تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىدە لىم ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، مەكىت - قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، سانساكۇ - يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كەلدى. بۇ يەردە ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ئىشچىلار جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى.

يەكەن ناھىيەسى ئىلىشقۇ بازىرى بازار كەنتىنىڭ 24 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئابدۇساتتار مەمتىمىننىڭ يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈك تۈرى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقىنىغا بىر يىل بولدى. بۇ يىل 9 - ئايدا بۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈك پۈتىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىگە بارىدىغان مۇساپىسى خېلى كۆپ قىسقىرايدۇ.

«پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈك پۈتكەندىن كېيىن، مەكىت ناھىيەسىگە بېرىپ ئىشلەش ياكى ياڭاق سېتىش كۆپ قولايلىشىدۇ.» ئابدۇساتتار خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايتتىم، كەپشەرلەش ھۈنىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا ئۈلگۈرۈپ، ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتىم، ئايدا 4500 يۈەن مائاش ئالىمەن».

يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى يەكەن ناھىيەسى بىلەن مەكىت ناھىيەسى تۇتىشىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1987 مېتىر كېلىدۇ، بۇ، ئىلگىرى ياسالغان، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىرىنچى كۆۋرۈك» دەپ نام ئالغان مەكىت - يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىدىن 480 مېتىر ئۇزۇن. قۇرۇلۇش 2020 - يىلى 9 - ئايدا باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ 138 تۈۋرۈك ئۇلى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى تاماملاندى، 36 يەرگە تۇتاش لىم، توققۇز ئوتتۇرا لىم، 66 گۈندە تۈۋرۈك قويۇش تاماملاندى.

«چوڭ كۆۋرۈكنىڭ تۈۋرۈك ئۇلىغا بېتون قۇيۇش بىردەك تاماملاندى، ھازىر لىم ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتىدۇ.» تۈر قۇرۇلۇشى ئورنىنىڭ قوماندانى جاڭ جىگو مۇنداق دېدى: يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ 2021 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەندى، شۇ چاغدا يەكەن دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قاتنىشى، سەپەر قىلىشىغا زور قولايلىق يارىتىلىدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى ئاممىنىڭ بېرىش - كېلىشتە 70 نەچچە كىلومېتىر ئايلىنىپ يول يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى تۈرى قەشقەر ۋىلايىتى قاتنىشىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە جەمئىي بەش يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بار بولۇپ، 2019 - يىلى 7 - ئايغىچە ھەممىسى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان. بۇنىڭ بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىدە ھەممە ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتىشىش ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر ھەم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن بولغان بىر سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش - تىرانسپورت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ مۇخبىر خاتىرىسى

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بېيىش يولىغا ئايلاندى

□ رايىدە

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلەكتىكى باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ 4 - كۈنى، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى يەكەن ناھىيەسىگە كەلدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول كەڭ، تەكشى، كۆرۈش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۆتكەن - كەچكەن ئاپتوموبىللار ئۆز يولىدا مېڭىۋاتاتتى. تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار خۇددى ئۇسسۇلغا چۈشكەن غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشاش، «قىل قان تومۇر»لاردەك يېزا تاشيوللىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى.

بىز يەكەن ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 38 كىلومېتىر كېلىدىغان باغئاۋات يېزىسىنىڭ باغھويلا كەنتىدىكى خەلققە قولايلىق ئۇنىۋېرسال تاللا بازىرىغا كەلدۇق. بۇ يەردە، شېنياڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان گۈرۈچ، ئاقسۇدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇن، شاڭخەيدە ئىشلەپچىقىرىلغان لامپۇچكا، خېبېيدا ئىشلەپچىقىرىلغان يەل مىخ... بولۇپ، جاي - جايلاردىن كەلگەن تۈرلۈك تاۋار بۇ يەردە جەم بولغانىدى.

تاللا بازىرىنىڭ مەسئۇلى مەمتىمىن ئەخمەتنىڭ قارىشىچە، كەنتتىلا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇنداق تاۋارلارنى سېتىۋېلىش، كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىشتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىكەن.

«ئىلگىرى دۇكانغا مال كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇزاق ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولغاچقا، نەرسىلەر ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، ئەتىگەن سائەت 9دا ئاقسۇدىن مال سالسا، چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن ئاشقاندىلا يەكەن ناھىيەسىگە يېتىپ كېلىدۇ» دېدى مەمتىمىن.

سانائەت بۇيۇملىرى يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شەھەرگە كىردى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى كىچىكلەپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى. ئەگەر يېزا تاشيولى ئاممىنىڭ بېيىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىركىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى دېسەك، ئۇنداقتا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قولايلىق قاتناش تورىغا سىڭدۈردى، دېيىشكە بولىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ زىيارەت قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تېز تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور پايدىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. قاتار - قاتار يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، بېيىش يولىغا، بەخت يولىغا ئايلاندى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.