ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق كىچىك ئىشلار خەلق قەلبىنى ئىللىتتى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر»، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىيەتنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
ئالدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئالدى
خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، خەلق رايىنى بىلىش «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈش، قارىمىقىدىكى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈش، خىزمەت مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلاپ، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى نازارەت رەھبەرلىرى، ئورگان باشقارما، ئىشخانىلىرى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىلىرى بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ، ئالاقىلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈمى ئورناتتى، ھەم 3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي ۋۇجۈن قاتارلىق نازارەتنىڭ بەش رەھبىرى ئەترەت باشلاپ، ئايرىم - ئايرىم ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ھۆددىگە ئېلىپ، ئالاقىلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
ھەرقايسى ھۆددىگە ئېلىپ، ئالاقىلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش گۇرۇپپىلىرى ھەربىر جايغا بارغاندا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە ۋە قارىمىقىدىكى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەت مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ پىكرىنى يۈزتۇرا ئاڭلاپ، ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى. دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى مەركەزلەشكەن ئورتاق ئېھتىياج ۋە ساقلىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شۇ جاينىڭ مۇھىت قوغداش خىزمىتىدە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاغرىش نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش تىزىملىكى ھەم خىزمەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى تۆت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ، 230دىن ئارتۇق نۇقتىنى تاللاپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى»نى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاساس سالدى، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى كوۋ جيەنخەي مۇنداق بىلدۈردى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، فۇنكسىيەلىك رولىمىز ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان بىر تۈركۈم سىياسەت، تەدبىرلەر ۋە ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويىمىز.
پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولدى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيدى
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قويۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى، چاكارلىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى.
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى 30 نەچچە پارتىيەلىك كادىر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دۇڭسەييۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. چوڭ تازىلىقنى مەركەزلىك قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، پارتىيەلىك كادىرلار يەنە كىچىك ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، «ياردەملىشىش، بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىش»تەك كىچىك ئىشلار ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ فېڭ مۇنداق دېدى: ئۆزىمىزنىڭ فۇنكسىيەسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز.
ھازىر دەل ئەتىيازلىق چاتاشنىڭ ياخشى مەزگىلى، باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىسى ئىشتاچى كەنتىدە، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى چاتاپ بەردى، بىر تەرەپتىن كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى، ئىش ئارىلىقىدا يەنە پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى بىرقىسىم بىلىملەرنى سۆزلەپ بەردى. كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئەيسا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەر بەكلا ۋاقتىدا كەلدىڭلار، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە بىزگە پارتىيەنىڭ نۇرغۇن تارىخىي ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردىڭلار».
باي ناھىيەسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر «ئەمەلىي ئىش قىلىش»نى «يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» بىلەن ئورگانىك تۇتاشتۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى جەھەتتىكى شىكايەت تەلىپىدىن جەمئىي 1200دىن كۆپرەكى ھەل قىلىنىپ، ئامما ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىلدى. باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئىپارگۈل ئادىل مۇنداق دېدى: «بىز كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز».
خەلققە نەپ يەتكۈزدى، مەنپەئەت يەتكۈزدى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى
ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق، كىچىك ئىشلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى ئامما ئېھتىياجلىق بولغان، تەقەززا بولغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلارنى، ئامما باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلدى.
قاراماي ئايرودۇرۇمى شەھەر رايونىدىن بىرقەدەر يىراق بولۇش، يولۇچىلارنىڭ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىدا قاتناش قولايسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قاراماي ئايرودۇرۇمى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، يولۇچىلارغا يۈزلىنىپ بەش نۆۋەت قاتنايدىغان ھەقسىز ئايرودۇرۇم ئاپتوبۇسى بىلەن تەمىنلەپ، ئايرودۇرۇم بىلەن شەھەر رايونى ئارىسىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا قاتنايدىغان قىلدى، ھەم يولدا توققۇز بېكەت تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئايرودۇرۇمغا كېلىدىغان شەھەر ئاھالىسىنى ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بىلەن تەمىنلىدى، ھەم كېچىچە ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىنى ئايرىم تەسىس قىلدى.
«ھېلىمۇ ياخشى خەلق ساقچىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلار ياردەم بەرگەچكە كالىمىز قۇتقۇزۇۋېلىندى» دېدى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ چاغانغۇل يېزىسى ساربۇلاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى گۈلنۇر بۇلغۇنباي خۇشال ھالدا. يېقىندا، ئۇلارنىڭ كالىسى ئوتلاقتا يايلاۋاتقاندا، پاتقاقلىققا سەككىز سائەت پېتىپ قالغان، خەلق ساقچىسى ئاسقار مۇختار مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چېگرا قوغدىغۇچىلارنى باشلاپ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ كالىنى پاتقاقلىقتىن تارتىپ چىقارغان.
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، چىڭگىل ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى پارتىيە بىلىملىرى ئارقىلىق خەلق ساقچىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلارنى ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش بىلەن بىللە، يەنە ئەتراپتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداشقا يېتەكلىدى. ئاسقار مۇنداق دېدى: «بىز ئەسلىي مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىمىز».
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار خېي خۇڭۋېي، لى شىڭ، جاڭ يەنفاڭ، ما يىنىڭ، سۈي يۈنيەن، ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن يۈزو، دوۋ شۇاڭ، ليۇ خەيتاۋ، ليۇ چۈەنخې)