□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جەزىرە نېسىپبېك، خې جياڭ
4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، چۈشتىن كېيىنكى قۇياش موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ بازىرى ئاقچى كەنتىگە ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىسى باقكېلدى باتېربېك ھويلىسىنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئولتۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تاختايغا نەقىش ئويۇۋاتاتتى.
بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، باقكېلدى ئائىلىسىنىڭ ھويلىسى سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان، ئۇنىڭ كەينىدىكى 130 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينىڭ سىرتقى تېمىغا گۈللۈك ئاق چاقچۇق چاپلانغانىدى، سولياۋ پولاتتىن ياسالغان ئىشىك - دېرىزىلەر چاڭ - توزانلارنى توسۇپ تۇراتتى. ئۆي ئىچىگە مىللىي خاسلىققا ئىگە گىلەملەر سېلىنغان، مېھمانخانىنىڭ تېمىغا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوپچە سۈرىتى ئېسىلغان، نەپىس بېزەلگەن، ئىللىق بولۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئىلگىرى سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان چارۋىچى ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس ئىدى.
«مۇستاقان، تېز كېلىپ مېھمانلارنى كۈتۈڭ، مەن كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپلا چىقاي.» مۇخبىرلارنى كۆرۈپ، باقكېلدى قولىدىكى سايمانلارنى قويۇپ، بۇرۇلۇپلا قولىنى يۇيۇشقا يۈگۈردى. خوتۇنى مۇستاقان بېكېش ئايالچە كۆڭلەك تىكىۋاتاتتى، ئۆيىگە مېھمان كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
«تاغدىن كۆچۈپ چۈشكىنىڭلارغا پۇشايمان قىلامسىلەر - قىلمامسىلەر؟» مۇخبىرلار ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇنداق سورىدى.
«نېمىشقا بالدۇرراق كۆچۈپ چۈشمىگەندىمىز دەپ پۇشايمان قىلىمىز.» باقكېلدى خوتۇنى بىلەن چاي، پېچىنە - پىرەنىكلەرنى ئېلىپ كېلىپ مېھمانلارنى كۈتتى، «ئىلگىرى ئائىلىمىز چارۋا بېقىشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتۇق، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئوتلاق كۆچۈپ يۈرەتتۇق، ھەر يىلى ئەتىيازدا تۆللەنگەن قوزىلارنىڭ تىنچ - ئامان چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق، بىر يىللىق ھوسۇلىمىز شۇ ئىدى».
باقكېلدىنىڭ ئىككى ئاكىسى بار بولۇپ، ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا بۆلۈپ بەرگۈدەك ئوتلىقى قالمىغانىدى. باقكېلدى ئاكىلىرىنىڭ چارۋىلىرىنى ۋاكالىتەن بېقىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوتلىقىدا ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر توپ قويىنى باقتى. يىل بويى بوران - چاپقۇندا يۈرۈپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ تاپقان پۇلى خەجلەشكە يەتمەيتتى، تاغ ئىچىدە ئولتۇرىدىغان ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ھەر كۈنى قانداق قىلغاندا تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتى.
2013 - يىلى، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلىنىپ، باقكېلدى 85 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆيگە ئېرىشتى.
ئۆزىگە تەۋە ئۆيى بولۇش ئەسلىدە ياخشى ئىش ئىدى، ئەمما، باقكېلدى كۆڭلىدە: تاغدىن كۆچۈپ چۈشسەك، تۇرمۇشىمىز يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولۇپ قالارمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلدى.
چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان. قانداق قىلغاندا يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ، ئىلگىرىكىدەك كۈن كەچۈرۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ يېزا - بازار ۋە كەنت كادىرلىرى كەنتتىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئۆي تەقسىم قىلىنغان 86 ئائىلىلىك چارۋىچىغا مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلدى.
