تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىشىلەر ئىشچان، كەسىپلەر مول بولدى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، تاڭ ئاستا - ئاستا سۈزۈلۈپ، تاڭ قۇياشى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى يېڭى ئارپا كەنتىنىڭ سەھىرىگە سۇس ئالتۇن رەڭدە ھەل بەرگەنىدى.

«شىرت، شىرت، شىرت...» كەنت ئاھالىسى مەريەمگۈل ئەركىننىڭ ھويلىسىدىن ئالدىراش يەر سۈپۈرۈۋاتقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ئۇ ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھويلا - ئارانلارنى تازىلاپ، يۇيۇنۇپ - تارىنىپ، زاۋۇتقا ئىشقا ماڭىدۇ. ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ياڭاقلىق باغنى ئايلىنىپ، ياڭاق تۈۋىدىكى ئوتلارنى ئوتايدۇ، يەرنى ئوغۇتلايدۇ... مەريەمگۈل ئەركىن بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل تەرتىپلىك ھەم مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇشتىن ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ.

«ئىشچان، ئايىغى يېنىك بولسىلا، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە گەپ يوق.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن يېڭى ئارپا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى گو تيەنجۈن كەنتتىكى ھەربىرەيلەننىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگەندە كۆڭلىدە ئىنتايىن خۇشال بولاتتى.

خاس تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق يانچۇقنى تومپايتتى

يېڭى ئارپا كەنتىنىڭ كەنت بېشىدا بىر كۆلچەك بار بولۇپ، سۇ ئاستىدا جياۋبەينىڭ يۇمران بىخلىرى ئۈنۈپ چىقىش ئالدىدا تۇراتتى.

مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتكەندە، جياۋبەي ئېتىزىدا سۇ كۆپىيىپ قالغاندەك، كەنتتىكى باشقا ئېتىزلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقتەك كۆرۈنەتتى. ئەمما، ئىنچىكىلەپ قارىغاندا، سۇ ئاستىدا بەزىدە تىنچ، بەزىدە يۆتكىلىپ تۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان تۇتۇق قىزىل رەڭلىك «داغ»لار كۆزگە چېلىقىدۇ.

«مانا بۇ سۇلۇق ئېتىزدىكى ئەڭ چوڭ <پايدا> − شياۋلۇڭشيا، بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان يەرنى يېرىپ چىقتى» دېدى گو تيەنجۈن كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ.

بۇلتۇر ئەتىياز پەسلىدە، يېڭى ئارپا كەنتى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار تەكشۈرۈش ئارقىلىق كەنتتە شال، جياۋبەي، شياۋلۇڭشيا، تيەنلو ئورتاق ئۆستۈرۈلىدىغان، بېقىلىدىغان ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تۈرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قارار قىلدى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 150 مو كېلىدىغان خاس باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش كەسىپلەر باغچىسى بارلىققا كەلدى.

كەنتتە شياۋلۇڭشيا ۋە تيەنلو بېقىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئىش كەنت ئاھالىسى مامۇت توختىنى ناھايىتى قىزىقتۇردى، ئەينى چاغدا تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتۈۋاتقان ئۇ بۇ ئىشنىڭ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان بىر قېتىملىق ياخشى پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلدى.

مامۇت تەشەببۇسكارلىق بىلەن گو تيەنجۈننى ئىزدەپ، خاس باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش كەسىپلەر باغچىسىدا خىزمەت قىلىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى. بىر يىلغا يېقىن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇ بۇ ئىشنىڭ يولىنى ئىگىلەپ، شياۋلۇڭشيا، تيەنلو بېقىش ماھىرىغا ئايلاندى.

«كەنتىمىزنىڭ سۇ مەنبەسى يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ئىشقارلىقى نىسبەتەن يۇقىرى، چىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى ئېچىتىدىغان بىيوباكتېرىيە ئارقىلىق سۇنىڭ كىسلاتالىق - ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەيمىز.» كۆلچەكنىڭ يېنىدا، مامۇت قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك سۇيۇقلۇق قاچىلانغان چوڭ چېلەكنى كۆتۈرۈپ بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن سۇيۇقلۇقنى سۇ يۈزىگە چاچتى. «جياۋبەينىڭ ئۆسۈشى سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، شياۋلۇڭشيا، تيەنلونىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شياۋلۇڭشيا، تيەنلو جياۋبەي ئېتىزلىقىدىكى ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يەۋېتەلەيدۇ، قىغلىرىنىڭ يەنە جياۋبەينى ئوغۇتلاش ئۈنۈمى بار، بۇنداق ماسلىشىش <قوش ئۈنۈم> يارىتىدۇ».

خاس باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىدىغان مامۇتنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بۇ يىل ئۇ ئۆزى بىر كۆلچەكنى ھۆددىگە ئېلىپ شياۋلۇڭشيا بېقىپ، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

«خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، شال تېرىقچىلىقى، باغ - ئورمان تېرىقچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا تايىنىپ، سەككىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق، كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى ئاساسىدا، يېڭى ئارپا كەنتىنىڭ گۈللىنىش زاپاس كۈچى تولۇپ تاشتى!» دېدى گو تيەنجۈن قەتئىيلىك بىلەن.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زاۋۇتلىرى كۈچلۈك تايانچ بولدى

ئادەتتىكى بىر يىڭنە، بىر يۆگەم رەڭگارەڭ تىككۈچىلىك يىپى... قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان ماتېرىيال ئامانگۈل ئوسۇننىڭ بىر جۈپ چېۋەر قولىدا تىكلىگەندىن كېيىن، بارا - بارا نەپىس بىر يېپىنچىغا ئايلاندى.

