تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتىنى ياراتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان كېۋەز سېيالكىسىدا مەشغۇلات قىلىشتىن ئىلگىرى، تۇرسۇن توختى ئۇرۇق ساندۇقى، ئۇرۇق چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى تەپسىلىي تەكشۈردى، قىزىل يالىتىلما دورا يالىتىلغان كېۋەز ئۇرۇقلۇقلىرىنى تۇتۇپ كۆردى، دانە - دانە ئۇرۇقلار ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى.

«يېرىم ئايدىن كېيىن، كۆز ئالدىمىز يېشىل مايسىلارغا تولىدۇ؛ ئىككى ئايدىن كېيىن، كۆز ئالدىمىز رەڭگارەڭ غوزەكلەرگە تولىدۇ؛ يېرىم يىلدىن كېيىن، كۆز ئالدىمىز كۈمۈش رەڭلىك پاختىلارغا تولىدۇ.» 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى سېغىزلىق كەنتىدە، تۇرسۇن سېيالكىنىڭ تۈپتۈز ئېتىز قىرىنى بويلاپ مېڭىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇراتتى، دانە - دانە ئۇرۇقلار ئۆلچەملىك ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ سولياۋ يوپۇق ئاستىغا تېرىلىۋاتاتتى، ئۇ بۇ يىللىق مول ھوسۇلغا قارىتا ئىشەنچكە تولدى.

تۇرسۇن ئونسۇ ناھىيەسى شېڭفېڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، پاختا بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىغانىدى. 2019 - يىلى، ئۇ نۇرغۇن دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە، پاختا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغاندا، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆلچەملىشىش، ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئويلىغانىدى. ئۇ ئالدى بىلەن «يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۆزىكى» دەپ ئاتالغان ئۇرۇقلۇقنى چىڭ كۆزلىدى.

تېرىش جەريانىدا، سېغىزلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت ئابدۇللا تۇرسۇنغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كەنت بويىچە بىرتۇتاش 5 - J206 كېۋەز يېڭى سورتى تېرىلغاندىن كېيىن، ياخشى پەرۋىش قىلىنغان يەردىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 570 كىلوگىرامغا يەتتى، بۇنى ئىلگىرىكى يىللاردا كەنت ئاھالىلىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى.

بۇ گەپ تۇرسۇنغا كىچىك ۋاقتىدا دىققىتىنى تارتقان پاختىكارلارنىڭ ئۇرۇقلۇق تاللاش، ئۇرۇقلۇق ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئەسلەتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، نۇرغۇن دېھقاننىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇقنى تاللاپ ئىشلىتىش ئېڭى كەمچىل بولغاچقا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلغاندا بازارغا بېرىپ ئۇرۇقلۇقلارنى خالىغانچە سېتىۋالاتتى، ھەتتا ئۆزى ئېپقالغان ئۇرۇقلۇقلارنى ئىشلىتەتتى. كېيىن ئۇرۇقلۇق بازىرى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتى، لېكىن پاختىكارلاردا ئۇرۇقلۇق تېرىغاندا باشقىلارنىڭ قانداق ئۇرۇقلۇق ئىشلەتكەنلىكىنى ئاڭلىسا، ئۆزىمۇ شۇنداق ئۇرۇقلۇق ئىشلىتىدىغان ئەھۋال يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىدى.

«ئۇرۇقلۇقنى ئىلمىي تاللاش، ئىشلىتىشتە تۇپراق ۋە كىلىمات شارائىتىنى ئاساس قىلىش، كارخانا ۋە بازار ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك. ئۇرۇقلۇق ياخشى بولسا، ئاندىن پاختا تالاسىنىڭ رەڭگى، ئەۋرىشىملىكى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى تۇرسۇن.

