تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچقۇن دەسلەپتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يالقۇنجىغان

​− كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭدىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنقىلابىي پائالىيەت ئىزنالىرىنى ئىزدەش

قىزىل ئىزنالار ④

شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيىنىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىسى چۈشەندۈرگۈچىسى يۈ شيۇسۇڭ قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ جىسمىدىكى ئىنقىلابىي روھنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلماقتا (3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق بولۇپ، يىغىلىپ قالغان قارلار تەدرىجىي ئېرىۋاتاتتى، مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاساسىي مەكتەپ رايونىدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى، كىتاب ھىدى قويۇق بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«قىزىل بىنا» «خۇڭخۇ» «يۈ شيۇسۇڭ يولى» «لىن جىلۇ يولى»... شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدىكى ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقنىڭ ھەممىسىگە قىزىل گېن سىڭگەن بولۇپ، قىزىل مەدەنىيەت پۇرىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«يۈ شيۇسۇڭ يولى»دا ماڭغاندا، ئىككى تەرەپتىكى قىزىل مەدەنىيەت تەشۋىقات تاختىلىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، يول بويىدىكى ئاددىي، پۇختا سېلىنغان سېرىق رەڭلىك ئىككى قەۋەتلىك بىنا دەل مۇخبىر بۇ قېتىم زىيارەت قىلىدىغان مەنزىل − شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيى ئىدى.

ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭدا ماركسىزمنى تارقاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈ شيۇسۇڭ بۇ تۇپراققا ئىنقىلاب چوغىنى چاچقان، تۈركۈم - تۈركۈم كوممۇنىستلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، بوشاشماي كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، ئۇچقۇن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئاخىر يانغىنغا ئايلاندى.

ماركسىزم - لېنىنىزم پارلاق يولنى يورۇتتى

شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيى ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى «ئازادلىق بىناسى»نى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قۇرۇلغان، بۇ بىنا 1952 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، 70 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە. ساراي ئىچىدىكى ئاجايىپ قويۇق تارىخ تۇيغۇسى، قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىزىل مەدەنىيەت كەيپىياتى كىشى قەلبىنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ.

تارىخقا قايتا نەزەر سالغىنىمىزدا، قەلبىمىز لەرزىگە كېلىدۇ.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ساداسى ياڭراپ، جۇڭگوغا ماركسىزم - لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلدى. ماركسىزم - لېنىنىزم جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى دۇنياغا كەلتۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراق ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرىگە زىچ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

1935 - يىلى 5 - ئايدا، يۈ شيۇسۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ۋاڭ شوۋچېڭ) كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتىشىگە بىنائەن، بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزمنى تارقىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ يورۇقلۇققا ئىنتىلىش يولىنى يورۇتتى.

يۈ شيۇسۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي تەشەببۇس قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى. شىنجاڭدىكى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، قوشۇمچە شىنجاڭ شۆيۈەنى (شىنجاڭ داشۆنىڭ ئەسلىيسى)نىڭ باشلىقى، ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ (ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەسلىيسى)نىڭ مەكتەپ مۇدىرى، دۇبەن مەھكىمىسى چېگرا مۇداپىئە سىياسىي تەلىم - تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، ئاۋىياتسىيە مەكتىپى ۋە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ سىياسىي جياۋگۇەنى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

«يۈ شيۇسۇڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرغان مەزگىلدىكى تۆھپىسىنى مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: <مىللەتنى شەكىل، ماركسىزم - لېنىنىزمنى مەزمۇن قىلغان> مائارىپ فاڭجېنىنى تۈزۈپ، ماركسىزمنى سىستېمىلىق تارقاتقان؛ ماركسىزم - لېنىنىزمنى يېتەكچى قىلىپ، ئىنقىلابىي روھ ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشنى تەشۋىق قىلغان، سەپەرۋەر قىلغان» دېدى شىنجاڭ داشۆ ئارخىپخانىسىنىڭ ئارخىپخانا باشلىقى يۈ فۇئېن تونۇشتۇرۇپ.

ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى خارابلاشقان، بازار كاساتلاشقان، مالىيەسى قىيىنچىلىققا پېتىپ قالغان، ئەمەلدارلار سورۇنى چىرىكلەشكەن، خەلق كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالغانىدى. بۇ بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار ئىلگىرى شىنجاڭغا كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە شېڭ شىسەينىڭ تەرەققىيپەرۋەر سىياسىي پىروگرامما «ئالتە چوڭ سىياسەت»نى تۈزۈشى، تەشۋىق قىلىشى ھەم ئىجرا قىلىشىغا پائال ياردەملەشكەن، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان، شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قاتناشقان.

كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭدىكى دەسلەپكى ئىنقىلابىي پائالىيىتى ئەينى چاغدىكى شىنجاڭنىڭ چىرىك، قالاق سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يۈكسەلدۈردى، مائارىپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈردى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت، سىياسىي تەرەققىياتى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ماركسىزم - لېنىنىزم ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنى تەربىيەلەپ، ئىنقىلاب چوغىنى تۇتاشتۇردى.

«ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەرس» ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا

1935 - يىلى 11 - ئايدا، يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن، مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ، فاكۇلتېت، بۆلۈملەرنى تەڭشەپ، ئوقۇتۇش مېتودىنى ياخشىلىدى، «مىللەتنى شەكىل، ماركسىزم - لېنىنىزمنى مەزمۇن قىلغان» مائارىپ فاڭجېنىنى تۈزۈپ، شىنجاڭدا ماركسىزملىق كىشىلىك ھايات قارىشى ئارقىلىق ئاقارتىش مائارىپىنى بەرپا قىلدى.

ماركسىزم نەزەرىيەسى ئىختىساسلىقلىرىنى سىستېمىلىق يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، يۈ شيۇسۇڭ ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيەسىنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ماتېرىيالىزملىق دىيالېكتىكا قاتارلىق دەرسلەرنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تەسىس قىلدى، سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق، يېڭى پەلسەپە ۋە پەلسەپە تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆزى ئۆتتى ھەم ئىچكىرىدىكى رايونلاردىن ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شىنجاڭ شۆيۈەنى شۇنىڭ بىلەن ماركسىزمنى تارقىتىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى.

«ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەرس» شىنجاڭ داشۆنىڭ ئەينى يىلدىكى قىزىل گېننىڭ كونكرېت نامايەندىسى، شۇنداقلا قىزىل گېنغا داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىشنىڭ روشەن بەلگىسى.

«يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭ شۆيۈەنى ۋە ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە <ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەرس> پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. شىنجاڭ شۆيۈەنىگە يېڭىدىن كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى دەرسى يۈ شيۇسۇڭ يازغان <شىنخەي ئىنقىلابىدىن ساۋاق> دېگەن ماقالە بولغان.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى قىزىل مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇەن يې مۇنداق دېدى: بۇ، ماركسىزملىق نۇقتىئىنەزەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىق قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، كەڭ ياشلارغا زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك تارىخىي ۋەزىپىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە يېڭىدىن كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى دەرسىمۇ يۈ شيۇسۇڭ ئۆزى سۆزلىگەن «ئىنقىلابىي كىشىلىك ھايات قارىشىنى تۇرغۇزۇش» بولغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلابنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، يەنە توغرا مۇھەببەتلىشىش قارىشى تۇرغۇزۇش، ئىنقىلاب، ئۆگىنىش، ئىنقىلابىي ئائىلە قۇرۇشنى كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ خۇشاللىق دەپ بىلىش توغرىسىدا سەمىمىي تەلىم بەرگەن. ئۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلىگەن، كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرگەن، قاراشلىرى مۇپەسسەل، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنى زوقلاندۇرۇپ، چوڭقۇر ئىلھام بېغىشلىغان.

يۈ شيۇسۇڭ ئۆزىنىڭ قەتئىي ماركسىزملىق ئېتىقادىنى ياش، ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ماركسىزم - لېنىنىزمغا ئېتىقاد قىلىش ئۇرۇقىنى سېلىپ، تۈركۈم - تۈركۈم ياش ماركسىزم - لېنىنىزمچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.

شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈ شيۇسۇڭ يەنە بىر تۈركۈم كوممۇنىستلارنى يېتەكلەپ، بۇ تەشكىلات شەكلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ماركسىزمنى زور كۈچ بىلەن تارقاتقان. ماركسىزمنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا كەڭ تارقىلىشى ئەينى چاغدا ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىغا يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن.

«<ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەرس> بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ داشۆنىڭ قىزىل ئەنئەنىسىگە ئايلاندى. ھەر يىلى ئوقۇش باشلانغاندا، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار تۇنجى سائەتلىك دەرستە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە دەرسى ئۆتۈپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى پارتىيەۋىلىك بويىچە تەربىيەلەش مەزمۇنىنى بېيىتتى» دېدى رۇەن يې.

