تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇختا تەدبىرلەر ئارقىلىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىغا ئائىت مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى سىن يىغىنى ئېچىلدى

پۇختا تەدبىرلەر ئارقىلىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىغا ئائىت مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى سىن يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىغا ئائىت مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش تەجرىبە - ئۇسۇللىرى ئالماشتۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىغا ئائىت مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىگە بولغان يېتەكچىلىك كۈچەيتىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۇختا تەدبىرلەر ئارقىلىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ سىياسىيلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ شەكىلنى چىڭىتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ قېلىپلىشىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ھالقىلاردا ئەستايىدىل، ئىنچىكە، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ يۇقىرى تۆۋەنگە باشلامچىلىق قىلىش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئۈلگىلىك بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئۆگىنىش جەريانىدا نەزەرىيە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىلمىي پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، 100 يىللىق پارتىيە تارىخى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق مەركەزلىك ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىغا ئائىت مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.