تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرايلى

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بىر ئادەم بولسۇن، ياكى بىر سىياسىي پارتىيە بولسۇن، ئەڭ قىممەتلىكى، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇقنى ئۆتكۈزسىمۇ، خىسلىتىنى يوقاتماسلىق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تارىخى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخى. پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر تونۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك.

قانداق ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى بىر سىياسىي پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىنتاش. پارتىيەمىز خەلقتىن كەلگەن، پارتىيەنىڭ ئۇلى ۋە جان تومۇرى خەلقتە. خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كېلىش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. ئۆتكەن كۈنلەرگە نەزەر سالساق، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پومېشچىكلارغا زەربە بېرىشى، يەر تەقسىملەپ بېرىشى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق؛ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىشى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق؛ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جياڭ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇشى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق؛ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى، نامرات، قالاق دۆلەت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق؛ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى ئوخشاشلا خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى. پارتىيە نىزامنامىسىدە: پارتىيە جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ بىزدىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن خەلقنىڭ تارىخىي سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ بىردەكلىكى، يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنىڭ بىردەكلىكى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تاماملاش بىلەن خەلق مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردەكلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق جاكارلىغاندەك: «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر».

خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى، پارتىيەمىزنىڭ كۈچ مەنبەسى. پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلىشى پارتىيەنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇربان بولغان 300 مىڭدىن ئارتۇق ئىنقىلابچىنىڭ كۆپ قىسمى پارتىيەمىزگە ئەگىشىپ ئىنقىلاب قىلغان خەلق ئاممىسى ئىدى؛ قىزىل ئارمىيە مەزگىلىدە، خەلق ئاممىسى پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ پولات سېپىلى بولدى؛ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز ئاممىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلدى؛ خۇەيخەي ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى پۇقرالارنىڭ غالتەكلىك ھارۋىلىرىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلدى، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى پۇقرالارنىڭ كىچىك كېمىلىرىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلدى؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خەلق ئاممىسى ئىشلەپ بارلىققا كەلتۈردى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ تىياتىردا 100 مىليونلىغان خەلق ئاممىسى باش رول ئالدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە قۇرۇلغان مىسلىسىز كاتتا ئىشتىن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جاھاننى زىلزىلىگە سېلىشىغىچە، يەنە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشقىچە دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى مۆجىزىلەر يارىتىلدى. بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە، باشتىن - ئاخىر ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، بارنىمۇ، يوقنىمۇ تەڭ كۆرۈشكە، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا تايىنىلدى؛ باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممىدە خەلققە تايىنىپ، مەڭگۈ خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تايىنىلدى.

پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. 100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنگىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، پارتىيەمىز 100 يىلدىن بۇيان كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلار، ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بەرگەن بارلىق قۇربانلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بولدى. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلىرى يىقىلسا، كېيىنكىلىرى ئىزىنى بېسىش، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. فاڭ جىمىن ھەققانىيەت يولىدا مەردلەرچە قەتئىي تىز پۈكمەي، «ئەگەر مەن ھايات قالالىسام، بىر كۈن ياشىسام بىر كۈن جۇڭگو ئۈچۈن چۇقان سالىمەن» دەپ يازغان. قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى بىردىنبىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئاممىغا قالدۇرۇپ، پۇقرالارغا «كوممۇنىستلار بىر تال يوتقىنى قالسىمۇ، يېرىمىنى سىزگە قالدۇرۇپ كېتىدىغان ياخشى ئادەملەر» ئىكەنلىكىنى تونۇتقان. جياۋ يۈلۇ جان - دىل بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، «كۆڭلىگە پۈتكۈل خەلقنى پۈكۈپ، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويمىغان.» خۇاڭ ۋېنشيۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، «يېڭى دەۋردىكى ياشلىق ناخشىسىنى يېزىپ چىقتى»... ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، راۋاجلاندۇرىدىغان مۇھىم، زور تەدبىر. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەشتىن ئىبارەت. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق قالتىس مۇساپىسىدىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاشتىكى ئوزۇقلۇق دورا ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قوبۇل قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھەممىلا يەردە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئىمتىھان بېرىش»تەك سەگەكلىكنى مەڭگۈ ساقلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ھەرقانداق ۋاقىتتا بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، خەلقتىن ئىبارەت بۇ يىلتىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، مەڭگۈ خەلققە سادىق مۇلازىمەتچى بولۇشىمىز كېرەك».

پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تاۋلاپ، يۈكسەلدۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاممىنى تەربىيەگە ئىگە قىلىش، نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتىكى مەقسىتى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىيەتنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە «ئىككى ياقلىمىلىق» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چاكارلىق ئېڭى ۋە خەلقچىل ھېسسىياتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ئالدى بىلەن مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، يەنە ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەڭ رېئال مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلارنى، ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

تارىخنى چۈشەنگەندە، ئاندىن يىراقنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلىغاندا، ئاندىن يىراققا يۈرگىلى بولىدۇ. باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىنى تۈپ مەيدان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلققە يېقىندىن تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرساق، بىز چوقۇم يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە يېڭى دەۋر شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.