تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتتە ھويلىلىق ئۆيى، شەھەردە بىنا ئۆيى بار

ساۋەندىكى پىكاپ ھەيدەپ يەر تېرىيدىغان «قوش ماكانلىق» دېھقانلار:

كەنتتە ھويلىلىق ئۆيى، شەھەردە بىنا ئۆيى بار

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

خۇڭشۇنىڭ يۇمران بىخلىرى تۇپراقنى يېرىپ چىقىپ، بىنەپشەرەڭ ئىچىدىن يېشىللىق جىلۋىلىنىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ساۋەن شەھىرى ئۇلان ئۇس بازىرى خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شۈ ساڭ شەھەردە ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پىكاپىنى ھەيدەپ كەنتتىكى پارنىكقا كېلىپ، خۇڭشۇ مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، «يەنە ئون نەچچە كۈندىن كېيىن مايسىلار پۈتۈنلەي كۆكەرگەندە كۆچۈرۈپ تىكىمىز».

ساۋەن خۇڭشۇسى سۈپەتلىكلىكى بىلەن داڭ چىقارغان، خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتى خۇڭشۇ تېرىش ئەڭ مەركەزلەشكەن كەنت بولۇپ، 40 يىللىق تېرىقچىلىق تارىخىغا ئىگە. خۇڭشۇ تېرىش ئارقىلىق خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بېيىدى. ھازىر، كەنتتىكى خۇڭشۇ تېرىيدىغان ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەھەردىن ئۆي سېتىۋېلىپ، پىكاپ سېتىۋېلىپ، رومانتىك «قوش ماكانلىق» تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، قىشتا شەھەردە تۇرىدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە كەنتتە تۇرىدۇ، ئۇلار پىكاپ ھەيدەپ خۇڭشۇ تېرىپ، «يېڭى دېھقان»لارغا ئايلاندى.

پىكاپ ھەيدەپ كەنتكە قايتىپ خۇڭشۇ تېرىش

ساۋەن شەھەر رايونى بىلەن خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىنىڭ ئارىلىقى 30 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتوموبىلدا 40 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ. شۈ ساڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى، «بالام يازدا مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيدۇ، باشقۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىز خاتىرجەم يەر تېرىيمىز، قىشتا بىز شەھەرگە قايتىپ كەلگەندە، بالاممۇ ئۆيدىن بېرىپ - كېلىپ ئوقۇيدۇ».

42 ياشلىق شۈ ساڭ 23 يىل خۇڭشۇ تېرىغان. «خۇڭشۇ مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىش ۋە خۇڭشۇ كولاپ يەشىككە قاچىلاشتا ئادەم ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، قالغان ۋاقىتتا ئۆزۈم يالغۇز پەرۋىش قىلساممۇ يېتىشىمەن».

سۈ شاڭ 70 مو يەرگە خۇڭشۇ تېرىپ ھەر يىلى 140 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە ساپ كىرىم قىلىدۇ. ئۇ شەھەردىن ئۆي سېتىۋالدى، يەنە پىكاپمۇ سېتىۋالدى. بالىسىنى تەتىلگە قويۇپ بەرگەندە، بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنە ئىچكىرى رايونغا ساياھەتكە بارىدۇ.

مۇخبىرنىڭ خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىدىن ئىگىلىشىچە، كەنتتە خۇڭشۇ تېرىيدىغان 60 ئائىلىلىك بار بولۇپ، جەمئىي 2800 مو يەرگە خۇڭشۇ تېرىيدىكەن، شۈ ساڭ ئائىلىسى خۇڭشۇ تېرىيدىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. كىچىك تاتلىق خۇڭشۇ خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كېڭەيتكەن ئاساسلىق سورت بولۇپ، ھەر مو يەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە ساپ پايدا ئالغىلى بولىدىكەن.

ۋاڭ فۇخۇا ئائىلىسى 28 يىل خۇڭشۇ تېرىغان بولۇپ، كەنتتىكى ئەڭ تەجرىبىلىك خۇڭشۇ تېرىغۇچى ئائىلىلەرنىڭ بىرى، «مەن كەنتكە ياتلىق بولۇپ كېلىپلا خۇڭشۇ تېرىشقا باشلىغان، دەسلەپتە بەش - ئالتە مو يەرگىلا تېرىيتتىم، يېقىنقى بەش - ئالتە يىلدا بىر قىسىم يەرنى ئوبوروت قىلدىم، خۇڭشۇ تېرىش كۆلىمىم 150 موغا يەتتى.» 2020 - يىلى، خۇڭشۇنىڭ باھاسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ۋاڭ فۇخۇا خۇڭشۇ سېتىشتىن 800 - 700 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

خۇڭشۇ تېرىيدىغان ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، ۋاڭ فۇخۇا سورت تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، «مېنىڭ تېرىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى يېڭى سورت، بۇنىڭ ئىچىدە بەنلى خۇڭشۇسى، بىڭتاڭشىن خۇڭشۇسى، كىچىك تاتلىق خۇڭشۇ قاتارلىق ئون نەچچە خىل سورت بار.» بەنلى خۇڭشۇسى يۇمشاق، يېپىشقاق، خۇش پۇراق، تاتلىق بولۇپ، دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن رەڭگى ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، بەش كىلوگىراملىق ئوراپ قاچىلانغان سوۋغاتلىق خۇڭشۇنى 35 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ؛ كىچىك تاتلىق خۇڭشۇ يۇمشاق، يېپىشقاق، شىرنىلىك بولۇپ، بەش كىلوگىراملىق ئوراپ قاچىلانغان سوۋغاتلىق خۇڭشۇنىڭ باھاسى 25 يۈەندىن 30 يۈەنگىچە.