ئىنقىلاب چوغىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش

يۈ شيۇسۇڭ قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىنقىلابىي پائالىيىتى ئەينى چاغدىكى قالاق، بېكىنمە شىنجاڭدا مۇھىم ئاقارتىش رولىنى ئوينىغان، بۇنىڭدىن ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگەن، ئازادلىقنىڭ تاڭ نۇرىنى كۆرگەن.

شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيىنىڭ «قىزىل گېنغا ئۇل سېلىش» بۆلىكىدە، ئىنقىلابنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى − ماركسىزمنىڭ شىنجاڭ داشۆگە يېتىپ كېلىش مۇساپىسى خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا يۈ شيۇسۇڭنىڭ ھاياتى خاتىرىلەنگەن.

يۈ شيۇسۇڭ ئىنقىلابىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى شىنجاڭغا بېغىشلىغان. 1937 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شېڭ شىسەي ئاتالمىش ئۆلكە مەركىزىدىكى «سۇيىقەستلىك توپىلاڭ دېلوسى»دىن پايدىلىنىپ، يۈ شيۇسۇڭنى قولغا ئالغاندىن كېيىن يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا يالاپ ئاپارغان. 1939 - يىلى 2 - ئايدا، يۈ شيۇسۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاشنى كېڭەيتىۋېتىش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، شۇ يىلى 40 ياشتا ئىدى.

سۈرەتتىكى يۈ شيۇسۇڭنىڭ قاشلىرى قويۇق، كۆزلىرى يوغان بولۇپ، كۆزەينەك تاقىغان، قوشۇمىسى تۈرۈلگەن تۇرقىدىن ئەقىل - پاراسەت چاقناپ تۇراتتى، ئۇ كېلىشكەن، سالاپەتلىك زىيالىي ئىدى. ئۇ خۇددى زۇلمەت ئىچىدە مەشئەل كۆتۈرگەن ئادەمگە ئوخشاش، گەرچە تەقدىرى كۆپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەمىشە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا يول ئىزدەيتتى.

«20 يېشىدا يۇرتى جېجياڭدىن ئايرىلغان، يۈ شيۇسۇڭنىڭ غايىسى <كۆپچىلىكنىڭ يەيدىغان تامىقى بولغاندا، مەن ئاندىن قايتىپ كېلىمەن> ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: <مېنىڭ غايەم دۆلەتكە پايدىلىق بولغان، خەلققە پايدىلىق ھەممە يەرنىڭ ئادىمى بولۇش>» دېدى مەكتەپ تارىخى سارىيىنىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىسى چۈشەندۈرگۈچىسى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ داشۆدە جەمئىي 72 داشۆ ئوقۇغۇچىسى چۈشەندۈرگۈچى بار، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تۇنجى قىممەتلىك سوۋغىسى مەكتەپ تارىخىنى چۈشەندۈرۈش.

«يۈ شيۇسۇڭنىڭ ھاياتى ئەگرى - توقايلىققا تولغان، لېكىن باشتىن - ئاخىر غايىسى يۈكسەك، ئېتىقادى قەتئىي بولغان. ئۇنىڭ قورقماس ئىنقىلابىي روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ شىنجاڭدا غايە - ئېتىقاد ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماركسىزملىق ئېتىقادىنى چىڭىتىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە ئىلھام بەرمەكتە» دېدى رۇەن يې.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ داشۆ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 42 ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىرىپ، ئۈچ مەكتەپ رايونىغا تەرەققىي قىلىپ زورايدى، ھازىر ھەرقايسى كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 35 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئەينى چاغدا يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭغا ماركسىزمنى ئېلىپ كەلگەن، ھازىر تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئىزىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرماقتا.

«مەن يۈ شيۇسۇڭ قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ قىزىل ئىنقىلابىي روھىنى ئەتراپىمدىكى ھەربىر ئادەمگە تارقىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى بېغىشلايمەن» دېدى پارتىيەلىك داشۆ ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر يۈسۈپ.

«پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدىن ئىبارەت شانلىق پەيتتە، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، بىز قىزىل مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇيىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا كىشىلىك ھاياتىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتىمىز» دېدى پارتىيەلىك داشۆ ئوقۇغۇچىسى جاۋ يىفېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.