تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چۈشىنىش

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىدىيە كۈچ دېمەكتۇر. بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئۈچۈن، نەزەرىيە تەپەككۇرى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ قالتىس مۇساپىسىدىن ماركسىزمنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتكەنلىكى، دۇنيانى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى چۈشىنىشكە، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنىڭ ھەم تومۇرداش بولغان، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى خىسلىتىنى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

يېتەكچى ئىدىيە بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ مەنىۋى بايرىقى. ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ئالدى بىلەن ئىدىيەۋى نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىلغارلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ بىر چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى. بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى بىرىنچى ۋەزىپە ئىدىيەۋى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ قالتىس مۇساپىسىدىن تارىخنىڭ نېمە ئۈچۈن ماركسىزمنى تاللىغانلىقىنى، ماركسىزمنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگونى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتكەنلىكىنى چۈشىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەشتۇر. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ مەركەزلىك يەكۈنى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىل، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ چوڭقۇر ئىخچاملىنىشى. مۇشۇ ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت بۇ باش نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىپ ئىگىلىشى، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك.

100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل.» ئىلگىرىكى كۈرەش قىلىش يولىنى ئەسلىسەك، يېقىنقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ خەتەرلىك پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم - لېنىنىزمنى تاپتى ھەم ماركسىزم - لېنىنىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ھەقىقەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدا ياراتقان ئۇلۇغ مەدەنىيلىكنى قوزغىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتتى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكىلىق ئىلمىي روھ، شەخسىيەتسىز، قورقماس، كەڭ قورساقلىق بىلەن جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. مەيلى ئوڭۇشلۇق ئەھۋال ياكى ئوڭۇشسىز ئەھۋاللاردا بولسۇن، پارتىيەمىز ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىدىن ئەزەلدىن تەۋرەنمىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم بىزنىڭ دۇنيانى تونۇشىمىز، قانۇنىيەتنى ئىگىلىشىمىز، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشىمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىدىغان يېتەكچى ئىدىيە.

نەزەرىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى يېڭىلىق يارىتىشتا. ماركسىزم جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگومۇ ماركسىزمنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتتى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ بىرلىكىدە، روھنى يېتىلدۈرۈپ ئاساسنى پۇختىلاش بىلەن توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي نەزەرىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى تۈپتىن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. مەيلى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، ياكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش بولسۇن؛ مەيلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش بولسۇن، ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش بولسۇن، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسۇن، ھەممىسىدە بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچى نامايان قىلىندى. «فىندوۋجې» ناملىق چۆككۈ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكتى، «تيەنۋېن 1 - نومۇر» مارسنىڭ توختاش ئوربىتاسىغا كىردى، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى ئېگىز تاغ - ھەيۋەتلىك چوققىلارنى كېسىپ ئۆتتى، 5G سىگنالى كەڭ شەھەر - يېزىلارنى تېز سۈرئەتتە قاپلىدى... جۇڭگو زېمىنىنىڭ تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل سۈرىتى ئېچىلماقتا، جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇرماقتا. 2020 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ GDPسى تۇنجى قېتىم 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى... بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ، ئىدىيە نۇرى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچكە ئۈزلۈكسىز ئايلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى. دەل شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى ياراتتى.

ئىدىيەنىڭ نۇرى بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتۇپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچنى ھاسىل قىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ كۈرەش داۋامىدا تاۋلاندى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇ مۇھىم ئىدىيە ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ئۇ بىزنى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال؛ ئۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى بولۇپلا قالماي، بەلكى 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم بولۇپ، دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. بىز پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى تەرەققىيات تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش تارىخىدىن بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ شانلىق ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز كېرەك؛ ماركسىزمنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەشتەك ئۇلۇغ ئىنتىلىشىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەشتەك كەڭ قورساقلىقىدىن بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.

بىر ئەسىردىن بۇيان بوران - چاپقۇنغا باش ئېگىلمىدى، 90 مىڭ گەز كۆكتە سۇمۇرغ پەرۋاز قىلدى. بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. «ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چۈشىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتسەك، بىز چوقۇم ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.