پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى (4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، بۇ يەردە توغراقلىق، كۆپكۆك سۇ، بوستانلىق، چۆللۈك بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل
4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىدىكى باش تېمىلىق زىيارەت قىلىش، خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ 5 - كۈنى، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)نى بويلاپ پوسكام ناھىيەسىگە كەلدى.
ناھىيە بازىرىغا ئون كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى پوسكام ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى تۇنجى ئىشىك. بۇ يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزىنىڭ كۆرۈنۈشى كۆركەم، ئىقتىدارى تولۇق بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ساياھەت مەسلىھەتچىلىكى، مال سېتىۋېلىش، ئارام ئېلىش، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىگە قاراپ 30 نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندا، يەكەن دەرياسى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسىنىڭ يۇقىرى گىرۋىكىدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى − پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسىغا بارغىلى بولىدۇ.
تەبىئىي قىياپىتى ئۆزگىچە بولغان پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى توغراق، سۇ، بوستانلىق، چۆل - باياۋاننى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، كىشىلەرگە چېگرا رايوننىڭ ئۆزگىچە يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر پوسكامدا ساياھەت قىلغاندا جەزمەن داكا قىلىدىغان ۋاڭخۇڭ مەنزىرە رايونى بولۇپ قالدى.
«مەن قەشقەردە ئۈچ كۈن ئويناپ، بۈگۈن ئەتىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ پوسكامغا كەلدىم. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن، يېزا يەرلىك پۇرىقى قويۇق ئىكەن، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تاماقلىرىمۇ بەك تەملىك ئىكەن، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەن بىھۇدە بولمىدى» دېدى شاڭخەيلىك ساياھەتچى سۇڭ شىنمىن.
ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدا تىلغا ئېلىنغاندا، ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونىدىكى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتىنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار.
ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدە سەيلە قىلغاندا، تاش تاختا يېيىتىلغان يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قىزغۇچ خىشلىق ئەمىن ئۆيلەر قەدىمىي تۈس ئالغان، قاتار - قاتار كەتكەن كىچىك ھويلىلار ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيى، ھەم دېھقانلار ئارامگاھى، تۈرلۈك ماللار دۇكىنى، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى دۇكىنى ئىدى.
يېخېتەن دېھقانلار ئارامگاھىغا كىرگەندە، ئايال دۇكاندار نۇرچىمەن تۇرۇپ مېھمان كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 2013 - يىلى، ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۇرچىمەن ئائىلىسى بىرىنچى تۈركۈمدە كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان دېھقان ئائىلىسى بولۇپ قالدى. «ئىلگىرى كىرىم قىلىشتا پۈتۈنلەي ئائىلىمىزنىڭ 13 مو يېرىگە تايىناتتۇق، يىلدا 20 مىڭ يۈەنمۇ تاپالمايتتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، دېھقانلار ئارامگاھىغا تايىنىپ، بىر يىللىق تىجارەت سوممىمىز 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئەڭ كۆپ بولغان چاغلاردا بىر كۈندە 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمىز.» ئەتىگەندىلا بىرنەچچە تۈركۈم مېھماننى كۈتۈۋالغان ئۇ، كىرىمىنى تىلغا ئالغاندا خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.
ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتى تەبىئىي كەنت ياكى مەمۇرىي كەنت ئەمەس، بەلكى پوسكام ناھىيەلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ نۇقتىلىق بەرپا قىلغان يادرولۇق مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. كەنت ئاھالىلىرى ھەم ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ ئورمانچىلىق مەيدانىدا 86 ئائىلىلىك 386 ئادەم بار.
