تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىدىكى بەختلىك تۇرمۇش

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى (4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىنى بويلاپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىگە كەلدۇق.

كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىگە كىرگىنىمىزدە، سۇس سېرىق رەڭلىك رەتلىك سېلىنغان بىنالار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، ياپيېشىل چىملىق، دەل - دەرەخلەر، ئارام ئالىدىغان شىپاڭلار، چېنىقىش سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا، ياشانغانلار دەم ئېلىپ سەيلە قىلىشىۋاتاتتى، بالىلار ئىككى - ئۈچتىن بولۇپ بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى، ياشلار ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى... بۇ يەردە، 6688 كىشى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن كېيىنكى بەختلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىۋاتاتتى.

كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ سەككىز كىلومېتىر غەربىدىكى جايغا جايلاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى باقالماسلىق»تەك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پامىر ئېگىزلىكىدىكى چەت - ياقا تاغلىق رايوندا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن چارۋىچىلار شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارقا - ئارقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى.

تاغدىن كۆچۈپ چۈشكىنىگە تۆت يىل بولغان گۈلباھار ئاخۇن ئاللىقاچان مەھەللىدىكى يېڭى تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغانىدى. ئۇ بىر جۈپ چېۋەر قولىغا تايىنىپ جېزئويماق قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تويلۇق لازىمەتلىكلەر ۋە مۇراسىم كىيىملىرى قاتارلىق زاكازلارنى مەخسۇس قوبۇل قىلدى. «ھازىر ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلىدىم، ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر قاتناش بارغانسېرى قولايلىشىپ، بىزنىڭ كەشتە مەھسۇلاتلىرىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارغا سېتىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل، مەن ئۆزۈم ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ قەشقەرگە مال يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن. ھازىر قەيەرگىلا بارساق، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭىدىغان بولدۇق، ئىنتايىن قولايلىق.» گۈلباھارنىڭ چېھرى بەخت كۈلكىسىگە تولغانىدى.

مەھەللىدىن چىقىپ پىيادە ئون مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن، بىز ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە رايونىغا يېتىپ كەلدۇق، 1712 پارنىكتا بەخت مېۋىلىرى يېتىلمەكتە ئىدى.

مەمەتغوجى شىرئەلى ئائىلىسىنىڭ پارنىكىغا كىردۇق، ياپيېشىل ئۆسكەن پېلەكلەر پارنىكنىڭ ھەممە يېرىگە ياماشقان بولۇپ، پېلەكلەر ياپيېشىل، يۇپيۇمىلاق شوخلىلارغا تولغانىدى. يەنە 20 كۈندىن كېيىن، بۇ شوخلىلارنى بازارغا سالغىلى بولىدىكەن. 34 ياشلىق مەمەتغوجى شىرئەلى ئۆز پارنىكىنىڭ مول ھوسۇلغا تولغانلىقىنى كۆرۈپ قەلبى شادلىققا چۆمدى.

ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى قىزىلتو يېزىسىنىڭ غىجەك كەنتىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن چاغلىرىمدا پادا بېقىپ تىرىكچىلىك قىلاتتىم، بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىغان «كەسپىي دېھقان»غا ئايلاندىم، بۇلارنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم.

ئىزچىل پادا بېقىش ۋە پارچە - پۇرات ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن مەمەتغوجى ئىلگىرى ئەزەلدىن تېرىقچىلىق قىلىپ باقمىغان بولۇپ، پارنىك تېرىقچىلىقىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 2018 - يىلى، ئۇ تېرىقچىلىقنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، دەسلىپىدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى. «دەسلەپتە تېرىقچىلىق قىلىشنى بىلمىگەچكە، تۇنجى يىلى كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدىم، بىر پارنىكنى بىر مەۋسۇم تېرىپ ئاران 3000 يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەھەللە تېخنىك خادىملارنى تەشكىللەپ بىزنى تەربىيەلىدى، بۇلتۇر تۆت پارنىكتىن 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ يىل مەن بۇ پۇل بىلەن يەنە ئۈچ پارنىكنى ھۆددىگە ئالدىم» دېدى مەمەتغوجى.

شوخلا پىشاي دەپ قالغاچقا، مەمەتغوجى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا باشلاپتۇ. شوخلا پىشىشى بىلەنلا، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىگە توشۇپ، ھەرقايسى چوڭ كۆكتات توپ سېتىش بازىرىدا ساتالايدىكەن.

