ئۆزگەرتتى، ئويلىمىغان يەردىن شۇ يىلى ياخشى باھادا ساتالىدى.

ھازىر، مەمتىمىن ئائىلىسىنىڭ تۆت پارنىكى بولۇپ، كەنتتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى. دۆڭئۆيلە كەنتى نامى يىراق - يېقىنغا تارقالغان كۆكتات تېرىقچىلىقى چوڭ كەنتىگە ئايلاندى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، كۆكتاتلارنى «ئەتىيازدا ئالدىغا سۈرۈپ، كۈزدە كېچىكتۈرۈپ» مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ بازارغا سېلىپ، ھەر مو يەرنىڭ كىرىمىنى ئوتتۇرىچە 1200 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ئاشۇردى.

كۆكتات تېرىقچىلىقى كۆلىمى 1 مىليون 114 مىڭ 300 موغا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىھەلىك كۆكتات كۆلىمى 229 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق ئومۇمىي ھوسۇلى 2 مىليون 800 مىڭ توننىدىن بۆسۈپ ئۆتتى... كۆكتات كەسپىنى سىجىل زورايتىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ دېھقانلارنىڭ كۆكتات تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاتتى، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كۆكتات ئۇرۇقى، كۆكتات بازىسى قۇرۇلۇشى ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ۋىلايەتلىك تەمىنات سودا كوپىراتىپى قاتارلىق كۈچلەرگە تايىنىپ سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك سېتىۋېلىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىق يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆكتاتلارنىڭ ياخشى باھادا سېتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارنىك تېرىقچىلىقىدا ھەربىر پارنىكتىن قىلىنغان ئوتتۇرىچە پايدىسىنى 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە ئاشۇردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ مەسئۇلىيەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى توختاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى، يېڭى مۇساپىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەھسۇلات سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

كۆكتات، گۆش كەپتىرى، توشقان، سەبدەرگۈل، قىزىلگۈل... ئىلگىرىكى ئۈنۈمسىز يەرلەر سىياسەتنىڭ ئېقىن سۈيى بىلەن سۇغىرىلىپ، كەسىپتە مول مېۋە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. «نامراتلىق بىلەن خوشلاشتۇق، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش يولىمىز بارغانسېرى كېڭەيدى، تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ!» مەمتىمىننىڭ ئىشەنچكە تولغان خۇش چىرايى ئۈمىدكە تولغان باھاردەك ئېچىلىپ كەتكەنىدى.

ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە توسمىسىنى مۇستەھكەملەش

قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يەنە مەنىۋى قاتلامدىكى ئاساسىي گەۋدىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يىراق كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى چاقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سېلىمجان تۇرسۇن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ پۇل تېپىش تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدى.

«ھۇرۇن»دىن بۈگۈنكى ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەنگە يېقىنلاشقان ئىشچانغىچە، ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى يىلدىكى ئۆزگىرىشىنى ئەسلىگىنىدە، سېلىمجان ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنت كادىرلىرى ياخشى يېتەكلىگەچكە، ئىدىيەمدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، پۈتۈن ئائىلىمىز بۈگۈنكى يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشەلىدۇق».

سېلىمجان ھازىر خىزمەتنى ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدۇ، ئۇ دەسلەپتە قۇرۇلۇش ئورنىغا ئىشلىگىلى بارغاندا، ھۇرۇن، بوشاڭ بولۇپ، ھەتتا بىر كۈنمۇ تولۇق ئىشلىمەيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى چاقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى چېن شيۇفېڭ دائىم سېلىمجاننى ئىزدەپ پاراڭلىشىپ، مۇڭدىشىپ، سىياسەتنى سۆزلەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئۇنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرۇشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم قىلدى... شۇ جەرياندا، سېلىمجان بارا - بارا ئىشنى پۇختا قىلىدىغان بولدى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ئىرادە كەمچىل بولسا، يەنىلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار. بىز كۆپ خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتۇق، <قىشتىكى بوش ۋاقىت>نى <قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىت>قا ئۆزگەرتىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ھەمدە بىر قىسىم ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق» دېدى چېن شيۇفېڭ.

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەشتە چوقۇم ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تىپلار ئۈلگە كۆرسىتىش، تەربىيەلەش - يېتەكلەش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، بىلىمىنىڭ ئېشىشى، ماھارىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىلدى. ئىدىيە مۇقىملاشتى، ئىشەنچ ئاشتى، گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىش قەدىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

بىر تاغدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر چوققىغا يامىشىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى تولۇق!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.