«ئىلگىرى ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى تۇرۇشلۇق كەنت ناھايىتى كونىراپ كەتكەن بولۇپ، كۆپ قىسىم ئائىلىلەر پەقەت بىرنەچچە مو تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى ئاران قامدايتتى. 2003 - يىلىدىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ ياخشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەنزىرە رايونى يېزا - كەنت ساياھىتى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ساياھىتى، توغراق ساياھىتى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر، كەنتتە سەككىز ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى يېمەك - ئىچمەك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ساياھەتچىلىك بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغانلار 100دىن ئاشىدۇ.» پوسكام ناھىيەلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تيەن لېي مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىر كەنت ئاھالىلىرى «ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپلا سودا قىلىدىغان، كەنتتىن چىقماي تۇرۇپلا پۇل تاپىدىغان» گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2002 - يىلىدىكى 800 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن 2020 - يىلىدىكى 14 مىڭ يۈەنگە ئۆرلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، پوسكام ناھىيەسى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، قەشقەر - خوتەن تۆمۈريولى، تەۋەلىكىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت يولى 315 - لىنىيەسىگە تايىنىپ، قەشقەر ئۈچ سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈلدى. «قولايلىق قاتناش مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئىلگىرى ساياھەتچىلەر قەشقەردىن پوسكامغا ئاپتوموبىللىق بېرىشقا تۆت سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر پەقەت ئىككى سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى تيەن لېي.
بۇ يىل، ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كېڭەيتىدۇ. «ھەرقايسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە بۇ جاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ھەربىر ئائىلىدە بىر - ئىككى ئېغىز پۇقراۋى قونالغۇ بەرپا قىلىشقا يېتەكلەپ، پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى تيەن لېي.
مۇخبىر خاتىرىسى
مەنزىرىلەر يولدا بەخت ئالدىمىزدا
□ پەرىزات ئابدۇل
4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى − پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسىغا كەلدى. مەنزىرە رايونىدا ماڭغاندا توغراق، سۇ، بوستانلىق، چۆللۈكتىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ نامايان بولۇپ تۇراتتى.
«تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ھەقىقەتەن تەس، باھارمۇ ھەم دەپ بېرەلمەس گۈزەللىكىڭنى. ساڭا تەڭداش بولالمىغاچ گۈللەرمۇ ئويچان، باغلار ئارا غەمگە پاتار ئېگىپ بېشىنى... مىسرالارغا پۈتۈپ بولماس كۆركەملىكىڭنى، نوتىغىمۇ ئېلىپ بولماس گۈزەللىكىڭنى.» توغراقنى مەدھىيەلەيدىغان بۇ بىر كۇپلېت شېئىر باغچىدىن ئېقىپ ئۆتكەن گۈزەل يەكەن دەرياسى، سىرلىق ئىپتىدائىي توغراقلىقنىڭ پەردىسىنى ئاچتى.
گۈزەل توغراقلىق، ياپيېشىل ئوتلاق، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا، جەلپكار سۇلۇق يەر، كۆل... بۇ بايلىقلار پوسكامغا «نەمخۇش پوسكام، چىنارلىق جەننەت» دېگەن گۈزەل نامنى بېغىشلىدى، پوسكام ناھىيەسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ئورۇن، دۆلەت باغ - ئورمان ناھىيە بازىرى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، مەملىكەت بويىچە ئۇدا ئون چوڭ ئىستىراھەت كىچىك شەھىرى بولۇپ باھالاندى، 2020 - يىلى 9 - ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى.
ئەگەر تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، قەشقەر - خوتەن تۆمۈريولى، دۆلەت يولى 315 - لىنىيەسى قاتارلىق كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئۇل ئەسلىھەلەرگە تايانمىغاندا، بەلكىم بۈگۈنكى پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتى بولمايتتى، چاڭشيۇ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھاللىق تۇرمۇشى تېخىمۇ بولمايتتى.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان چاڭشيۇ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىكى شىجياجۇاڭ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئىگىسى پاشاگۈل سەمەت بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى. ئۇ ئەسلىدە پوسكام ناھىيە بازىرىدا تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چاڭشيۇ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتىگە قايتىپ كېلىپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ يىللىق تىجارەت كىرىمى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار دەل پۇقرالارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى، شۇنداقلا بەخت يولى. يول ئايىغىمىز ئاستىدا، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئاتلىنىش يولىمىز ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.