پاكىز، رەتلىك بىنالاردا ئولتۇرۇش، سۇ، توك، گاز، پار، تورنىڭ ھەممىسى تەل بولۇش، ئەزەلدىن ئۇچرىشىپ باقمىغان «تېخنىكىلىق» ئىشلارنى قىلىش باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە ئىلگىرى ئىنتىلسىمۇ ئەمما ئېرىشەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشنى ئېلىپ كەلدى.

«بۇ يەردە بىز ھەممە ئائىلىنىڭ شۇغۇللىنىدىغان كەسپى بولۇش، ھەممە كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇ بىزنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئاساس سالدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز <ئۇششاق چارۋىنى ئازايتىش، چوڭ چارۋىنى كۆپەيتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش> جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، <مەركەزلىك بىرلەشتۈرۈپ بېقىش>نى ئاساس قىلغان تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوئېنلۇن جيايۈەن زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە رايونىغا تايىنىپ زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، <باشلامچى كارخانىلار + جەمئىيەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار + سۈپەتلىك ماركا>دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، ئۇرۇقلۇق، مايسا بىلەن تەمىنلەش، تېخنىكىلىق يېتەكلەش، سېتىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، يېشىل تېرىقچىلىق، ئېكولوگىيەلىك مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭى تىپتىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دېدى ئاقتۇ ناھىيەسى چارلۇڭ بازىرىنىڭ بازار باشلىقى ئاسىيە تۇرسۇن.

□ مۇخبىر خاتىرىسى

يېڭى تۇرمۇش يېڭى كۈرەش

□ پەرىزات ئابدۇل

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلەكتىكى باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ 2 - كۈنى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ زىيارەت قىلدۇق.

كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە مەمەتغوجى شىرئەلى بىلەن كۆرۈشكىنىمدە، ئۇ خوتۇنى بىلەن كۆكتات پارنىكىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانىدى. يەنە 20 نەچچە كۈندىن كېيىن، پارنىكتىكى 1 - تۈركۈم شوخلىلار بازارغا سېلىنىدىكەن.

مەمەتغوجى ئائىلىسى كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدىكى ئاز - تولا نام چىقارغان پارنىكتا كۆكتات تېرىش ئائىلىسى. تۆت يىل ئىلگىرى، ئۇ ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان قىزىلتو يېزىسىنىڭ غىجەك كەنتىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتىكەن، يازدا قوي بېقىپ، قىشتا سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، نامرات تۇرمۇش كەچۈرەتتىكەن.

باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، مەمەتغوجى پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسى كۇرسىغا قاتنىشىپ، پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپتۇ. تۇنجى يىلى بىر پارنىكتا جاڭدۇ تېرىپ 3000 يۈەن كىرىم قىلىپتۇ؛ ئۈچىنچى يىلى(2020 - يىلى) تۆت پارنىكتا شوخلا ۋە قوغۇن تېرىپ، 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپتۇ؛ 2021 - يىلى يەتتە پارنىكتا... ئۇ ئەمدى ئۇ يەر - بۇ يەردە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان چارۋىچى ئەمەس، بەلكى تېخنىكا بىلىدىغان، دىتى بار تېرىقچىلىق ماھىرىغا، بېيىش باشلامچىسىغا ئايلىنىپتۇ.

كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن مەمەتغوجى يىلمۇيىل نەتىجىگە ئېرىشىپتۇ. 2020 - يىلى، ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپتۇ.

زىيارەت جەريانىدا، مۇسا ياقۇپمۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن مۇسا كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە بىر ساتىراشخانا ئېچىپ، كۈنىگە 200 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىكەن. ئائىلىسىدە ئىككى ئادەم مېيىپ بولغاچقا، مۇسا 16 يېشىدىلا ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان ئىكەن. ئۇ ئاۋۋال ئىچكىرى رايوندىكى ئاياغ زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەپتۇ، كېيىن يەنە ساتىراشلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، ساتىراشخانا ئېچىپ، ئاخىر جاپالىق كۈنلەر بىلەن خوشلىشىپتۇ. مۇسا ئۆز ئەھۋالىدىن ئانچە رازى بولماي، بۇ يىل ئىگىلىك تىكلەش ئىلتىماسى سۇنۇپتۇ، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇپتۇ.

مەمەتغوجى ۋە مۇسالا ئەمەس، كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدىكى 1667 ئائىلىلىك 6688 كىشىنىڭ ھەممىسى بۇ جايدىكى يۇلغۇنلارغا ئوخشاش مۇشۇ جايدا يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا.

يېڭى ئۆي، يېڭى يول، يېڭى تۇرمۇش، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋاب قەغىزى، شۇنداقلا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۈرەش ئىزناسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل ئەتىگە قۇچاق ئاچقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.