بۇ يىل، ئونسۇ ناھىيەسى شېڭفېڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئوبوروت قىلغان 28 مىڭ مو يەرگە يەنىلا «قوش30» ئۆلچىمىگە يەتكەن كېۋەز سورتى تاللاپ ئىشلىتىلدى. تۇرسۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ خىل سورتتىن ئۆسۈپ چىققان كېۋەز ھوسۇلىنىڭ ئېشىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك يىپ ئېگىرىش ماتېرىيالى قىلىشقا ماس كېلىدىكەن. ياخشى سۈپەتلىك كېۋەزنى تېرىغاندا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باھا ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، يەنە سۈپەت ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

5 - J206 پاختا يېڭى سورتىنى شىنجاڭدىكى بىر يەرلىك سورت يېتىشتۈرۈش كارخانىسى تەتقىق قىلىپ تاللاپ يېتىشتۈرگەن. قىزىقىش ئىلكىدە، مۇخبىر بۇ كارخانىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسىغا جايلاشقان دۆلەت دېھقانچىلىق زىرائەت سورتى رايونى تەجرىبە پونكىتىغا كەلدى. تەجرىبە پونكىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆيىدە، تەكشۈرگۈچى خادىم رىزۋانگۈل غېنى بىلەن ئالمىرە ئابلەت تۇراقلىق تېمپېراتۇرا ساندۇقىدىن بىرنەچچە مايسا يېتىشتۈرۈش قاچىسىنى ئېلىپ چىقتى، ئاندىن يەنە مايسا ئېتىزىدىن كېۋەز مايسىلىرىنى ئېلىپ، مايسىنىڭ ئۆسۈپ چىقىش نىسبىتى ۋە مايسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تىزىملىدى.

«بىر يېڭى سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە ئەڭ تېز بولغاندا يەتتە - سەككىز يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر قىش پەسلىدە ئۇرۇقلۇقنى خەينەن سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئاپىرىپ يېتىشتۈرمىگەندە، تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ جۈن. بۇ شىركەت 2005 - يىلىدىن باشلاپ كېۋەز يېڭى سورتىنى تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرغۇن كېۋەز يېڭى سورتىنى ئۆزى يېتىشتۈردى ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تاللاپ يېتىشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنلۇجۇڭ 68، 5 - J206، شىنلۇزاۋ 78، شىنخەي 62 يېتەكچىلىكىدىكى ئەۋزەل سورتلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ پاختا رايونلىرىدا ئاساسلىق تېرىلىدىغان سورتلار بولۇپ قالدى.

ئەلا سورتنى تەبىئىي مۇھىت، ھەر خىل كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى، بازار ئۆزگىرىشىنىڭ قاتتىق سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇزاق سورت يېتىشتۈرۈش جەريانىدا قايتا - قايتا سىناق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كېۋەز غوزىلىغاندىن كېيىن، ليۇ جۈن پەن تەتقىقات خادىملىرىنى باشلاپ كېۋەزلىكتە تۇرۇپ، ئەڭ ياخشى ئاتىلىق ۋە ئانىلىق تۈپنى تاللاپ سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈپ چىققان نەچچە ئەۋلاد شالغۇت ئۇرۇقلۇقتىن ئۈزلۈكسىز ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللايدۇ، ئاخىرىدا يەنە تاللاپ يېتىشتۈرگەن ئۇرۇقلۇقنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرىدۇ.

ھەرقانچە ياخشى ئۇرۇقلۇق بولسىمۇ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېڭەيتىلىشى ناتايىن. ليۇ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن كېۋەز سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن ئەگرى سىزىق بويىچە تارقالغان بولىدۇ، كېڭەيتىپ تېرىش بەلگىلىك چوققا قىممەتكە يەتكەندە، بازار ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تۆۋەنلەشكە باشلاپ، يېڭى، ئەلا سورتلار ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ. دەل ھەرقايسى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە سورت يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە، دەل ئەۋلادمۇئەۋلاد سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق بارلىققا كېلىپ ھەم شىنجاڭ تۇپرىقىدا كەڭ كۆلەمدە تېرىلغاچقا، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.