تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىدىن ئىبارەت بۇ «زۆرۈر دەرس»نى ياخشى ئوقۇش كېرەك

□ جاڭ بېي

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىدىكى زۆرۈر دەرس، بۇ دەرسنى جەزمەن ئوقۇش، شۇنداقلا جەزمەن ياخشى ئوقۇش كېرەك.

تارىخنى ئوقۇش كىشىنى ئاقىل قىلىدۇ. پارتىيە تارىخى ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلارلىق دەرسلىك. بۇ «زۆرۈر دەرس»نى ياخشى ئوقۇشتا، بىز پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىش، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە، پارتىيەنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇش، پەزىلەتنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

تارىخنى ئوقۇش كىشىنى ئىرادىلىك قىلىدۇ. «زۆرۈر دەرس»نى ياخشى ئوقۇشتا، ھېكايە سۆزلەش، ھېكايە ئاڭلاش قاتلىمىدىلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش، ھەقىقىي ماھارەت ئۆگىنىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى جۇشقۇن روھقا ئايلاندۇرۇپ، «ئىمتىھان بېرىش»تەك سەگەكلىك بىلەن يېڭى تارىخىي سەھىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى پۈتۈش كېرەك.

ئۆتمۈشنى بايان قىلىپ، كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىش، تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا يېڭىلىق يارىتىش. پارتىيە تارىخىدىن ئىبارەت بۇ «زۆرۈر دەرس»نى ياخشى ئوقۇپ، قەلبتىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندىلا، بىز ئاندىن پارتىيە ۋە خەلققە يۈزكېلەلەيدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىيەلەيمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.