− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئادەم بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي پاسسىپ، ئامالسىز ئەمەس. پەقەت تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، تارىخىي ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقاندىلا، بىز تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، چوڭ تارىخىي قاراشنى تۇرغۇزۇپ، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى، دەۋر دولقۇنى، يەر شارىۋى ۋەزىيەتتىن ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى تەھلىل قىلىپ، تارىخىي قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇناسىپ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، ئىجادىيلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلەش كېرەك.
«گەرچە ئەقىل - پاراسەت بولسىمۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىش كۆرگەنگە يەتمەيدۇ.» تارىخنى چۈشەنگەندە، ئاندىن يىراقنى كۆرگىلى بولىدۇ، تارىخنى بىلگەندە ئاندىن يىراققا يۈرگىلى بولىدۇ. 100 يىللىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى بويىچە تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ماھىر بولدى. پارتىيەمىزنىڭ دۇنياغا كېلىشى دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى، سوتسىيالىزمنىڭ گۈللىنىشى دەل شۇ چاغدىكى دۇنياۋى چوڭ يۈزلىنىش ئىدى. پارتىيەمىز مۇشۇ دۇنياۋى چوڭ يۈزلىنىشتە بارلىققا كېلىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچلۈك ئارزۇسىدىن ئىبارەت چوڭ يۈزلىنىشنى چىقىش قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپنى ئىلگىرى سۈردى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىمۇ دەۋر دولقۇنىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقنىڭ مەھسۇلى. ئەينى چاغدا، سوتسىيالىزم تەرەققىي قىلىپ زورىيىۋاتقان، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، «شەرق شامىلى غەرب شامىلىنى بېسىپ چۈشىدىغان» كەيپىيات بارلىققا كەلگەنىدى، يېڭى جۇڭگو دەل مۇشۇ شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنياغا كەلگەن ھەم پۇت تىرەپ تۇرغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇھىم، زور تەدبىرىنى چىقىرىشمۇ پارتىيەمىزنىڭ دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىشى ئاساسىدا بولغان. ئەينى چاغدا، دۇنيا ئىقتىسادى، پەن - تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆرۈنەرلىك چوڭايغانىدى. پارتىيەمىز دۇنياۋى چوڭ يۈزلىنىش توغرىسىدا ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندە، بىز ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئاچتۇق؛ بىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش، دۇنيا كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئورتاق تەرەققىياتقا پايدىلىق بولۇش چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ئۆزگىرىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ئىدارە قىلىش ئاپپاراتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىز ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلدۇق، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆردۇق.
تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلىمەكتە. بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللىنىمەن دەيدىكەن، جەزمەن تارىخنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماسلىق، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويماسلىق»قا چاقىرىق قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكتە، مۇھىمى پۇقرالار تۇرمۇشىغا قاراش كېرەك»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقىچە؛ «دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى»گە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىشتىن «دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆزگەرگەنلىكى»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشكىچە؛ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەننى تەكىتلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇشتىن «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش»نى جاكارلاپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور فاڭجېن - سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، قىلىنمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشنى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىگە، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ، تارىخىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلساق، بىز ھەممىدە غەلىبە قىلالايمىز.
بىزنىڭ تارىخقا نەزەر سېلىشىمىز مۇۋەپپەقىيەتتىن تەسەللىي ئىزدەش ئۈچۈن ئەمەس، شۇنداقلا شان - شەرەپ دەپتىرىدە يېتىۋېلىپ، بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باھانە ئىزدەش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت ۋە كۈچنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. ماركس، ئېنگېلس بۇنىڭدىن 170 نەچچە يىل ئىلگىرىلا سوتسىيالىزمنىڭ مۇقەررەر ھالدا كاپىتالىزمنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىدەك تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىلمىي ئېچىپ بەرگەن. بۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان ئومۇمىي يۈزلىنىشى، لېكىن ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ جەرياندا، بىز مەۋقەنى رېئاللىققا قويۇپ، ھەربىر باسقۇچتىكى تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ھازىرقى ئىشلارنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنى تارىخنى ئەينەك قىلىش، تارىخ ئارقىلىق ئىرادىنى روشەنلەشتۈرۈشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى ۋە تۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۈشىنىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇننى ئېنىق تونۇپ، تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرگە تولغان ئۆتمۈش، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ھازىر، پارلاق، بۈيۈك كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ، قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا جاسارەت ۋە پاراسەتنى چېنىقتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
بۇ يىل «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىشنى باشلاش، قەدەمنى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزلەش، يېڭى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش، يېڭى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، قانداق قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالغا سىلجىتىش؛ قانداق قىلىپ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ نەزەرىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىگىلەش؛ قانداق قىلىپ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ قانداق قىلىپ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىپ، «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش؛ قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش؛ قانداق قىلىپ تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈگىتىش؛ قانداق قىلىپ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاشقا، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
تارىخنى ئۆگىنىش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر. 100 يىلدىن بۇيان، مەيلى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە قانداق ئۆزگىرىشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانداق دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، بىز بوران - چاپقۇنغا قارىماي، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)