«دەسلەپتە ئۆزۈمنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرالىشىمدىن ئازراق ئەنسىرىگەنىدىم، كېيىن ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلىنىپ، بارا - بارا ئىشەنچكە تولدۇم، خىزمەت ئۈنۈمىممۇ كۈندىن - كۈنگە ئۆستى. مائاشىممۇ ھازىر ئۆسۈپ 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.» ئامانگۈل ئوسۇننىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرىكى بىكار يۈرىدىغان، نامرات كۈنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى خاتىرجەم ھەم گۈزەل بولۇپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان.

ئامانگۈل خىزمەت قىلىدىغان ئاقتۇ ناھىيەسى سۇبېيخې سودا شىركىتى يېڭىئارپا كەنتىدىكى كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى مىللىي خاسلىققا ئىگە قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 1800 كىۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت ئۆيى، 100دىن ئارتۇق توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىسى بار.

«ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە ئەسلىدىكى يېرىمىزدىن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى <تاشقى كۈچتىن پايدىلىنىش> كېرەك» دېدى گو تيەنجۈن.

2017 - يىلى، يېڭىئارپا كەنتى ئاقتۇ ناھىيەسى سۇبېيخې سودا شىركىتىنى كىرگۈزدى، 2019 - يىلى 5 - ئايدا جىڭپىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزدى، ئىككى شىركەت جەمئىي 150تىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى؛ 2019 - يىلى 11 - ئايدا، يېڭىئارپا كەنتىدە ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، بۇلتۇر 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، 60 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ 2020 - يىلى 5 - ئايدا، ھاك - گۈڭگۈرت ئارىلاشمىسى زاۋۇتىنى كىرگۈزۈپ، 20 نەچچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن يېڭىئارپا كەنتى كەسىپلەر باغچە رايونى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقىلدى.

«بۈگۈنكى كۈندە، <كىچىك سانائەت> پۈتۈن كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىكى مۇھىم تايانچقا ئايلىنىپ، كەنتتىكى ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالغان 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى.» گو تيەنجۈن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، باغچە رايونى يەم - خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، كەنتنى بېيىتىدۇ».

كەنت قىياپىتى گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچقۇرۇن، بىر كۈنلۈك خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يېڭىئارپا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەخەت ئابدۇقادىر ئالدىراپ يېزا بازىرىغا بېرىپ، چىرايلىق بىر چەينەكنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتتى.

ئۇ ئۆينى بىرەر قۇر تازىلىغاندىن كېيىن، چەينەكنى بىرنەچچە ئورۇنغا قويۇپ كۆرۈپ، ئەڭ ياخشى ئورۇنغا قويۇشقا تىرىشتى. «ئوھۇي، يەنە يېڭى نەرسە قوشۇلۇپتۇ - دە» دېدى زاۋۇتتىن ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەن خوتۇنى دەل شۇ پەيتتە ئىشىكتىن كىرىپ بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

«ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، ئۆيىمىزمۇ چوڭايدى، سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىلىرىمىزنى سېتىۋېلىپ، ئۆيىمىزنى چىرايلىق بېزەپ، ئازادە ئولتۇرايلى» دېدى ئابلەخەت جاۋابەن.

ئىلگىرى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى خىشتىن سېلىنغان ئىككى ئېغىز كونا ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۆيى تار بولۇپ، تۇرمۇشقا قولايسىز ئىدى. ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ پايدىسىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادە، يورۇق، سۇ، توك، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان بۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

ئىشچان ئېرىگە قاراپ، ئابلەخەتنىڭ خوتۇنىنىڭ چېھرىدىن مېھىر - مۇھەببەت بالقىدى. ئۇ دائىم قوشنىسىغا قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆيىمىز يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ھەتتا ئېرىممۇ «باشقىچە قىياپەت»كە كىردى، ئىلگىرى ئۆيگە قايتىپلا ياتاتتى، ھازىر خىزمەتتىكى ئالدىراشچىلىقىنى تۈگىتىپ، ۋاقتى يېتىشسىلا دائىم ئۆيگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بارىدۇ؛ ئۆيگە قايتىپ ھەربىر ئېغىز ئۆيگە كىرىپ ئايلىنىپ، ئۇ يەر - بۇ يەرنى سۈرتۈپ، بىر مىنۇتمۇ بىكار تۇرمايدۇ.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەممە ئائىلە ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلاندى، مەن ئەلۋەتتە ئەڭ زور غەيرىتىم بىلەن يېڭى قىياپەتتە ياشايمەن.» ئابلاخەتنىڭ ھەربىر سۆزى ناھايىتى جاراڭلىق ئىدى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، تۇرالغۇ مۇھىتى ياخشىلاندى، كىشىلەرمۇ كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن، روھلۇق بولدى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.» گو تيەنجۈن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىز ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كەنت - گۇرۇپپا يوللىرى ھەم ئورمان بەلبېغى، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى تازىلايمىز؛ ئاممىنى تازىلىققا رىئايە قىلىشقا، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەنت قىياپىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشتىن ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.