2020 - يىلى، ۋاڭ فۇخۇا تېرىغان بىڭتاڭشىن خۇڭشۇسىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 10 يۈەندىن 12 يۈەنگىچە ساتتى، ھەممىسىنى سوۋغاتلىق قاپ قىلىپ ئوراپ قاچىلاپ ساتتى.

ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق خۇڭشۇ سېتىش

لى شېڭلياڭ ئائىلىسى خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئۇ ئارقا - ئارقىدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىدىن 2000 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئالدى ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ كېڭەش باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. «ھازىر كەنتتىكى ياشلار شەھەردە ئىشلەيدۇ، ئۆيىگە قايتىپ يەر تېرىشنى خالىمايدۇ، ياشانغانلار يەر تېرىيالمايدىغان بولغاچقا، شەھەرگە بېرىپ كۈتۈنىدۇ. مەن بۇ يىل 43 ياشقا كىردىم، دەل تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ۋاقتىم بولغاچقا، يېزىدا يىلتىز تارتىپ يەر تېرىۋاتىمەن» دېدى لى شېڭلياڭ.

بۇ يىل، لى شېڭلياڭ 1200 مو يەرگە كېۋەز، 700 مو يەرگە كۆممىقوناق، 70 نەچچە مو يەرگە خۇڭشۇ تېرىماقچى بولدى. ھازىر دەل كۆممىقوناق تېرىش پەسلى، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، لى شېڭلياڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى ئۆيىدىن پىكاپىنى ھەيدەپ يېزىغا قايتىپ كېلىپ، كۆممىقوناق تېرىشنى تەشكىللىدى.

«خۇڭشۇ تېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ، مەنمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ئاندىن تېرىشقا باشلىدىم.» لى شېڭلياڭ مۇنداق دېدى: خۇڭشۇ تېرىش تەجرىبەم موللاشقاندا، بازار ئېچىلغاندا، تېخىمۇ كۆپ يەر ئاجرىتىپ خۇڭشۇ تېرىيمەن.

يېقىنقى ئىككى يىلدا، لى شېڭلياڭ ئىزچىل ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، 2020 - يىلى كوپىراتىپنىڭ كوللېكتىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە پوچتا ئىدارىسى تورىدا سېتىش ئارقىلىق يېرىمدىن ئارتۇق خۇڭشۇنى سېتىپ بولدى، «توردا ساتقاندا، خۇڭشۇنى ئامباردا ساقلاش، ئوراپ قاچىلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تەلەپ قويۇلىدۇ، بۇ يىل ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىپ، ئۈرۈمچى بازىرىدا مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن».

مول سېلىن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش

ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش يۇرتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ساۋەن شەھىرى قاتارلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ناھىيە، شەھەر ھەم بىڭتۇەننىڭ 1 - شى، 2 - شى، 4 - شى، 8 - شىسىدا مول سېلىنلىق تۇپراق 9 مىليون 850 مىڭ موغا يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ساۋەن شەھىرىدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مول سېلىن نىسبىتى %60تىن يۇقىرى ئىكەن.

«ئۇلان ئۇس بازىرى مول سېلىنلىق تۇپراق بەلبېغىغا جايلاشقان، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا بىز ئىزچىل مول سېلىن كەسپى بەرپا قىلدۇق، بۇ مول سېلىنلىق خۇڭشۇ، مول سېلىنلىق تېرىق، مول سېلىنلىق كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى ساۋەن شەھەرلىك مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا ئىدارىسىدىن خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ما خەيلۇڭ.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇڭشۇ سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتى يەنە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشنى سىناپ كۆردى. بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈش ئارقىلىق تورداشلار خۇڭشۇدىن مول ھوسۇل ئېلىنغان مەنزىرىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە يېزىلارنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى كۆردى؛ كىچىك ھويلىلارنىڭ ئالدىغا كۆكتات تېرىلغان، ئۆي ئىچىدە زامانىۋى ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى مەنىلىك، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

نۆۋەتتە، ئۇلان ئۇس بازىرى شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن مول سېلىنلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش توختامى ئىمزالاپ، دائىملىق تەمىنلەش - سېتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانىدىكى نىشان بويىچە، كەنت يەرنى ئوبوروت قىلىپ مەركەزلەشتۈرۈپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى +دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، مول سېلىن كەسپى سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.