«ئەينى چاغدا كادىرلار ماڭا ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى سۆزلەپ بەردى، يەنە ماڭا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: ئەگەر تاغدىن چۈشۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشسام ئەمەلىي تېخنىكىنى ئۆگىنەلەيدىكەنمەن، بىر ئايدا تاپقان پۇلۇم ئىلگىرىكى يېرىم يىلدىن ئارتۇق قىلغان كىرىمىمگە تەڭ كېلىدىكەن، خوتۇن - بالىلىرىممۇ مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن» دېدى باقكېلدى.
تاغدىن چۈشەيلى! باقكېلدى ئاخىر قەتئىي نىيەتكە كەلدى.
باقكېلدى قويلىرىنى باشقا چارۋىچىلارنىڭ ۋاكالىتەن بېقىپ بېرىشىگە بەرگەندىن كېيىن، يازدا كەنت ئاھالىلىرىگە ئەگىشىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، قىشتا كەنتتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ياغاچچىلىق، تامچىلىق، كەپشەرلەش قاتارلىقلارنى ئۆگەندى، ئۆگەنگەن تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تەدرىجىي ياخشىلىدى.
«قاراڭلار، ئائىلىمىزنىڭ ھويلىسى مېنىڭ <زاۋۇتۇم>، مەن زاكاز قوبۇل قىلىپ بۇ يەردە تاختايلارنى كېسىپ، ئويۇپ، ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ياساپ، بىر يىلدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم.» باقكېلدى مۇنداق دېدى: پۇل يىغقاندىن كېيىن، مەن ئۆيۈمنىڭ كۆلىمىنى 130 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتتىم.
بۇ ئۆزگىرىشلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى خوتۇنى مۇستاقان بولدى.
«يۈرۈڭلار، سىلەرگە خوتۇنۇمنىڭ ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ قوياي!» باقكېلدى قىزغىنلىق بىلەن كۆپچىلىكنى مېھمانخانىنىڭ يېنىدىكى ئۆيگە باشلاپ كىردى.
بۇ مۇستاقاننىڭ ئىشخانىسى ئىدى. ئالدى تەرەپكە مۇستاقان تىككەن كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كىيگۈزۈلگەن مودېللار قويۇلغان بولۇپ، قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى، يەنە ئەرەنچە كاستۇم - بۇرۇلكا ۋە ئايالچە كۆڭلەك بار ئىدى.
«بۇ كۆڭلەكلەردە ئەنئەنىۋى كەشتىلەش ئۇسۇلى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ھەم مودا ئامىللار بار، ھەم مىللىي خاسلىق ساقلىنىپ قالغان، كەنت ئاھالىلىرى مەن تىككەن كىيىملەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ» دېدى مۇستاقان خۇشال ھالدا.
مۇستاقانمۇ بۇ ھۈنەرنى دېھقان - چارۋىچىلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ئۆگەنگەنىدى. مۇقىم ئولتۇراقلىشىشتىن ئىلگىرى، مۇستاقان ئېرىگە ئەگىشىپ تۆت پەسىلدە ئوتلاق كۆچۈپ يۈرۈپ، كۈندە ئېرىگە تاماق ئېتىش ۋە قوي - كالىلارغا قاراشتىن ئىبارەت ئىككى ئىش بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى.
«مەن ئەزەلدىن باشقا ئىش قىلىشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم، مۇقىم ئولتۇراقلىشىش تۇرمۇشى مېنى يېڭىچە تۇرمۇش يولىغا ئېرىشتۈردى» دېدى مۇستاقان.
كەشتىچىلىك ۋە تىككۈچىلىك تېخنىكىسىدىن ئىش باشلىغان مۇستاقان بۈگۈنكى كۈندە يىراق - يېقىنغا داڭلىق «كىيىم لايىھەلىگۈچى» بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆز ئۆيىنى مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئائىلە زىيارىتى نۇقتىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېزىدى.
«2019 - يىلىدىن ھازىرغىچە، ئائىلىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 6000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، كىرىمىمىز 120 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.» مۇستاقان پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئائىلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە باقكېلدىگە ئوخشاش ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلار مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، ئىشەنچى ئاشتى، قارىشىمۇ ئۆزگەردى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا.